مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: -mukam-

مۇزلىغان يۈرەك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107785
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 49
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2014-6-17
ئاخىرقى: 2014-7-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-7 07:11:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز شۇنداق قىلىپ زورەمنى تاجىگۈلنىڭ ئۆيگە ئىلىپ بىرىشقا كىلىشتۇق،مەن زورمنى كۆتۈردۈم تاجىگۈلمۇ كۈچىنىڭ يىتىشچە ياردەملەشتى بىزيىگىرمە مىنۇتچە ماڭغاندىن كىيىن تاجىگۈلنىڭ ئۆيگە يىتىپ كەلدۇق،تاجىگۈل دەرۋازسىنى ئىچىپلا
-ئاپا-ئاپا سىزئۆيدىمۇ؟تىزبولىڭە:دىگىنىچە ھويلىغا ئۇرۇن ياسىدى مەن زورەمنى ئاستا ياتقۇزدۇمدە ئۇنىڭ قولىنى قايتا قايتا تۇتۇپ باقتىم ئۇنىڭ قوللىرى مۇزلاپ،قارىداپ قىتىپلا الغان بولۇپ ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرگەن ھەرقانداق ئادەم چۈچۈپ كىتەتتى بىرچاغ بولغاندا باغدىن
-ھە نىمە بولدى قىزىم؟نىمە بەكلا جددى تولاپ كەتتىڭىزغۇ:دىگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ زورەمنىڭ ئانىسى يۈگۈرۈپ كىردى ھەمدە زورەمنى كۆرۈپ،
نىمە بولدى؟زورەمگە نىمەبولدى گەپ ىلىڭلار باللىرىم قىزىم يىغكىماي گەپ قىلىڭە:دىگەچ كىلىپ زورەمنىڭ قوللىرى تۇتتى ۋە چۈچۈپلا كەينىگە داجىيىپ كەتتى،ۋە بىشىنى تۇتقىنىچە ئۆكسۈپ ئۆكسۈپ يىغلاشقا باشلىدى،مەن سوردۇم جىنىم ھەدە ئىيىتىڭە ئەمدى قانداق قىلىمىز ماڭا يول كۆرسىتىڭ سىزدىن خوش بوپكىتەي ھەدە دىدىم ۋە كۆزياشلىرىم خۇددى باھاردا ياققان يامغۇر تامچىلىردەك تامچىلاييى تاجىگۈل بولسا قانداق قىلارىنى بىلمەي بارمىقىنى چىشلىگىنىچە كۆكسۈپ ئىسەدەپ يىغلايتتى، مەن بولسام زورەمنىڭ بىشىنى تىزىمدا قويۇپ ئۇنىڭ چىرايغا قارغىنىمچە ئانىسىدىن ئايرىلغان يىتىپ قوزىدەك نالەپەرياد سالاتتىم،بىردەم ھويلىنىڭ ئىچىنى يىغا ئاۋازى قاپلىغاندىن كىيىن،
-قىزىم تىز بولۇڭ گۈلسۈمخانغا خەۋەرقىلىڭ:دىدى تاجىگۈلنىڭ ئانىسى،زورەمنىڭ ئىنىكىنى چاتقاچ،مەن بۇ مەنزىرنى كۆرگەندىن كىيىن ئۆزۈمنى پەقەتلا  تۇتۇۋالالمىدىم  ھەمدە زورەمنى مەيدەمگە تاڭغىنىمچە  بارلىق ئاۋازىمنى  قويۋىتىپ يىغلاشقا  باشلىدىم،دىمەك ئۇنىڭ جان ئۈزگىنى مۇئايەنلەشكەن ئىدى،مىنىڭ كۆزۈمگە يىچنىمە كۆرۈنمەيتتى،دادامغا كىملەر خەۋەرقىلدى دادام
-بالام بولدى ئۆزۈڭنى تۇتۇۋال يىغلىما جىنىم بالام بولدى بالام بولدى:دىگەن ئاۋازى ھەسەن كاسكىنىڭ،
