nurjahan0997 يوللىغان ۋاقتى 2014-6-8 05:40 PM
ۋۇي راستىنلا شۇنداق ئىكەن جۇمۇ....5-6 يىل ساقلاپ ئوقۇپمۇ ...
مۇۋەششەھ دەپ ئىزاھات بېرىلگەن ھەربىر شېئىرىي ئەسەرنى تازا زەن سېلىپ ئوقۇسىڭىز، ئۇنىڭدا چوقۇم بىرەر ئىسىم (ئادەم ياكى نەرسىلەرنىڭ) شەكىللەنگەن بولىدۇ.
كىساللىكلىرىمىز مۇشۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزى سۆيگەن ياكى ئۆزىنى سۆيگەن يۇرت ماكان، دوست-يار،قېرىنداشلىرىغا كۆڭلىنى ئىزھار قىلىپ كەلگەن....
بىر نەچچە ئۆرنەك يوللاپ قويۇشنى لايىق تاپتىم:
ئوغلۇمغا
(مۇۋەششىەھ)
ئوسمانجان زۇنۇن(لاۋا)
ئىزلىرىم ئۆچمەس مىنىڭ بولغاچ ماڭا سەن ئىز باسار،
كۆزلىرىمدە چاقنىغاي كۆرسەم سىنى ھەر،ئىپتىخار.
مەن ھېرىپ كەلسەم يىراقتىن «دادا !» دەپ چىقساڭ ئۇدۇل،
ھاردۇقۇم چىققاي شۇئان، قەلبىمدە پارلاپ لالىزار.
رەھنىماھ ئەيلەپ ساڭا باغرىمنى مىڭ قالقان قىلىپ
بارچە ئىخلاسىم بىلەن بوينۇڭغا ئاستىم تىلتۇمار.
ئالقىنىڭدا يۈزلىرىمنى سىيلىساڭ مەخمەل كەبىي،
سۆيۈنۈپ سەندىن،سىزەرمەن ئۆز-ئۆزۈمنى بەختىيار.
نەگە بارساڭ بىللىدۇر مېھرىم مىنىڭ بىر سەن بىلەن،
چۈنكى ئوغلۇم مەن ئۈچۈن جاندىن ئېزىز سەن ،ئەتىۋار.
بۇنىڭدا«ئىمران»دېگەن ئىسىم ھاسىل ئىكەن.
بارمۇ
(مۇۋەششەھ)
(بۇ شېئىر شائىر، يازغۇچى ئابدۇقادىر سادىرغا گۇمىدا تون كىيگۈزۈلگەن پائالىيەتتە نەق مەيداندا دېكلاماتسىيە قىلىنغان)
«ئاسمىنىڭدا ئاي بارمۇ، پىيالەڭدە چاي بارمۇ؟»
سالام بېرەي دەپ كەلدىم، يۈرىكىڭدە جاي بارمۇ؟
بىھۇش بولدۇم خۇشلۇقتىن دىدارلىشىپ سەن بىلەن،
ماڭا بۇدەم كېزىشكە يەنە يېڭى ساي بارمۇ؟
دىلخانەڭنى ئاقتۇرسام ئارخىپلىرىڭ پۈتۈكسىز*،
سۇنسام ئالتۇن كۆڭۈلنى «توختا گاداي،ھاي!» بارمۇ؟
ئۇچقۇر يىللار «بالىلىق قەيەردىسەن؟»** دېگۈزدى،
تۇلپار بولدۇڭ يېنىڭدا مەندەك يانداش تاي بارمۇ؟
«قاقشال توغراق»*** دىللارنى سۆيۈندۈردى ئاجايىپ،
يەنە يېڭى ئىجادقا يۈرىكىڭدە ماي بارمۇ؟
ئالىمىڭ بەك پاكىزە، «قارا چېقىن»**** بۇزالماس،
ئەگىپ كەتمە يولۇڭدىن سەبرى-تاقەت، پاي بارمۇ؟
دىيانەتنى مىزان قىپ ياشىغاچقا ھاياتتا،
پۇشايمانسىز بۇ ئۆمرۈڭ، دەردۇ-پىغان، ۋاي! بارمۇ؟
ئى سادىرى نەزەر سال پۇلنى تېپىپ پاتمانلاپ،
خەلقى تۇتقان ئىززەتلىك توننى كىيگەن باي بارمۇ؟
روھىڭ بولغاي بىز ئۈچۈن ئىرادىنىڭ تېمسالى،
بۇ «كۈلپەتلىك تەقدىر»*****گە ئېگىلىشكە راي بارمۇ؟
ئىزاھات:
*بەلگىسى قويۇلغانلىرى ئاپتورنىڭ نەشىر قىلىنغان كىتابلىرىنىڭ نامى
2003-يىلى.سىنتەبىر.گۇما يولىدا ماشىنىدا يېزىلدى.
(بۇنىڭدا «ئابدۇقادىر » دېگەن ئىسىم ھاسىل ئىكەن.
سېنىڭ ناخشاڭ
(مۇۋەششەھ)
ئەمەتجان يۈسۈپ
سەنەملەر جىلۋىسى بالقىپ سېنىڭ گۈلگۈن جامالىڭدىن،
ئەنە **مەشرەپ كېلەر مەستخۇش *«ۋېسال» ئىزدەپ ئاۋازىڭدىن.
ناۋا بىرلە غېرىپ *«كاككۇك»، ئۈچۈن زەينەپ تۆكەر قان-ياش،
ئۇنىڭ كۆڭلى تاپار تەسكىن *«سېنىڭ ناخشاڭ»-دۇتارىڭدىن.
بېرىپ ئوتلۇق سالامىڭنى،دېدىڭ ئەلگە*«سالام خەلقىم»
ئەشۇ دەم ئىرىدى بۇ تەن مۇھەببەتلىك جاۋابىڭدىن.
رىزا ئەيلەپ ئىجادىڭدىن *«ئانا يۇرت» كۈلدى ئەجرىڭدىن،
تۇرار*«ئوتلۇق كېچە»چاقناپ،گويا يۇلتۇز نىگاھىڭدىن.
ئۇلۇغلۇقنى تاپار ئىنسان،ئەجىر-مېھنەتتە،پاكلىقتا،
راۋان بولغاي يولۇڭ ھەردەم گۈزەل ئارزۇ-قارارىڭدىن.
سەير ئەتسەم سەنئەت گۈلشەنىنىڭ ھەغدا قىزىكەنسەن،
ئۇرۇپ بۇلبۇل كەبئى خەندان كۈلۈپ ئۆتكەن باھارىڭدىن.
ناۋا قىلساڭ بولۇپ تەڭكەش ***«ھەسەن-ھۈسەن» جۇلاسى بار
نىسىپ بولغاي ساڭا ئاتەش نەپەسلەر دىل ئارامىڭدىن.
2011-يىل 17-سىنتەبىر
بۇنىڭدا «سەنۇبەر تۇرسۇن»دېگەن ئىسىم ھاسىل ئىكەن....
يۇقارقى نەقىللەر «يازغۇچىلار مۇنبىرى»دىن ئېلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazaratqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-9 03:08 PM