مەن سىنى كۈتىمەن،كىلىسەن ھامان،
ۋىسالنىڭ پەيزىگە قاندۇرۇپ مىنى.
مەن سىنى كۈتىمەن،كىلىسەن ھامان،
ئۆزگىلەر كىتەلمەس ئازدۇرۇپ مىنى.
مەن سىنى كۈتىمەن،كىلىسەن ھامان،
ئىچىلار قايتىدىن سۆيگۈ گۈللىرىم.
مەن سىنى كۈتىمەن،كىلىسەن ھامان،
تۈگەيدۇ ئۇيقۇدىن بىدار تۈنلىرىم.
مەن سىنى كۈتىمەن،كىلىسەن ھامان،
خوشلىشىپ شۇ ھىجران-باياۋان بىلەن.
باغرىمغا ئۆزۈڭنى ئاتقان شۇ دەمدە،
يۈرۈكۈم پارتىلار ھاياجان بىلەن.
بەك ياخشى يازىدىكەنسىز. ئىلھاملىنىپ قاملاشمىسىمۇ ياندىشىپ باقتىم