muzat2007 يوللىغان ۋاقتى 2014-6-17 12:29 AM
ھەممڭلارغا چىن كۆڭلۇمدىن رەخمەت ئېيـتمەن،ھۆرمەتلىك ب ...
ياق، سىزدىن ھەرگىز رەنجىمەيمەن. پەقەت قولۇمدىن چوڭراق ئىشنىڭ كەلمىگىنىدىن ئەپسۇسلىنىمەن. مۇمكىن بولسا ئوغلىڭىزنى ئۆز قولۇم بىلەن داۋالىيالىغان بولسام ئىدى… مەن بالىلارنىڭ ساغلام تۇغۇلۇشى ۋە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئەڭ مۇھىم ئىشلاردىن دەپ ئويلايمەن. ئىنسانىيەتنىڭ بەختى - بالىلارنىڭ ساغلاملىقىدا. مېنىڭ ھازىرقى تەتقىقاتلىرىممۇ بالىلارنىڭ ساغلام تۇغۇلۇشى ۋە مېڭە كېسەللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەمما مەن دوختۇر بولمىغانلىقىم ئۈچۈن كېسەل داۋالىمايمەن، شۇنداقتىمۇ كېسەل داۋاالاشقا كېرەكلىك بىلىملەرنى قېزىپ چىقالىسامكەن دەپ شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمەن. بەزىدە ئامېرىكىدا نېرۋولوگىيە ئىلىمىدا داۋاملىق دوختۇرلۇقتا ئوقۇيمىكىن دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن، بولۇپمۇ مۇشۇنداق ئازاپتا قالغان بالىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ھالىنى ئاڭلىغىنىمدا… ئاللاھ ئاسانلىق بەرسۇن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-17 10:04 AM