kadirsiz يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 03:34 PM
ئەپسۇس كۆپىنچىمىز سادىر توغۇرلۇق باشلانغۇچتىكى ئەشۇ ...
باھادىر ئەزىمەت-سادىر پالۋان
ئىلى دىھقانلار ئىنقىلابىنىڭ داڭلىق سەركەردىسى،خەلق قۇشاقچىسى سادىر پالۋان زۇلۇم ئەۋج ئالغان ، ئادالەتسىزلىك ھۈكۈم سۈرگەن چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغانىدى.
سادىر پالۋان 1798-يىلى باھاردا،موللىتوختىيۈزى(ھازىرقى غۇلجا ناھىيسىنىڭ جېلىليۈزى يېزىسى موللىتوختىيۈزى كەنتى)دە دىھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى ئەخمەت بۇلۇپ،ئۇ خۇش پېئىل ئادەم بولغانلىقتىن كىشىلەر ئۇنى <<خۇشئەخمەت>> دەپ ئاتىشاتتى.ئۇنىڭ ئائىلىسى چىڭ سۇلالىسى ھۈكۈمىتىگە قارشى كۈتۈرۈلگەن ئۈچتۇرپان قوزغ-
ىلىڭىدىن كىيىن،1767-يىلىغىچە ئۈچتۇرپان،خۇتەن،يەكەن،قۇمۇل ۋە باشقا شەھەرلەردىن بۇلۇپ،ئىلىغا كۈچۈرۈلگەن ئالتە مىڭ ئائىلىكنىڭ بىرى ئىدى.ئۇنىڭ ئەسلى يۇرتى خۇتەن قاراقاش ناھىيسى توقماق مەھەللىسى بۇلۇپ،بۇ مەھەللىدىكىلەر تۇنجى قېتىم چىڭ سۇلالىسى ئىستىبىداتىغا تاياق-توقماق كۈتۈرۈپ قارشى چىققانلىقتىن،مەھەللە نامى<<توقماق>>دەپ ئاتالغان.
شۇنداقلا بۇ مەھەللە كىشىلىرى دەسلەپكى سۈرگۈندە ئىلىغا ھەيدەلگەنلەر ئىدى.
سادىر پالۋان بالا چېغىدىلا ئاتا-ئانىسىدىن ۋە مەھەللىدىكى بۇۋاي-مۇمايلاردىن نۇرغۇن ھىكايە،چۆچەك،قۇشاق ۋە
تېپىشماقلارنى ئاڭلاپ يادلىۋالغانىدى،كىيىنچە ئۇ سازلارنىمۇ ئۈگىنىپ ئۇستا ناخشىچى بۇلۇشقىمۇ ئۈلگۈردى.ئۇ ئۈگىنىش ۋە ئىشتىن زادىلا زىرىكمەيتتى.
سادىر پالۋان ئۆمرىدە ئون ئۈچ قېتىم زىندانغا تاشلانغانىدى.تۇنجى قېتىم قوشنىسىنىڭ قىزىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن چىرىكلەر بىلەن ئېلىشىپ دۆڭيامۇلغا سۇلانغانىدى ھەم قامالغانلىقى توغرىسىدا مۇنۇ قۇشاقنى تۇقۇپ چىقتى:
سادىر دەپ ئېتىم يامان،
ئون بەش ياشتا ئاتالغان.
دەسلەپكى تۇتۇلغاندا،
دۆڭيامۇلغا سۇلانغان.
1818-يىللىرى سادىر پالۋان قازانچى جىلغىسىغا يىغىلغان <<قاچاقلار>>نى تەشكىللەپ قوزغىلاڭ كۈتۈردى.ئۇلارنىڭ ھەممىسى چىڭ سۇلالىسىنىڭ زۇلىمىغا چىدىماي چىققانلار ئىدى.
