شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاۋاز ئارتىسلىرىغا بەك كۆيىمەن جۇمۇ مەن ! بەك پەخىرلىنىمەن !
قەلبىنۇر ئەلنازىنىڭ ‹ تىمساھ پاجىئەسى› دېگەن كىنۇدىكى ئاردىغا بەرگەن ئاۋازىغا بەك كۈيىمەن. شىشىياڭيۈنگە بەرگەن ئاۋازىمۇ بەك نوچى! گۈلزار نۇردۇننىڭ ئاۋازى دىڭ جىيەنگە بەك چۈشىدۇ ئەمما ، خۇددى دىڭجىيەننىڭ ئۆزىنىڭ ئاۋازىدەك! گۈلزار ئابدۇقادىر يىغلىسا بەك ئامراق مەن، بەك چىرايلىق يىغلايدۇ، چىمەن مۇخلىسنىڭ ئاۋازى ۋاڭ يارۇدىن باشلاپ تۇنۇشقۇ دەيمەن ماڭا، ئەڭ ئاخىرىدا يەنە بىر كۆرسەمدىكى مومايغا بەرگەن ئاۋازىغىچە شۇنچىلىك ياخشى كۆرىمەن.يېقىنقى نەچچە يىلدا كۆزگە كۆرۈنگەن ئارتىسىمىز چىمەنگۈل ئابلىزنىڭ ئاۋازىمۇ شۇنچىلىك مۇۋاپىقىيەتلىك، سەي شىشى بىلەن يىنبوغا ، يەنە ھېلقى كورىيە كىنۇسىنىڭ ئىسمى نېمىتى ؟ چايچى كېنزەكمىتى ؟ شۇ ، شۇنىڭغا بەرگەن ئاۋازلىرىغا شۇنچىلىك ئامراق مەن. ھاۋاخان ھېيتقىغۇ گەپ كەتمەيدۇ، بەش ياش چېغىمدىلا دورايتتىم ئۇنى:‹ ھېلى ئىلمەك بۇرۇنچۇ..› دەيدىغان كىنۇسىنى بەك دورايتتىمكەن، ھەدىلىرىم شۇنداق زاڭلىق قىلىدۇ ھىلىغىچە.. مۇنەۋۋەر ئابلەت- روزا، جۇلى
ئەمما شۇنچىلىك رەزىل بېرىۋەتكەنكى ئاۋاز دېگەننى ، ئىجابى روللىرىمۇ بەك گۈزەل، ئالماس بىلەن ئۆتكەن ھاياتنى ياخشى كۆرىمەن. مۇنەۋۋەر ئابلەت مۇلايىم ئاياللارغىمۇ يارىشاتتى بەكلا، رەھمەتلىكنىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولسۇن..ئىشقىلىپ بەك ياخشى كۆرىمەن ھەممىسىنىڭ ئاۋازلىرىنى، كىچىكىمدە پەرھات ئابدۇرىشىتقا يۇشۇرۇن كۆيەتتىم
بوپمۇ ھېلىقى جۇيۈگە ئاۋاز بەرگەندە :‹ جۇيۈنى ياراتقان تەڭرىم، نېمىشقا جۇگېلىياڭنى ياراتقانسەن!...› دەپ ۋاقىراپ ئۆلۈپ قالغاندا تازا يىغلىغان مەن .
پەرھات تالىپنىڭ ئاۋازىنىڭ ئوماقلىقىچۇ تېخى ! :‹ قېينانا ، مەن يەنە قايتىپ كېلىمەن جۇمۇ !› دەيدىغان يېرى قىززىق ھە !
ھەممىدىن .. بىر چاغلاردا باۋچەيگە ئۆچلىكىمدىن رىزۋان ئابدۇقادىر ھەدىمىزنىڭ ئاۋازىغىمۇ بەك ئۆچ ئېدىم، كىچىكلىكتە.. ئاۋازى سىلىق دەپ ئاپام بەك ياخشى كۆرىدۇ ئەمما، مالۋىنا بىلەن يانۇئارىياغىمۇ شۇ ھەدىمىز بەك ياخشى ئاۋاز بەرگەن ..
رىزۋان ياسىن ، شەۋكەت مۇھەممەت، يالقۇن سەپەر .. بەك جىق ئىشقىلىپ، بىرسى بىرسىدىن قابىليەتلىك! ھەر بىرىگە چەكسىز ھۈرمەت ۋە سالاملىرىم بولغاي، قەلبىنۇر ھەدىمىزنىڭ ھەم تېنىگە سالامەتلىك،ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن، خەلقىمىز ئاۋازىڭلارنى مەڭگۈدىن مەڭگۈ سۆيىدۇ ۋە ئۇنۇتمايدۇ ئەزىزلىرىم !