قانۇن يوللىغان ۋاقتى 2014-6-16 07:54 PM
بۇ قانداق مۇنبەر ،ئاپتۇرلۇق ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنامدۇ ...
سالام:
قانۇن ئەپەندى:
بۇ ئۆزىنىڭ كىملىكى، ئۆزلىكىنى ھەقىقىي تۇنۇپ يەتكەن، ئۆز خەلقىنىڭ ئەركىن مۇنازىرە قىلىشى ئۈچۈن كەڭرى بىر سەينا ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن تىنىمسىز تىرىشىۋاتقان ياش، ئابابەكرى مۇختار قۇرغان ئونۋېرسال مۇنازىرە مۇنبىرى.
مۇنبىرىمىز باشقۇرغۇچىلىرى ئىزچىل ئاپتورلارنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقىنى قوغداشنى ئاساسلىق خىزمەت پىرىنسىپى قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئاپتور ئىسمى، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن يازمىلارغا تەلەپنى قاتتىق قۇيۇپ ئۈچۈرۈپ كېلىۋاتىمىز. (مۇشۇ سەۋەبتىن باشقۇرغۇچىلار ئاڭلىغان ھاقارەتلەرمۇ ئاز ئەمەس). ناۋادا بىرەر ئەسىرىڭىزنى باشقىلار ئۆز نامىدا ئېلان قىلىۋالغان بولسا مۇنبەردىكى ھەر قانداق باشقۇرغۇچىغا ئۇچۇر ئارقىلىق يەتكۈزسىڭىز، شۇ ئەزاغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىمىز ياكى مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىمىز.
ناۋادا يوقارقى پىكىرنى مۇشۇ يازمىڭىزدىكى باشقۇرغۇچى قابىلجاننىڭ تەھرىرلىگىنىگە قارىتا يازغان بولسىڭىز بۇ پىكرىڭىزنى بىز قۇبۇل قىلالمايمىز. چۈنكى مۇنبەر ئەركىن مۇنازىرە سورۇنى، مەتبۇئاتلاردىن روشەن پەرق قىلسىمۇ بىزنىڭ كەلگۈسى نىشانىمىز تور ئەدەبىياتى بىلەن مەتبۇئات ئەدەبىياتى(ئاساسلىقى نەشرىيات ۋە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنى كۆرسىتىدۇ.)ئوتتۇرسىدىكى پەرقنى كىچىكلىتىش، كەلگۈسىدە تور يۈزىدە يازما ئېلان قىلىۋاتقانلارنىڭ مۇئەييەن ئىقتىسادى كىرىم قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ، ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا بىر كىشىلىك ھەسسىمىزنى قوشۇش بولغاچقا، ھەر قانداق ئەسەردىكى ئىملا ياكى باشقا خاتالىقلارنى تۈزەش مەجبۇريىتى يەنىلا شۇ جاپاكەش باشقۇرغۇچىلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن. يازمىدىكى ئىملا خاتالىقى، لوگىكىلىق خاتالىق ۋە سەزگۈر مەسىلىلەرگە قارىتا سەل قاراش باشقۇرغۇچىلىق ئىستىلىغا مۇناسىپ ئىش ئەمەس. شۇ سەۋەبتىن باشقۇرغۇچىلار نۇرغۇن ۋاقتىنى سىلەرنىڭ يازماڭلارنى تەھرىرلەش ئۈچۈن سەرپ قىلىۋاتىدۇ. قابىلجانمۇ شۇ سەۋەبتىن يازمىڭىزنى تەھرىرلىگەن.
شۇ سەۋەبتىن مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى ئەڭ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغۇچىلاردۇر. ھەممە باشقۇرغۇچىنىڭ ھەر قانداق ئاپتورنىڭ ئەسىرىنى تەھرىرلەش ھوقۇقى بار(باشقۇرغۇچىلار ئاپتورنىڭ ئەسەردە ئىپادە قىلماقچى بولغان ئاساسىي مەركىزى ئىدىيىسىنى قىلچىمۇ ئۆزگەرتمەيدۇ.). چۈنكى مۇنبىرىمىزنىڭ خاسلىقى، سۈپىتى، ئىزچىللىقىنى ساقلاش ئۈچۈن ھەر بىر ئەسەرگە يۈكسەك مەسئۇليەتچانلىق بىلەن قاراش ھەر بىر باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن ئېغىر ۋەزىپە. ھەر بىر يازمىدىكى ئىملا خاتالىقىنى ئوڭشاش، ماۋزو ۋە مەزمۇندىكى لوگىكىلىق خاتالىقلارنى تۈزەش ئۈچۈن باشقۇرغۇچىلار نۇرغۇن ۋاقتى ۋە زېھىن كۈچىنى سەرپ قىلىدۇ. بىز باشقۇرغۇچىلار ئەزالار يوللىغان تېمىدا ئىملا ياكى باشقا جەھەتلەردە خاتالىق بولمىسا شۇنچىلىك خۇرسەن بولىمىز. لېكىن ئىملاخاتالىقى بار يازمىنى تەھرىرلىمەي چىقىرىشىنى ھېچقانداق باشقۇرغۇچى خالىمايدۇ. چۈنكى ۋاقىت سىلەر ئۈچۈن قانچىلىك قىممەتلىك بولسا بىز باشقۇرغۇچىلار ئۈچۈنمۇ شۇنداق قىممەتلىك. شۇڭا بارلىق تورداشلارنىڭ باشقۇرغۇچىلارنىڭ جاپاسىنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئاخىرىدا سىزگە كىچىككىنە تەكلىپىم بار ئىدى. ناۋادا ۋاقتىڭىز يۈز بەرسە ھەق-تەلەپ دەۋا قانۇنىدىكى ئاپتورلۇق ھوقۇقى، ئەسەر ھوقۇقىغا ئائىت قانۇن-نىزاملارنى يوللاپ قويغان بولسىڭىز. بۇ ئەدەبىياتىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئنتايىن مۇھىم .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-17 01:45 AM