aisadap يوللىغان ۋاقتى 2014-6-22 06:30 PM
مۇشۇ چوڭ گۇناھلارنى ئۆتكۈزۈپ قويغانلارنى ئاللاھ كەچ ...
ئۆلىمالارنىڭ ئېيتىشىچە، ھەرقانداق گۇناھقا تەۋبە قىلىش زۆرۈردۇر. ئەگەر گۇناھ ئاللاھ تائەلا بىلەن بەندە ئارىسىدىكى ئىش بولۇپ، بەندىنىڭ ھەققى بىلەن چېتىشلىغى بولمىسا، ئۇنىڭغا 3 شەرت لازىم بولىدۇ:
1-گۇناھتىن يېنىش.
2-گۇناھىغا پۇشايمان قىلىش.
3-شۇ گۇناھنى قايتا قىلماسلىققا بەل باغلاش.
ئەگەر بۇ 3 شەرتنىڭ بىرى ھازىرلانمىسا، ئۇنىڭ تەۋبىسى دۇرۇس بولمايدۇ.
ئەگەر گۇناھ بەندىنىڭ ھەققىگە چېتىشلىق بولسا، يۇقۇرىقى 3 شەرتتىن باشقا 4-
شەرتنى ئورۇنداش يەنى ھەق ئىگىسىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش، ئەپۇ قىلىشىنى تەلەپ
قىلىش، بارلىق گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىش كىرەك.
ئاللاھ تائەلا مۇنداق دەيدۇ:<ئى مۇئىمىنلەر، ئاللاھ تائەلاغا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار،
ئۈمىدكى پەرۋاردىگارىڭلاار سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ> << قۇرئان كەرىم >> سۈرە تەھرىم 8- ئايەتنىڭ بىر قىسمى .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن :< بەندە سەكراتقا چۈشۈپ قالمىغانلا بولسا
، ئاللاھ تائەلا ئۇنىڭ تۆھپىسىنى قوبۇل قىلىدۇ.> ……تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
مەنبە: << ياخشىلار باغچىسى>>-----تەرجىمە ۋە شەرھىنى ئىشلىگۈچى :
مۇھەممەد سالىھ
نەزىرە مۇھەممەد سالىھ