دادا دىگۈم كەلدىغۇ ئەجەپ
دادا -دادا دىگۈم كىلىدۇ،
باللىقتىكى چۈچۈك تىلىمدا.
ئاڭلىيالمەيسىز دادا ئەپسۇس،
بالدۇر كەتتىڭىز تاشلاپ داغدا.
كۆرۈشۈپلا ئون مىنۇت ئۆتمەي،
شۈم خەۋەردىن قالدىم گاڭگىراپ.
نىسىپ بولماي دىدار كۆرۈشۈش،
كەتتىڭىزغۇ دادا ئالدىراپ.
قايغۇ-ئىچرە قاپلاپ دىلىمنى،
بىزار بولدۇم ياشاشتىن ھەتتا.
تەقدىر ئىكەن شۇنداق رەھىمسىز،
يول قويمىدى دىدارلىشىشقا.
سىز كىتىپ بولدى ھەممە ماتەم،
غىرىپلىقى بېسىپ ئالەمنىڭ.
باسالماسكەن ئورنىنى پۈتۈن،
ھېچبىر ئىنسان دادا دىگەننىڭ.
بەختىم-تەختىم ئىدىڭىز دادا،
باھار چىللاپ ھەربىر قەددەمدە،
دادلىمايسىز مۈشكۈل جاپادا،
سىز ئەمەسمۇ چىداپ ھەممىگە.
بولمىغاچقا ئۆزۈمدە ئەركىم،
قىلالمىدىم خىزمىتىڭىزنى.
يىراقلاردا بولغاچقا ئۈزۈم،
ئاڭلىيالمىدىم سۆزىڭىزنى.
نەچچە يىللار ئۆتتى ئازاپلىق،
روھىڭىزغا قىلدىم مەن دۇئا.
كۆز ياشلىرىم تۆكۈلدى ھەردەم،
يەتمىدىغۇ ئاھىم خۇداغا.
دادا دىگۈم كەلدىغۇ ئەجەپ،
قىز ئاتالغان مېھرى تىلىمدىن.
تەلەپ قىلغان مىنىڭ بەختىمنى،
سىز ئەمەسمۇ ياخشى ھەممىدىن.
مەنبە قەلمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-16 09:17 AM