-بولدى قىل ئوغلۇم يىغلىما سەندىگەن  ئوغۇل بالاجۇمۇ ھە:دىگەن ئاۋازلىرى  قۇلۇقۇمغا كىرىپ تۇرسىمۇ يەنىلا خىياللىرىم مىنى بىرئىشلارنى قىلىشقا ئۈندەييى، ئەشۇ خىياللىرىم ئىلىكىدە كۆزۈمگە يىچنىمە كۆرۈنمىگەن بولىشى مۇمكىن ئىدى،مۇشۇ مىنۇتلاردا ئۆزۈمنى شۈنچىلىك يارامسىز،شۈنچىلىك كارغاكەلمەس، شۈنچىلىك دۆت ھىس قىلاتتىم،بىرچاغلاردا يەنى بالىلىق چاغلىرمىدا دوسلىرىم بەزى ئىشلاردا مەندىن مەسىھەت ئالسا ئۇلارغا خۇددى چوڭ ئادەملەردەك ياخشى مەسلىھەتلەرنى بىرەتتىم ھەتتا ئاتا ئانىسىنى باللىرىنىڭ پىكىرگە ماقۇل كەلتۈرەتتىم مانا بۈگۈن ئۆزۈمگە كەلگەندە ھىچ ئىش قىلالماي ئامالسىز قالدىم مىنىڭ مۇشۇ ئاجىزلىق سەۋەبىمدىن زورەم مەندىن،سۆيۈملۈك ئاتا ئانىسىدىن،دوسلىردىن،گۈزەل ئارزۇ ئارمانلىردىن، مەڭڭۈلۈك ئايرىلدى،بۇ نىمە دىگەن رەھىمسىز تەغدىر،مانا مۇشۇلارنى خيال قىلىپ ئولتۇرغۇنىمدا،
-ۋاي  جىنىم قىزىم ئاپپاق قىزىم كۆزۈمنىڭ نۇرى قىزىم سىزگە نىمە بولدى قىزىم:دىگىنچە گۈلسۈمخان ھەدەم يىغلاپ كىرىپ كەلدى ۋە ئۆزىنى زورەمنىڭ ئۈستىگە ئاتقىنىچە يىغلاپ ھازا قىلىشقا باشلىدى،مەنمۇ نىمە قىلارىمنى،نىمە دىيىشىمنى بىلمەيلا داڭ قىتىپ تۇراتتىم،ئەسسىيادىم بولسا مانا مۇشۇ مىنۇتنىڭ ئىچىدىلا  ئۇلۇغ ئاللا مىنىڭمۇ جىنىمنى ئالسا مەنمۇ زورەم بىلەن بىللە كەتسەم دۇنيادا مىنىڭدىنمۇ بەخىتلىك ئادەم بولارمىدى  دىگەننىلا ئويلاپ ئولتۇراتتىم،تاجىگۈل گۈلسۈمخان ھەدەمنى چاقىرىپ كەلگۈچە يولدا بولغان ئىشلارنى بىرە قۇر چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن بولساكىرەك، شۇڭاگۈلسۈمخان ھەدەممۇ مەندىن گەپ سورمىدى، مەنمۇ تۇرغان ئورنۇمدا قىقىپ قويغان قوزۇقتەك  تۇرۇپلا قالدىم زورەمنىڭ دادىسى مەمەتخان ئاكام بولسا گەپمۇ قىلماي كۆزلىرىدە ياش تامچىلىرنى لىغىلداتقىنىچە قاراپ تۇراتتى،مەن پۇتلۇرۇمنى تولىمۇ تەستە يۆتكۈگۈنىمچە زورەمنىڭ يىنىغا كەلدىم ھەمدە ئۇنىڭ قولىنى يەنە تۇتۇپ بىقىش ئۈچۈن قولۇمنى ئۇزاتتىم،لىكىن نىمە بولغىننى بىلمىدىم ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇشقا جۈرئەت قىلالمىدىم،ئۇنىڭ يىنىغا كىلىپ ئولتۇردۇم ھەمدە ئۇنىڭ ئۈستىگە يىپىلغان ئاپپاق خەسىنىڭ يان تەرپىدىن چىقىپ تۇرغان ئۇماق قوللىرىنى ئاستا ئاستا سىلىدىم،تۇيۇقسىز يۈركۈم قىپىدىن چىقىپ كەتكىلى تاسلا قالدى،ئۇ خۇددى كىلىڭ جىنىم قولۇمنى تۇتۇڭ دىگەندەكلا قولىنى بىرئىچىملا كاپ قىلىپ قولۇمنى تۇتتى،مەن بارچە ئاۋازىمنى چىقىرىپ توۋلىدىم،
-گۈل  گۈلسۈم ھەدە،ھەدە گۈلسۈم ھەدە،تىز تىز زورەم تىخى ھاياتكەن،مەمەتخان ئاكا ئۇ ئۇ:دىگىنىمچە ئۇنىڭ يۈزىدىكى خەسىنى ئۆردۈم ئويلىدىكىلەر ھەممىسى ۋار-ۋۇر قىلىشىپ بىرنىمىلەرنى دىيىشكىنىچە زورەمنىڭ چۆرسىگە يىغىلدى،زورەمنىڭ يۈزلىرى بولسا خۇددى قارلىق دالاغا ئۆزىنىڭ نۇرىنى چىچىپ تۇرغان ئايدەك نۇرلىنىپ تۇراتتى،گۈلسۈمخان ھەدەم
