مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: kirimjanyasin

يەرلىكىدە ياتقان ياشلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12719
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 31713
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4651 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 11:21:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەتلەر سول تەرەپتىن باشلىنىپ قاپتۇ.....



يەرلىكىدە ياتقان ياشلار(سانائىل ھەرپتىن تۈزۈلگەن سۆز ئويۇنى)


    يارەنلەر،يازمىمىزدا«يەرلىكىدە ياتقان ياشلار»نى يېزشىم،يېشى يىگىرمىگە يەتكەن ياكى يىگىرمىگىمۇ يەتمىگەن،يىگىرمە ياشتىن يۇقۇرى ياشلىرىمىزنىڭ يوللاردا ياندىشىپ يۈرۈپ،ياشلىقىنى يۈگەنلەپ،يولدا يانپاشلىرى يەنجىلىپ يەرلىكىدە يېتىۋاتقان يۈزلىگەن ياشلىرىمىزغا يەنى ياندىشىشتىن يالتايمايۋاتقان،ياندىشىپ يۈرۈپ يەرلىكىدە ياتقان ياشلارنى يادىغا يەتكۈزمەستىن،يولدا يەڭگىل يۈرمەي،يەتمىشتە،يۈزدە،يۈزيىگىرمىدە يول يۈرۈۋاتقان ياش يىگىتلەرگە ياندىشىپ يول يۈرۈشنىڭ يامانلىقىنى يادىغا يەتكۈزۈشتۈر.
     يازمىمىزدا ياندىشىپ يول يۈرۈشنىڭ يامانلىقىنى يۇرۇتۇپراق يەكۇنلىسەك؛يۇرتىمىزدا يېقىندا يېرىم-ياتايوللار يۇقۇرىنىڭ يىتەكلىشىدە يېڭىدىن ياسالغان.يول ياسىلىپ يۈرۈشلىشىۋىدى،يورتىمىزدىكى  ياقۇپ،يۈسۈپ،يارمەمەتلەر،يوۋاشلاشماي،يېڭىدا يولدا يۈرۈۋېلىشقا يۈزلىنىپ يېپيېڭى «ياماخا»لىرىغا يۇپۇشۇپ،يورتتىن يولغا يانمۇ-يان يۈرۈشلەندى.يورىتتىكى ياسالمىغان يولدىن يېڭى ياسالغان يولغا يەتكەندە  ياش يىگىتلەر يۈرەكلىرى ياشىرىپ،«ياماخا»لىرىنىڭ يول يۈرۈشىنى يەتمىشتىن، يۈز يىگىرمىگە يەتكۈزۈپ يانداشتى.ياندىشىۋاتقاندا ياندىشىپ يىتىشەلمىگەنلىرى يول يۈرۈشنى يەنىمۇ يۇقۇرلىتىپ يول يۈرۈشنى يەنىمۇ يۇقۇرلىتىۋەردى.يۈزيىگىرمىدە يول يۈرگەچكە  يىگىتلەرنىڭ يۈزلىرى ياشاڭغۇراپ،يول يۈرەلمەيۋاتسىمۇ،ياندىشىۋەردى.ياقۇپ ياندىۋەتسە،يۈسۈپ يول يۈرۈشنى يەنىمۇ يۇقۇرلارتتى.يۈسۈپ ياندىسا يارمەمەت يول يۈرۈشنى ياقۇپ ،يۈسۈپلەردىمۇ يۇقۇرلىتىپ ياندىدى.يۈسۈپ ياندىۋەتسە ياقۇپ يۈرۈشنى يۇقۇرلىتىپ،ياقۇپ ياندىۋەتسە يۈسۈپ،يارمەمەتلەر يۈرۈشنى يۇقۇرلىتىپ يۈرۈپ ياندىشىۋەردى.ياقۇپ،يۈسۈپلەر ياۋايىلەرچە ياندىشىپ يىكەنلىك يولغا يەتكەندە،ياندۇمىدىن يېڭىئاۋاتقا يانغان يىگىرمە يەتتە يۈرۈشلۈك يولوچىلار يوتۇڭى يېرىم يايىلىق يۆگەلمە يولدىن يەڭگىلگىنە يۈرۈۋاتقاندا «ياماخا»نى يۇقۇرىلىتىپ يۈرۈۋاتقان ياقۇپ،يۈسۈپلەرنى يەنجىۋەتتى.ياقۇپنىڭ يۈرىكى يېرىلدى،يۈسۈپنىڭ يانپىشى،يوتىسى يەلپۈگۈچتەكلا ياپىلاقلىنىپ يەرگە يۇپۇشتى.ياقۇپ، يۈسۈپلەرگە يىتىشىۋېلىشقا يانداۋاتقان يارمەمەتمۇ ياقۇپنىڭ يەردە ياتقان «ياماخا»سىغا يۆگىشىپلا يولدا يامغۇر يىغىلغان يەرگەيۈكۈنگىنىچە يىقىلدى.يىقىلغىنىچە يۆتىلىپ يەرنى  يالىغىنىچە يۇمىلاندى.
   يورت ياقۇپ،يۈسۈپ،يارمەمەتلەرنى يۇيۇپ،يەرلىكىدە ياتقۇزۇشتى.يۇرتتىكىلەر يۈزلىرىنى يامىداپ،ياقىلىرىنى يىرتىشىپ يىغلاشتى.يىغلىسىمۇ يوقالغان ياشلار يۇرۇقلۇققا يانمىدى.
   يازمامنى يەكۈنلىسەم،يازمامنى يۈزەكىلا يامىدىماي،يۈرىكىڭلاردىن يامىداڭلار.يېڭى يولدىمۇ، ياسالمىغان يېرىم-ياتا يوللاردىمۇ ياندىشىپ يۈرىۋاتقانلار ياندىشىشتىن يېنىڭلار!يولدا يانداشمىساڭلارمۇ ،يەڭگىل يول يۈرسەڭلەرمۇ يىتىدىغان يىرىڭلارغا يىتەلەيسىلەر. يىتىدىغان يىرىڭلاردا يوقلىما يوقتۇ؟يولدا يانداشماي ياۋاش يۈرسەكمۇ يارشىدۇ،ياۋايىلارچە ياندىشىپ يۈرسەك ياراشمايدۇ.ياشلارمۇ،ياشانغانلارمۇ،يىتىشكەن يۇلۇچىلارمۇ،يېڭىدىن يول يۈرۈۋاتقانلارمۇ، ياندىشىپ يول يۈرىدىغان،يۇقۇرىلىتىپ يول يۈرۈدىغان يامان يولدىن يېنىڭلار، يانمىساڭلار، يۈسۈپ،يارمەمەتلەردەك يەرلىكىڭلاردا ياتىسىلەر....



