قىز-ئاياللار تىرىسىنى ئاسىرغانغا نىمە يەتمەيدۇ . بىراق ئاسىرايمەن دەپ ، ھەر كۈنى ئىككى سائەتتەك ۋاقىتنى گىرىم ئىشكاپىنىڭ ئالدىدا ئۆكۈزۋەتسە بۇ بولمايىتتى .
تەبئىي گىرىم بويۇملىرى بىلەن زاۋۇتتا ياسالغان گىرىم بويۇملىرىنىڭ پەرقى . تەبئىي گىرىم ئاياللارنىڭ يۈزىنى نۇرلۇق ، پاقىراق ، سۈزۈك كۆرسۈتىدىكەن پاسسىپلىقى بولسا تىرىدىكى داغ ، سەپكۈن ، قوتۇر يۈزلەرنى ياپالمايدىكەن ، زاۋۇت گىرىمى بولسا يۇزنى نۇرلۇق ، پاقىراق قىلالمايدىكەن . بىراق ئەسكى تامغا زاماسكا بەرسە تامنىڭ يۈزدىكى تۆشۈك، يىرىقچىلار ، قوتۇر ... قاتارلىقلارنى بىر پۇتۇن ياپقاندەك ، يۈزدىكى ئىللەتلەرنى بىر پۇتۇن يىپىپ كىتىدىكەن .
بۇ ئىككى خىل گىرىم يۈزنىڭ كىيىللىككە بولغان تەسىرى بولسا تەبئىي گىرىمنى ئاخشىمى يۈيىۋەتمىسىمۇ ياكى ئۈزۈن ۋاقىت ئىشلەتسىمۇ ئەكىس تەسىرى بولمايدىكەن تىخى تىرىنىڭ ھاياتى كۈچى ساقلاپ قالدىكەن .
زاۋۇت گىرىمىنى بولسا ھەر ئاخشىمى يۈيىۋەتمىسە . يۈزنىڭ ئۈستۇن قەۋەت پەردىسىنى توسۇۋالغان بولغاچقا تىرە بېئولوگىيلىك پائالىيەت ئىلىپ بارالماي تىرە لەش دەرىجىسىگە قاراپ ماڭىدىكەن . بارا-بارا خالتىلىشىپ كىتىدىكەن.
زاۋۇت گىرمى بىلەن تۇققاندارچىلىقى كۆپ ئاياللارنى ھازىر كىشىلەر قۇلپا رەڭ خىنىملار دەپ قويدىكەن.
بىرىلككە كەلگەن قاراش ئاياللار جايسى خىلدىكى گىرىم بويۇمللىرىنى ياقتۇرسا شۇنى تاللىغىنى ئەۋزەل . بىز ياخشى بولسۇن دەپ پىكىر قىلساق دەشنەم ئاڭلايمىز .
ئىشقىلىپ بىز بار گەپنى دەپ قويدۇق
. يۈز بىزنىڭ ئەمەس . لىكىن بىزلەرگە چىرايلىق يۈزلەر لازىم .
ئىشقىلىپ كوچا-كويلاردا گىرىمى قاملاشقان قىز-ئاياللارغا كۆز سالمايدىغان { مەندىن باشقا } ئەركەك زاتى بولمىسا كىرەك ؟!
ھەر نەرسە ھىرىپ-ھارچارمىش دەيدۇ دانىشمەنلەر . كۆز چارچىغنادا بىرى ئۇخلاپ بەرسە ، ئىككىنجىسى چىرايلىق نەرسىلەرگە بولۇپمۇ گىرىمى چىرايلىق ئاياللارغا قاراپ بەرسە ھاردۇقى چىقارمىش .
ئەتىگەن كۈن چۈشكىچە ئۇخلاپ كۆزۈم ئاغىرىپ كەتتى . بۇ ئىنكاسلارنى يېىزىۋىتىپ كۆزۈم توساتتىن ئاغىرۋاتىدۇ جۇمۇ !!! - چىقىپ كۆزۈمنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىپ كىرەي مەن خوش