-قىزىم ئۇماق قىزىم كۆزىڭىزنى ئىچىڭە قىزىم مەن ئانىڭىز :دىدى مەمەتخان ئاكام بولسا گويا پىلتىسىگە ئوت يىقىپ قويۇلغان سەللا تۇرۇپ پارتىلايدىغان بومبىدەكلا بولۇپ قالغان ئىدى بىرسى بىرنىمە دىسىلا ھۆكىرەپ يىغلايدىغاندەكلا تۇراتتى،شۇڭا ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ھالدا زورەمنىڭ يۈزلىرىنى سىلىدى،پىشانىسىگە سۆيدى،مەن قولۇمنى ئاجىرتىش ئۈچۈن خىلىلا كۈچىگەن بولساممۇ لىكىن قولۇمنى پەقەتلا ئاجىرتالمىدىم،ئاردىن قانچىلىك ۋاخت ئۆتتى بىلمەيمەن زورەم كۆزىنى ئاچتى ۋە ھەممىمىزگە بىرەقۇر ۋارىۋەتكەندىن كىيىن ماڭا قاردى ۋە قوللىرىنى يەڭگىل كۆتتۈرۈپ كۆزۈمدىكى ياشنى سۈرۈتتى،ئاندىن ئانىسىنىڭ دادىسىنىڭ يۈزىنى سىلىدى،يەنە ماڭا قاراپ،ئۇماققىنە كۈلۈپ
-نىمە بولدىڭىز يىغلىماڭ مەن ھايات،ئانامنى دادامنى،سىزنى ۋە سىلەرنى تاشلاپ قانداقمۇ كىتەلەيمەن:دىدى كۆزىنى ئاستا-ئاستا يۇمدى مەن ئۇنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ ئىىچ ئىىچمدىن يىغلىدىم لىكىن بۇ قىتىمقىسى بولسا خوشاللىق يىشى ئىدى،
داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ


ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن مەن بۇ قۇرلارنى يىزىۋاتقان ۋاختىمدا قاتتىق يىغا تۇتۇپ،كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ كۆزلۈرۈمدىن تاراملاپ ئىقىۋاتقان ياشنىڭ كۈچى بىلەن تەپسىلى يىزىلغانلىقى ئۈچۈن سىلەرنى زىرىك تۈرۈپ قويىشى مۇمكىن توغرا چۈشەنگەيسىلەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107785
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 49
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2014-6-17
ئاخىرقى: 2014-7-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-15 06:46:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا بۈگۈن بىركۈن مۇشۇنداق يىغازايە ئىچىدەكەچ بولدى،بىزھەممىمىز ئۇنىڭ ھايات ئىكەنلىكىدىن خوشال بولۇپ بەزىمىز قايغۇ ياشلىرىمىزنى خوشاللىق كۈلكىلىرگە يايلاندۇرۇپ چىھرىلىمىزدە كۈلكە جىلۋىسى تەبەسسۇملىدى مەمەتخان ئاكام بولسا كۆزلىرىدىكى قايغۇ ياشلىرىنى يىڭىدە سۈرتىۋەتكەچ،
-گۈلسۈمخان مىھمانلارغا چاي راسلاڭلار:دىدى،گۈلسۈمخان ھەدەم
-ھە بولىدۇ مانا ھازىرلا:دىددە ئىچكىركى ئۆيگە قەدەم ئالغاچ ھويلىغا كىرگەن مىھمانلاردىن بىرنەچچىسى
-بولدى مەمىتاخۇن-گۈلسۈمخان بىزمۇقايتايلى زورەم قىزىمىزمۇ ياخشى بوپقالدى بىزمۇ خاتىرجەم بولدۇق:دىيىشتى سىرتقا ماڭغاچ مەمەتخان ئاكام
-بولىدۇئامىسە ئاۋايلاپ مىڭىشقايلا:دىدى ۋە مىھمانلارنى ئۇزاتقاچ،مانمۇ ئىغىرقەدەملىرىمنى مىڭبىرتەسلىكتە يۈتكەپ سىرتقاماڭدىم ئاردىن