ئاپتۇرى:كىرىمجان ياسىن(زەپەر)


مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106095
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1577
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 11:30:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى ساقلىۋالدىم راسلا ئىبرەتلىك تىما بوپتۇ.

ئادەمنىڭ پوزىتسىيەسى تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106095
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1577
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 11:30:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى ساقلىۋالدىم راسلا ئىبرەتلىك تىما بوپتۇ.

ئادەمنىڭ پوزىتسىيەسى تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويىدۇ.
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98726
يازما سانى: 644
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3110
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 973 سائەت
تىزىم: 2013-10-16
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 12:38:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كۆكزات رەسسام بىلوگى :http://kokzat.kawsar.cn/ سىزنى قارشى ئالىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21530
يازما سانى: 520
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8464
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 800 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2015-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 09:54:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەرنى ئەجايىپ ياخشى يېزىپسىز!!!1

ئىگىلىك 100 سالونىنىڭ قوشۇۋېلىش ئادرېسى: IGILIK100

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101241
يازما سانى: 756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3956
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 612 سائەت
تىزىم: 2013-12-23
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 10:36:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سوزگە باي ئىكەنسىز ،ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ ،ئاپىرىن سىزگە....

مېھرىماھ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2942
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16788
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2614 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 10:40:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىلىمىز سىز كەبى قەلەمدارلارنىڭ دىلىدا مۇراد تاپقۇسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100776
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1571
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2013-12-12
ئاخىرقى: 2014-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 11:24:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەرلىكىدە ياتقان ياشلار  دىگەن ماۋزۇنى ئوقۇپلا قەلبىمنى بىر مۇدھىشلىق قاپلىۋالغانتى،،يەنە نىم بولغاندۇ دەپ..

ئۇھ خۇداغا شۈكىرى سانا ئىل سۆز ئويىنىكەن ئەمەسمۇ..

ئاپتۇرغا رەخمەت.

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2455
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7212
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2033 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 11:30:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
joda☠ يوللىغان ۋاقتى  2014-6-19 05:30 PM
ياخشى يىزىلىپتۇ ...ئىككى شىڭگىل كەلتۇرۇپ قويدۇم

ياخشى يازما يىزلىپتۇ...     يىقىندىن ياقى ياخشى يازما   يوقىمايۋاتىدۇ ...    مانا مەنمۇ  نەچچە شىڭگىل   يىزىپ قوياي  ئۆزۈمنى چاغلىماي...  

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

شۈكىرى ئاللاھ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2267
يازما سانى: 2200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19537
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 5364 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 12:33:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈپىتى ياخشى ئىسلامىي كىيىملەر ۋە شارپىلار بازارغا سېلىندى .
مال سېتىۋىلىش ئادىرسى
淘宝店:
http://shop111527376.taobao.com

غىمىمىزنى ئاخىرەت قىلساق بۇ دۇنيادىكى غىمىمىزنى  ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش