يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئادەتتە تېڭىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ چۈنكى بوۋاقلار بالا ھەمرىيى ئىچىدە بىر يىمىق ۋە كىچىك مۇھىتتا بالياتقۇ ئىچىگە ئورىنىپ جايلاشقان بولغاچقا، تۇغۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە بوۋاقلارنى مەھكەم تېڭىپ ئۇخلىتىش ئۇلارغا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ. ئەلۋەتتە چىڭ تاڭدىم دەپ ئاشۇرۋىتىشكە بولمايدۇ. بوۋاقلارنىڭ قىلمىشى ۋە قانداق باقسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىدىغان بىر پەن بار بولۇپ، بۇنى ئېنگىلىزچىدا Neonatal Biology ياكى Neonatology دەيمىز، يەنى «نارسىدەشۇناسلىق» دېگەن مەنىدە. بۇ ئىلىم جۇڭگودا تېخى غەرب ئەللىرىگە قارىغاندا بەكمۇ يېڭىدىن باشلانغان بولغاچقا كۆپىنچە كىشىلەر بۇنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان. ھازىر بوۋاقنى قانداق باقسا بولىدىغانلىقىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىدىغانلار بار، بۇرۇن ئانىلارنىڭ تەجىرىبىسىدىن ئۆتۈپ ئەجدادلار بۆشۈكنى ئىجاد قىلغان بولۇشى مۇمكىن. تۆۋەندىكىسى مەخسۇس «نارسىدەشۇناسلىق» ھەققىدىكى ئىلمىي ژورناللارنىڭ تور بېكىتى بولۇپ، ۋاقتىڭىز بولسا ئانچە-مۇنچە شۇنداق ژورناللارنى ئوقۇپ قويۇپ ئاندىن بۇ توغرىدا مەن مېنىڭچە بۇ مۇنداق ئىش ياكى ئۇنداق ئىش دەپ ھۆكۈم قىلسىڭىز تېخىمۇ مۇۋاپىق:
http://www.jcnonweb.com
http://www.journals.elsevier.com/pediatrics-and-neonatology/
ئامېرىكىدا بۆشۈككە تاڭغاننى ساقچى كىلىپ سورىغاننى مەن تۇنجى قېتىم مۇشۇ يەردە ئاڭلاپتىمەن. ئامېرىكىدا بالا بېقىشقا قويۇلىدىغان تەلەپ ئالاھىدە يۇقىرى ۋە مەن بۇ توغرىدا ئۆز تەجىرىبىلىرىمنى تەپسىلىي يازىمەن. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدىمۇ بۆشۈك ئەكەلدۈرۈپ بالىسىنى بۆشۈكتە باققانلار بار، ئۇلارنىمۇ ساقچى تۇتۇپ كەتمىدى. بالىنى بۆشۈككە بۆلىدىم دەپ ھەددىدىن زىيادە چىڭ تېڭىپ بالىنىڭ بەدىنى ئاغىرىپ كەتسە ياكى بىئارام بولۇپ يىغلاپ توختىمىسىمۇ كارى بولمىسا بەلكىم ساقچى كىلىپ سۈرۈشتە قىلىشى ئېھتىمالغا يېقىن، ئەمما بۆشۈكنى نورمال ئىشلەتسە بۇنىڭ ئامېرىكا قانۇنىدا چەكلىنىدىغانلىقىغا مەن ئىشەنمەيمەن.
بۆشۈكنىڭ ھەقىقەتەن مېڭىگە زېيىنى بولسا بۇنى ھۆكۈمەتتىن ئالاھىدە مەبلەغ چىقارمىسىمۇ تەييار تەجىرىبە نەتىجىلىرى ئەتراپىمىزدىلا بار. مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بۆشۈكتە يېتىپ چوڭ بولىدۇ، ئامېرىكىلىقلار ياكى باشقا نۇرغۇن دۆلەت كىشىلىرى بۆشۈكتە يېتىپ چوڭ بولمايدۇ. پەقەت بۆشۈكتە يېتىشتىن كىلىپ چىقىدۇ دەپ قارالغان مېڭە كېسەللىرى ياكى مېڭە يېتىلىش بىنورماللىقىنىڭ شۇ رايونلاردىكى يۈز بېرىش نېسىبىتىگە قاراپ باقسىلا بۇنى تەخمىنىي جاۋابى چىقىدۇ. مەن كېيىنچە بۇ توغرىدا ئىزدىنىپ كۆرىمەن. ئەمما ھازىرنىڭ ئۆزىدە ھېچقانداق دەلىل ئىسپات يوق تۇرۇپ، مەلۇم ئىلمىي تەتقىقاتنى ئاساس قىلمىغان دوكلاتقا ئاساسەن بۆشۈكنى زېيىنى بار دەپ ھۆكۈم قىلساق ئىلمىي بولمايدۇ.
ئەگەر بۆشۈكنىڭ شۇنداق زېيىنى بولغان بولسا، بەلكىم ئۇيغۇر بالىلار بۆشۈككە بۆلەنمىگەن رايون، مىللەت كىشىلىرىدىن مېڭە يېتىلىشى جەھەتتە ئارقىدا تۇرسا بولاتتى، ئەمما بۇنداق ئىكەنلىكىگە ئىسپات يوق ھەم نۇرغۇنلىغان بۆشۈكتە بۆلىنىپ چوڭ بولغان ئۇيغۇر بالىلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا باشقا مىللەتلەر قىلغان ۋە قىلالمىغان ئىشلارنىمۇ قىلىپ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ ناھايىتى جايىدا ئىكەنلكىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا.
تەكىتلەش كېرەك بولسا، بەلكىم بىر كۈن كەچىكىچە بۆشۈككىلا تېڭىپ قويۇپ بالىنىڭ ئانا ۋە دادا بىلەن بەدەننى يېقىپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈشىگە ئىمكانىيەت ياراتماسلىقنى، بۆشۈكنى بەك ئىسسىق قىلىۋىتىش ۋە بالا ئۆزى ھەرىكەت قىلغۇدەك بولغان ۋاقىتتا بۆشۈك ئىشلىتىش ۋاقتىنى قىسقارتماسلىقنى تەنقىدلىسەك ۋە شۇلارنى تۈزىتىشكە دەۋەت قىلساق توغرا بولىدۇ.