sadakat7224 يوللىغان ۋاقتى 2014-6-21 11:53 AM
كەچۈرۈڭلا .بۇ يەردە قوش تىل ئوقۇتۇشىغا ماسلىشالمايدىغ ...
ئەگەر ئانا تىلدا ئۇقۇتۇشنى خالايمىز. كۆپ ساندىكى ئۇقۇغۇچىلار قوش تىل ئوقۇتۇشىغا ماسلىشالمايدۇ(ئەمەلىيەتتىمۇ شۇند اق) دىسەك .ھازىرقىدەك ۋەزىيەت زىل چاغدا ھۆكۈمەت بىزگە قارشى چىقتى دەپ قالپاق كىيىپ قالىمىز. ئەڭ ياخشىسى ھەممە ئۇقۇغۇچىلار قوش تىلغا ماسلىشالايدۇ دەپ يېزىپ بېرىۋىرەيلى دىگەنلەرنى دىيىشتى. ئەمدى كۆپچىلىكتىن سوراپ باقساق زادى يۇقىرىنىڭ يېقىندا مۇشۇنداق سىياستى بارمۇ يوق ؟ ئەگەر بولسا قانداق قىلىش كىرەك ..بولمىسا قانداق قىلىش كىرەك ..
يۇقىرقى ئەنسىرشىڭلارمۇ ئاساسسسىزئەمەس ،يىپ تاتىپ تومۇر تۇتماقچى بولغانلارمۇ بولشىمۇ مۇمكىن ،راستىنلا قوشتلغا ماسلىشالمايۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى بۇرۇنقىدەكلا ئاناتىلدا ئوقۇتۇپ ،دۆلەت تىلىنىمۇ ئاساسلىق پەن قىلىپ ئۆتۈپ،بەزى ئاتا-ئانىلاردىكى قوشتىلنى باھانە قىلىپ بالىلىرىنى مەكتەپتىن چىقىرۋالىدىغان ،بالىلاردا چۈشەنمەسلىك سەۋەبلىك دەرستىن قېچىش ،ئوقۇتۇش سۈپتى تۆۋەنلەپ كېتىش ئەھۋاللىرنى تۈزمەكچى ، ئۇيغۇر مائارىپىنى ساغلام راۋاجلىنىش يولىغا سېلىپ ،ئومۇمىي خەلقنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈررۈشنى مەقسەت قىلغان بولشىمۇ مۇمكىن ،مېنىڭچە كېيىنكى ئېھتىماللىق چوڭ، شۇڭا ياخشى تەرەپتىن ئويلايلى .
ئەمدى راستىنلا قوشتىلغا ماسلىشالمايدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەل قارىغىلى بولمايدىغان سالماقتا چوڭ نىسبەتنى ئىگىلەيدىغانلقىنى (بولۇپمۇ يېزىلاردا ) ھۆكۈمەتكە قانداق ئۇسۇلدا يەتكۈزۈش بولسا مائارىپچىلارنىڭ تەپەككۇرىغا باغلىق ،دوكلاتتا ئۆزۈڭلارنىڭ پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىغا بولغان غەمخورلۇقى ۋە سەمىمىي ياردىمىگە چىن قەلبىڭلاردىن ئىشنىدىغانلىقىڭلارنى ۋە ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز رەھمىتىڭلارنى ئېنىق ئىپادىلەپ ،ئاندىن ئاساسىىي مەقسەتنى سىلىق تىللار بىلەن بايان قىلىڭلار ، زىخمۇ كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان بىر دوكلات قىلىپ يوللاڭلار.