nurjahan0997 يوللىغان ۋاقتى 2014-6-14 04:32 PM
باشقا مۇنبەردە قانداقكى بۇنى بىلمىدىم....بىراق ماۋۇ مىس ...
مېنىڭچە مىسرانىم خېلى ياخشى تېخى ...
مىسرانىمدا بەزى گۆشكاللىلاردا مۇنازىرىگە لايىق ،ئەخلاق بىلىم ،ساپا ،ئىمان بولمىغاچقا ،پاكىتلىق ،ئاساسلىق ئىنكاسلىرىڭىزغا جاۋاپ قايتۇرالماي ئاغزىدىن پوق چاچرىتىدۇ ، لېكىن بۇنداق نادانلارنىڭ ھاقارىتى شەخسەن مېنىڭ يېنىمدىن ئۆتمەيدۇ .باشقا مۇنبەرداشلارنىڭمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن .
باشقا داڭلىقراق مۇنبەرلەردە قارىسام ،ساپلا مۇنازىرىچى ، گەپدان ،سىياسەتچى ،كىتاب خالتىلىرى جىقكەن
بىرەر ئىنكاستا ئويلىمايلا دەپ سالغان بىر ئېغىز گېپىڭىزنى تۇتۇۋالسا بۇرنىڭىزدىن بۇلاق قېلۋىتىدۇ
گەپنىڭ راستىنى قىلسام ،مەنمۇ مىسرانىمدا ئانچە -مۇنچە «ئاقساقاللىق » قىلۋالغىنىم بىلەن ، ئىزدىنىش ،باغداشلاردا ئالدىراپ ئىنكاس يازماي ،ئىنكاس ئوقۇيمەن . چۈنكى تىلى زەھەردەك بولسىمۇ لېكىن بىلىملىك كىشىنىڭ ئىنكاسىنى ئوقۇشمۇ بىر ھوزۇركەن ، بەزى ئىنكاسلاردىن بىر كىتاپ ئوقۇغاندا ئىرىشەلمىگەن بىلىمگە ئىرشكىلى بولىدكەن .
ئاخرىدا مۇنبەرداشلارغا تەۋسىيەم :بىر تىما ياكى ئىنكاسقا ئىنكاس يازماقچى بولساق ،شۇ تىما-ئىنكاس ئىگىسنىڭ شەخسىيتىگە تىل تەككۈزمەي ،(چۈنكى ھەۋھۇم دۇنيادا ئۇنىڭ قانداق ئادەملكىنى بىز قانداق بىلىمىز؟) پەقەت شۇ تىما-ئىنكاسقىلا قارىتىپ مۇئەييەنلەشتۈرسەك ياكى رەدىيە بەرسەك تامامەن بولىدۇ .
ھەتتا ئۆز پىكرىمىزنى قۇۋەتلەش ئۈچۈن «زەھەردەك ئىلمىي پاكىت » «نەيزىدەك نەقىل» لەرنى ئالساقمۇ بولىدۇ ،چۈنكى بۇ دىگەن مۇنازىرە سورۇنى ، مۇنازىرىدىن ،تەنقىتتىن ،قارشى پىكرىدىن قوقساق مۇنبەرگە كىرۋالماي باشقا ئىش قىلساق بولىدۇ .لېكىن مۇنازىرىدە گەپ تېپىپ بىرەلمەي ھاقارەتلەش ئىتتىنمۇ پەس نائەھلنىڭ ئىشى !!!