-بالام ئابدۇسوپۇر كىلە بالام چايغا ئىڭىزتەگ:بۇ مەمەتخان ئاكام ئىدى،مەن قەپقىلىشقا باھانە تاپالماي تۇرغان ۋاختىمدا بۇگەپلەر قۇلىقىمغا تولىمۇ ياقتى شۇڭا ئىكىلەنمەيلا داسقانغا كىلىپ ئولتادىم،لىكىن گىلكىمدىن يىچبىر غىزا ئۆتىدىغاندەك ئەمەس ئىدى،
-ئالە بالام نىمىگە قاراپ ئولتۇرسەن قوسۇغۇڭمۇ ئاچقاندۇ قىنى ماۋۇچاي بىلەن:دىدى گۈلسۈمخان ھەدەم قولىدىكى چاينى ماڭا تەڭلىگەچ مەن چاينى بىرئوتلاپلا قويۇپ قويدۇم ھەمدە زورەمدىن كۆزۈمنى زادىلا ئۈزەلمىدىم،ئۇنىڭ كۆزلىرى يۇمۇلغان بولۇپ چىھرىدە بىرخىل ئىللىق تەبەسسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى،مەن بىرئاماللارنى قىلىپ ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ بىقىشنى ئويلايتتىم،مەن ئاستا ئورنۇمدىن يۈتكەلدىمدە زورەمنىڭ يىنىغا باردىم ھەمدە ئۇنىڭ يان تەرەپتىن چىقىپ تۇرغان قولىنى ئاستاغىنە تۇتتۇم ئۇنىڭ قوللىرى خۇددى يىڭى ئايرىۋىلىنغان پىلىدەك يۈمشاق بولۇپ قوللىرىدىن يالقۇنجىغان ئوتلار مىنىڭ يۈركۈمنى ئۆرتەۋاتقاندەك بىلىنەتتى،بىرچاغدا تۇيۇقسىزلا
-ۋوي تاز نىمىش قىلىۋاتىسە:دىگەن ئاۋازبىلەن چۈيچۈپ كەتتىم مەمەتخان ئاكام ماڭا كۈلۈپ بىرقارۋەتكەندىن كىيىن
-نىمە قىلىۋاتىسەن بالام:دىدى مەن يۇزلۈرۈم ئوتتەك قىززارغان يۈركۈم بولسا گۈپۈلدۈپ سۇقىۋاتقان ھالەتتە
-مەن!!!مەن شۇ شۇ زورەمنى چىۋىن چىقىۋالمىسۇن دەپ:دىدىمدە يەردىن بىشىمنى كۆتۈرمەيلا مەمەتخان ئاكام
-ۋوي بالام  بۇ كەچتە نەدىكى چىېىۋىنكەن ئۇ؟:دىدى مىنى چاقچاق ئارلاش مەسخرە قىلغاندەك گۈلسۈمخان ھەدەم ۋەللىدە بىركۈلگىنىچە
-بىزنىڭ سوپۇرەك ئۆزى باققان چىۋىن بولساكىرەك ھى ھى،ھە سوپۇرەكجان زورەمنىڭ چىۋىننى قورى ۋاتاملا ياكى...:دىدى كۈلۈپ تۇرۇپ مەن خىجىللىقتا لام جىم دىمەيلا ئورنۇمدىن تۇردۇم ۋە مەن قايتاي مەمەتخان ئاكا گۈلسۈم ھەدە كەچ بوپكەتتى دادام ئەنسىرەپ قالمىسۇن دىدىم تالاغا ماڭغاچ،بىز خوش لۇشۇپ يولدا كىتىۋاتقىنىمدا كاللامنى تۈگۈمەس خىياللار چىرماپ كىتىۋاتاتتى،خىياللىرىم بولسابۇكىچىنى قانداق تاڭ ئاتقۇزۇش كىچە تىزراق تاڭئاتسا زورەمنى تىزراق كۆرسەم ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەرئالسام ئەگەر مۇمكىن بولغان بولسا ئىدى بۈگۈن ئويگە قايتماي ئۇنىڭ يىنىدا تۇرۇپ ئۇنىڭدىن خەۋەرئالغان بولاتتىم،لىكىن ئامال يوقتە مانا مۇشۇنداق گىچماچ خىيىللانى سۈرۈپ ئويۈمنىڭ ئالدىغا قانداق كىلىپ قالغانلىقىمنىمۇ بىلمەيلا قاپتىمەن،ئۆيگە كەلسەم مىھرىبان دادام ئويلىدا ئايغا قاراپ ئولتۇرغان ئىكەن مىنى كۆرۈپ
