saprayi يوللىغان ۋاقتى 2014-6-15 05:34 PM
موھىت تەسۋىرى بولۇپتۇ،لىكىن پىرسۇناژ چەتئەللىك بولو ...
قۇملۇقتىكى قىزغۇچ شەپەق نۇرى ئاساسى رەسىم گەۋدىسى قىلىنسا ،پىرسۇناژلار : خۇتەننىڭ ۋەكىل خارەكتىرلىك كىيىمىنى كەيگەن ، بەدىنى سەل مۈكچەيگەن،لىكىن،چاققانلىقى بىلىنىپ تۇرىدىغان مەتسىلىم،بىگىم بىلەن ئەينىدنگە يىراقتىكى قۇم ئاستىدىن چوقچىيىپ چىقىپ تۇرغان بىر نەچچە قەبرىنى ئىڭىكىدە ئشارەت قىلغان كۆرىنىشى( بىزدە قەبرىگە قول چىنەپ كۆرسىتىدىغان ئادەت يوققۇ)، ئەينىدىننىڭ بىر قۇلىدا كۈن نۇرىنى تۇسىغاندەك قىلىپ،مەتسىلىم ئىما قىلغان تەرەپنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىۋاتقان ئارقا يان كۆرىنىشى(بۇنىڭدا ئەينىدىننىڭ پاينەك كاللىسى تۇلۇق گەۋدىلەنسە تىخىمۇ ئېنىق تۇنىغىلى بۇلىدۇ).بىگىمنىڭ قاۋۇل بەستى بىلەن مەتسىلىمنىڭ گىپىنى زەن سىلىپ ئاڭلىغاچ،چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۋاتقان چىراي ئىپادىسى ئېنىق گەۋدىلەنسە ،تۆت-بەش مېتىر يىراقلىقتا يەر يولۋىسى (لۇ خۇ) ماشىنا يىرىم يان كۆرىنىشى ، ماشىنا يېنىدا ئورۇقلىقىدىن كىيىمى سەل چوڭ كىلىپ قالغان، ئېناۋىتىنى ساقلاپ سەل يىراق تۇۋالغان ،تۆرەمنىڭ مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن مەتسىلىنىڭ گىپىنى ئوغۇرلۇقچە تېڭشاۋاتقاندەك چىراي ۋە بەدەن قېياپىتى.
قۇملۇق تەسۋىرلىرىدىن : يان ئەتىراپقا بىر نەچچە قۇم بارخىنى ھەم بىر نەچچە ئاياق ئىزى ، ئادەم ئىزى يوق ئۇ يەر- بۇيەرگە ئازىراق ھىلىقى تەڭگىلەر بىلەن بۆرە شەكىللىك قاشتىشىنىڭ غۇۋا،لىكىن،قۇياش نۇرىدىكى پارقىراقلىقى قۇشۇلسا ،ئازىراق سۇسىز قۇملۇقتا ئۈسدىغان ۋە ياشايدىغان ،يەر بىغىرلىغۇچى ئۈسۈملۈك ۋە ھايۋانلار كىرۈشتۈرۈلسە .
مۇشۇنداقىراق سىزىلسا تۆرىكا سىلىچە قانداقراق .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا buraqixi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-16 02:22 AM