يىـڭى ئــەزا
سادىر ياتقان ئۆڭكۈر ئىمام ئىسمائىل ئىبنۇرى تىلسىم غارلار يۇنۇسنى يۇتقان بېلىق قارنىدەك، قىتئەلەر ئارا غەلەت ئىكەن ئوينىغاندەك مۈكۈشمەك. *** *** يېڭى زاماننىڭ كېپەن ئوغرىسى، ئامانەت ساقلايدۇ ئۇنىڭ توغرىسى. *** *** ئۇيغۇر تىلى لەيلەپ ئۆڭكۈردە دەسسىۋاپتۇ سادىر چەككەن، موخۇركىنىڭ كۈلىگە! ئىكىسپېدىتسىيىچى ياپونغا قىززىقارلىق تۇيۇلۇپتۇ، خۇددى ئەسسەبۇلكەھفىدەك. مولتوختىيۈزى قەدىمى مەھەلە كۆچ-كۆچ تارانچى ناخشا توۋلىغان. ئۆڭكۈردە بارمىش سادىر پالۋاننىڭ، سېپىل تەشكەن قاخشال قوۋۇرغىسى. سادىر ئۆڭكۈرى يېتىم ئوغۇلنىڭ ئىكەن ئىزناسى. بەش يۇلتۇزلۇق ئارامگاھنىڭ بوپتۇ ئۈلگۈسى. تاماششا ئەھلى چاپار دۈپۈرلەپ، بولماققا ئالدىراپ غارنىڭ ئېگىسى. ساماغا چۈشەر كىشنەپ تۇلپارلار، سادىر تەشكەن سېپىل ئۈستىدە. ئاڭقاۋ نەغمىكەش چەقتى دۇتارنى، پەدىسى بۇزۇلغاچ ئۆڭكۈر لېۋىدە. سادىرنىڭ قوينىدىن تۆكۈلەر ھەرىپ، چېرىكلەر قان يۇتۇپ ياتقاندا زەئىپ. ھەمزىسى ھەرىپنىڭ غارنىڭ ئىچىدە، تور توقۇپ كامانى ياماپتۇ سېرىپ. ئۆمۈچۈك تۇخۇملاپ كەتكەن ئەسنادا، كۆك كەپتەر ئۆلۈپتۇ باغرىنى يېرىپ. تىرىلىپ قاپتۇ سادىرمۇ ھايھات... خىزىردەك ئاجايىپ بىشارەت بېرىپ. نىشانلاپ سىرىتتا قويغان مالخىينى، سۈررەڭ قورام تاش بەرمەپتۇ كىيىپ. كۈلۈشۈپ بۇ ھالدا سەيياھ پەرەڭلەر، تارتىپتۇ سىنغا ئىلغار ئۈسكۈندە. كۈل بىلەن چېلىققان بارچە ماددىنى، ساتماق بوپ مېڭىپتۇ يىراق شىۋىتكە! سۈكۈتكە چۆمۈلۈپ سادىر يېزىسى، شامالنىڭ بولۇپتۇ ئۈلپەت-قولدىشى. لۈكچەك بورانمۇ گاھىدا ھۇۋلاپ، ئويغىتار شۇ غارنى بولۇپ سىردىشى. سۈبھىيدە تىترەيدۇ ئاجايىپ سادا، ئەكسىنى ئۆڭكۈردە قالدۇرۇپ راسا. شىۋاقنىڭ دىماغنى چەككەن ھىدلىرى، روھ-تەنگە بېرىدۇ ئاجايىپ شىپا. مۇنبەر: توي
پاش قىلىش
ئالىي ئەزا
خۇشال كۈنلەر ئالدىمدا
ئادەتتىكى ئەزا
ئاكتىپ ئەزا
palwan502 يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 05:47 PM سادىر توغۇرلۇق يېزىلغان يازمىڭىزغا ئاپىرىن، غۇلجىدىك ...
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