|
|
|
|
6-ئاينىڭ 13-كۈنى،2014-يىللىق بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلدى، ساھىبخان كوماندا بىرازىلىيە 3-1 نەتىجە بىلەن A گۇرۇپــتىكى رەقىبى كرودىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى، مۇسابىقىدە بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدىكى كۆپلىگەن «تۇنجې قېتىم» ھاسىل بولدى: تۇنجى قېتىملىق قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش ۋە تۇنجى ئىختىيارى توپ: مۇسابىقە باشلىنىپ 4مىنۇت 25سىكۇنت بولغاندا،كرودىيە كوماندىسىدىكى كورلۇكا قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ،بىرازىلىيە كوماندىسىكى خۇلىكنى ئۈسسۈپ يىقىتىۋەتتى ،شۇ سەۋەبلىك بىرازىلىيە كوماندىسى مۇسابىقە جەريانىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىختىيارى توپ پۇرسىتىگە ئېرىشتى.
تۇنجى قېتىملىق ۋارتارغا ئۇرۇش: مۇسابىقە باشلىنىپ 1-مىنۇتتا كرودىيە كوماندىسىدىكى كوۋاچ پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىدىكى 1-قېتىملىق ۋارتارغا ئۇرۇشنى سىناپ كۆردى، چەكلەنگەن رايون سىرتىدا ئۇرۇلغان بۇ توپ ئىگىز كەتتى، 5-مىنۇتتا مارسىلو ئىختىيارى توپنى باشلاپ چەكلەنگەن رايۇن ئىچىگە تەپتى، بىرازىلىيە كوماندىسىدىكى ئىككى ئوتتۇرا بېك داۋىد لۇيىس بىلەن دىياگو سېلۋا بىرلىشىپ بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ۋارتارغا توپ ئۇرۇشىنى تاماملىدى، بۇ توپ بەك تۈز ئۈسسۈلگەن بولغاچقا قاپقىچى تەرىپىدىن تۇتىۋېلىندى. كرودىيە كوماندىسى 6-مىنۇتتا تۇنجى قېتىملىق خەتىرى بار بولغان ۋارتارغا ئۇرۇشنى تاماملىدى،ئولىچ ئارۋىستىن ئۈستۈن كېلىپ كاللا توپ ئۇردى،ئەمما بۇ توپ ۋارتا تۆۋرىكىنى سۈرۈپ ئۆتۈپ كەتتى.
تۇنجى قېتىملىق بۇلۇڭ توپ:8-مىنۇتتا بىرازلىيە كوماندىسى مۇسابىقە جەريانىدىكى تۇنجى بۇلۇڭ توپقا ئېرىشتى،توپ باشلانغاندىن كىيىن ،ئىككى تەرەپنىڭ چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە تالىشىپ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش سەۋەبلىك قايتا توپ باشلاشقا ھۆكۈم قىلىندى.
تۇنجى سېرىق كارتا: 26-مىنۇتتا ،نېيمار توپ تالىشىش جەريانىدا بېلىگى كرودىيەنىڭ ئوتتۇرا مەيدان يادروسى بولغان مودرىچقا ئۇرۇلۇپ كېتىپ،بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدىكى تۇنجى سېرىق كارتا بىلەن ئاگاھلاندۇرۇلدى.
تۇنجى ئوفسايت: 44-مىنۇتتا ،بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدانى ئوسكار ئۆز كوماندا ئەزاسىنىڭ بەرگەن پاسىنى ئالغان ۋاقىتتا ئوفسايت ئورنىدا تۇرۇپ قالدى ھەمدە بۇ تۇنجى قېتىملىق ئوفسايت بولدى.
تۇنجى ئادەم ئالماشتۇرۇش: 61-مىنۇتتا ،كرودىيە كوماندىسى تۇنجى بولۇپ ئادەم ئالماشتۇرۇپ تەڭشەش ئېلىپ باردى، كوۋاچنىڭ ئورنىغا بىروزوۋىچ ئالماشتى.
تۇنجى كىرگەن توپ: 10-مىنۇتتا ئولىچ سول تەرەپتىن تۇيۇقسىز بۆسۈپ كىردى، نىكىكا يېلاۋىچ توپقا ئۈلگۈرەلمەي پۇتى تەگمىدى، مارسىلو دىققەتسىزلىكتىن ئۆز ۋارتاسىغا خائىن توپ ئۇردى. كرودىيە 1-0 نەتىجە بىلەن ۋاقتىنچە ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى.
تۇنجى نۇقتا توپ: مۇسابىقە باشلىنىپ 70-مىنۇتتا،لاۋرىن چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە فىرەدنى تارتىپ يىقىتىۋەتتى،باش رېپىر نۇقتا توپ ھۆكۈم قىلدى،نېيمار نۇقتا توپنى كىرگۈزدى.
|
|
|
|
|
|