1835-يىلىدىن1840-يىلىغىچەسادىر پالۋان قازانچىدىكى قوزغىلاڭچىلار ئەترىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.تەرەپ-تەرەپتە قوزغىلاڭ كۈتۈرگەن قوزغىلاڭچىلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتتى.قۇشۇننى كۈپەيتتى.تاغلاردا پارتىزانلىق ئۇرۇشى ئېلىپ باردى.بۇ جەرياندا يەنە يامۇلغا ئۈچ قېتىم سۇلاندى.
1858-يىلى چاررۇسىيە سودىگەرلىرى چاررۇسىيە مۇھاجىرلىرىنى قوغداشنى باھانە قىلىپ،ئىلى كونسۇلخانىسىغا ئىككى يۈز كىشىلىك قۇشۇن ۋە ئىككى زەمبىرەك ئۇرۇنلاشتۇردى.چاررۇسىيە ھۈكۈمىتى چىڭ سۇلالىسى ھۈكۈمىتى بىلەن بىرلىشىپ سادىر پالۋان باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچى قۇشۇنغا قارشى ئاتلاندى.
1864-يىلى سادىر پالۋان ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق قوزغىلاڭچى قۇشۇنغا باشچىلىق قىلىپ غۇلجا شەھىرىگە كەڭ كۈلەملىك ھۇجۇم قوزغىدى.شەھەر خەلقى بۇ ھۇجۇمغا ئىچكى جەھەتتىن ماسلاشتى.ئون ئۈچ كۈنلۈك ئۇرۇشتىن كىيىن غۇلجا شەھىرى تۇلۇق ئازاد قىلىندى.
1865-يىلى چىلىپەڭزە ھاكىمى سادىر پالۋان باشچىلىقىدىكى قۇشۇندىن قورقۇپ ئۆزلىكىدىن تەسلىم بولدى.
مىللى ۋە سىنىپى زۇلۇمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن 1864-يىللىرى ئىلى سۇلتانلىقى ۋاقىتلىق ھۈكۈمىتى قۇرۇلۇپ ئۇنىڭغا ئىلگىرى-كىيىن بۇلۇپ مەزەمزات،پوچى مەھمۇد،موللا شەۋكەتئاخۇن،ئەلاخانلار سۇلتان بولدى.
ۋاقىتلىق ھۈكۈمەت قۇرۇلغاندىن كىيىن بايانداي قەلئەسىگە ئۈچ قېتىم ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ بايانداينى ئازاد قىلالمىدى.
سەۋەبى سادىر پالۋاننىڭ ئىناۋىتىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئۈسۈپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ ھەسەت قىلغان ۋاقىتلىق ھۈكۈمەتنىڭ باشلىقلىرى ئۇنىڭغا بوھتان چاپلاپ زىندانغا سۇلىتىۋەتكەنىدى.سادىر پالۋانغا كەلگەن ئەلەم بۇلا بولماستىن 1856-يىلى رۇزا ئېيىدا چىچەك كىسىلى تەگكەن ئالتە پەرزەنتىدىن بىراقلا ئايرىلىپ قالغانىدى.ئايالىمۇ بالىلىرىنىڭ دەردىدە كىسەل تارتىپ ئۈلۈپ كەتكەنىدى.بۇلۇپمۇ قېرىنداشلىرى تەرىپىدىن زىندانغا تاشلىنىشى ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئېغىر كەلگەنىدى.بايانداي ئۇرۇشىدا غەلبە قىلالمىغانلىقنىڭ سەۋەبى_ئۇرۇشقا سادىر پالۋاننىڭ قۇماندانلىق قىلمىغانلىقىدا دىگەن پاكىتنى ھەممەيلەن تۇنۇپ يەتكەنىدى.شۇنىڭ بىلەن سادىر پالۋان زىنداندىن چىقىرىلدى.
1866-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى سادىر پالۋان بەش مىڭدىن ئارتۇق قوزغىلاڭچى قۇشۇننى باشلاپ باياندايغا ھۇجۇم باشلىدى.سادىر پالۋان ئۇرۇش پىلانىنى ئۈزى تۈزۈپ،بايانداينى ئىشغال قىلدى.بۇ ھەقتە سادىر پالۋان تۈۋەندىكى قۇشاقنى تۇقۇغانىدى
غالجات،چىلەك،توقماق،
قەدەم جايىمىز بېسىپ ئۆتكەن.
نەرە تارتىپ ياۋنى يۇقاتتۇق،
يامان نىيەت ئوي پۈككەن.
كۆرگەن بىر تۈپ تىرەكنى،
كىرەك قىلدۇق بىر باشقا،
ئاق ئۇرۇسنىڭ ئىتلىرى،
مىنىۋالدى كۆكتاشقا.
1864-يىلىدىكى قوزغىلاڭدا مەنسەپپەرەسلىك،خائىنلىق چوڭلار-مەنسەپدارلار تەرىپىدىن بولغانىدى،خەلق بولسا ئۇرۇشنى ئاخىرغىچە ئېلىپ باردى.،خائىنلارنىڭ تىگىشلىك جازاسىنى بەردى.شۇنىڭ بىلەن قوزغىلاڭ ئىلىدا يېڭىپ چىقتى.
1867-يىلى سۇلتانلىق ئەلاخانغا تاپشۇرۇلغاندا سادىر پالۋان ئۆز يېزىسى موللىتوختىيۈزىگە قايتىپ ئاخىرقى تۆت يىللىق ھاياتىنى ئۆز يۇرتىدا ئۆتكۈزدى.1871-يىلى چىچەك ۋاقتىدا ئائىلىسىدە يۇرتقا نەزر بەردى ۋە ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي كىسەل بىلەن ۋاپات بولدى.
1871-يىلى چاررۇسىيە ھۈكۈمىتى ئىلىدىكى قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ ۋاكالىتەن ئىشغال قىلىپ بىرىش،ۋاكالىتەن قوغداش نامى بىلەن ئەسكەر چىقىرىپ ئىلىنى بېسىۋالدى.ئىلى خەلقى تاجاۋۇزچىلارغا قارشى باتۇرانە كۈرەش قىلغان بولسىمۇ ،شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلانغان ئەللىك كۈن داۋام قىلغان كۈرەش سۇلتان ئەلاخاننىڭ تەسلىم بۇلۇشى بىلەن ئاياغلاشتى.شۇنىڭ بىلەن ئىلىدىكى توققۇز شەھەر ئارقا-ئارقىدىن قولدىن كەتتى.
بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى سادىر پالۋان ۋاپاتىدىن كىيىن بولغاندى
سادىر پالۋان ھەقىقى قەھرىمان ۋە خەلق ئوغلى ئىدى.1864-يىلى ئىلى سۇلتانلىقى تىكلەنگەندە،ھېچقانداق ئەمەل تۇتماي ئۆز يېزىسىغا قايتقانىدى.ئىلىدا چىڭ سۇلالىسى ھۈكۈمىتىگە قارشى قىرىق يىلدىن ئارتۇق ئېلىپ بېرىلغان خەلق قوزغىلىڭىنىڭ غەلبە مىۋىس ۋە يەتتە يىل ھۈكۈم سۈرگەن ئىلى سۇلتانلىق ھاكىميىتىنىڭ ئاساسىنى سادىر پالۋاننىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە.
سادىر پالۋان ئاددىيلا مەيدانغا كىلىپ قالغان پالۋان ۋە قۇشاقچى ئەمەس،ئۇ زۇلۇمغا قارشى ھەقىقى تۈردە ئاتلىنىپ خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن <<پالۋان>>دىگەن شەرەپلىك نامغا ئىرىشكەن ئۇلۇغۋار تارىخى شەخىس.
شۇڭلاشقا خەلق ئۇنى سۈيىدۇ ۋە ئۇنۇتمايدۇ.ئۇنىڭ قەبرىسى ئىلى دىھقانلار ئىنقىلابىنىڭ يالدامىسى سۈپىتىدە غۇلجا ناھىيسىنىڭ موللىتوختىيۈزى يېزىسى موللىتوختىيۈزى كەنتىدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ تۇرماقتا.