-كەلدىڭمۇ بالام زورەمچۇ؟ئۇقانداقراق خىلى ياخشى بوپقالدىمۇ؟:دىدى مەن زورەمنىڭ ئىشلىردىن بىرەقۇر خەۋەردار قىلىۋەتكەندىنكىيىن داداممۇخاتىرجەم بولۇپ ھەدىلىرىم راسلاپ قويغان ئورۇنغا كىلىپ يىتىشقا تەمشەلدى،مەنمۇ دادامنىڭ يىنىغا كىلىپ ياتتىم ياتقاچ دادامدىن سوردۇم
-دادا چايان چىقىۋالغان ئادەم قانچىلىك ۋاختتا ساقىيىدۇ؟ چايان چىقىۋالغان يىرى ئاغىرامدۇ؟بەك ئاغىرامدۇ ياكى بوشراقمۇ؟: دادام چوڭ ئادەملەرگە گەپ قىلغاندەك چۈشۈدۈرۈشكە باشلىدى،
-چايان چىقىۋالغان ئادەمنىڭ  ئادەتتە ئاشۇ چايان چىقىۋالغان يىرى تەرەپ ۋاخىت سائىتى كەلگۈچە بەكلا ئاغرىدۇ،چىدىغۇسىز ئاغرىدۇ لىكىن ۋاختى سائىتى كەلگەن ئۆزلىكىدىنلا ئوڭشىلىپ كىتىدۇ:دىدى سامان تىقىپ ئەپلىك قىلىپ تىكىلگەن تەككىگە يانپاشلاپ يىتىپ،مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن تىخمۇ بىئارام بولدۇم ،كۆڭلۈمدە ئۇنىڭ بىقىنى قانچىلىك ئاغرىۋاتقاندۇ؟ئۇھازىر ۋايجان تولاپ يىغلاۋاتامدىغاندۇ؟،قانچىلىك قىيىنىلىۋاتقاندۇ؟توۋا مۇشۇنداق ۋاختىدا ئۇنىڭ يىنىدا بولالمىغىنىمنى دىسە،مۇشۇنداق ئايىغى چىقماس خىياللارنى قىلىپ يىتىپ قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن بىر چاغدا چۈش كۆرۈپتىمەن چۈشۈمدە زورەم ئىككىمىز بىر باغدا كىتىۋاتقىدەكمىز،باغ بەكلا چىرايلىق باغ بولۇپ ئۆز-ئۆزىمزىگە بىزجەننەتكە كىرىپ قالدۇق دەيمىشمىز زورەم بولسا مىنىڭ قولۇمنى يىتىلەپ باغ ئىچىدىكى كۆلچەكتە مىڭىپ يۈرگۈدەكمىش،مەن بەكلا خوشال مىشمەن تۇيۇقسىز بىر قارا كۆلەڭگە پەيدا بولارمىش ھەمدە زورەمبىلەن ئىكىكەيلەنگە بىرھازا قارۋاتقاندىنكىيىن ئىتىلىپ كىلىپ زورەمنىڭ قولىنى تۇتقانمىش مەن ئۇنىڭ قولىنىڭ ئىتتىرۋىتىپ بولغۇچە زورەم مىنىڭ قولۇمنى سىلكىپ قويۋەتكەنمىش،ھەمدە يىلىقى قارا كۆلەڭگۈنىىڭ قولىنى چىڭ تۇتقىنىچە ماڭا قاراپ مەسخىرە ئارلاش كۈلۈپ،
-ۋۇ ئاخماق ھى ھى ھى ھى:دەپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كىتىپ بارمىش بۇ قارا كۆلەڭگە بولسا ئۆزى سەل سىمىزرەك قاۋال بەستىلىك بولۇپ زورەمنى يىتىلەپ،چوڭ چوڭ قەدەم ئىلىپ كىتىپ قالغانمىش،مەن بولسام زورەم زورەم دىگىنىمچە توۋلاپ قولۇمنى ئۇزاتقىنىمچە قالغان مىشمەن.

داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107785
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 49
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2014-6-17
ئاخىرقى: 2014-7-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-15 06:47:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خاپا بولمايسىلەر كۆپچىلىك ئالدىراشچىلىقتا ۋاختىدا يوللىيالمىدىم

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش