avare يوللىغان ۋاقتى 2014-6-21 09:19 PM
ئاۋۇ سىيسى دېگەن نېجىسنىڭ ئەسكىلىكلىرى چىرايىغىمۇ تىپ ...
دىگىنىڭىز توغرا مۇرسىدەك يۇقىرى مەلۇماتلىق دىندا تەقۋا مۇسۇلمان ھەم زامانىۋى ئاڭ ،پەن ئالىمى بولغان كىشنىڭ مىسرنىڭ رەئىسى بولىشى ئەسلى مىسر خەلقنىڭ بەختى ئىدى ..بىراق مۇرسىدەك ،مىسردا دىن بىلەن تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋتىنى توغرا ھەل قىلىپ پۈتۈنلەي دىمۇكراتىك ،ئادالەتلىك بىر ئىسلام ھۆكۈمىتى قۇرۇشقا بارلقىنى ئاتىغان بىر دىلى يۇمشاق خەلقپەرۋەر رەھبەرنىڭ جامال ئابدۇلناسر دەۋردە ئورنتىلىپ ،مۇبارەك دەۋرىدە مۇستەھكەملەنگەن ۋە پۈتۈن مىسرنىڭ تەقدىرنى چاڭگلىغا ئېلىۋالغان ھەربىيلەرھاكىميتگە تاقابىل تۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى .سىياسىئون ئۈچۈن بولۇپمۇ مۇستەبىتلىك چوڭقۇر يىلتىز تارتقان مىسردەك بىر ئەلنىڭ سىياسىئونى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مەسلكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا چوقۇم قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈپ ، پەقەت ئۆز ئىمتىيازىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈنلا خەلق ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىدىغان ،سىيياسىي ئۆزگۈرۈش قىلدىغان باشباشتاق ھەربىي باشلىقلارنى ،ئۇلارنىڭ غالچىسى بولغان پۇرسەتپەرەس سىياسەتۋازلارنى قانلىق باستۇرۇش كېرەك ئىدى ،بىراق مۇرسى زىيادە تەقۋا ۋە خەلقپەرۋەر بولغاچقا قان تۆكۈشنى خالىمدى ،مانا ئەمدى ھەربىيلەر ۋە غالچا سىياسەتۋازلار مىسر مۇسۇلمانلىرىنى قويدەك بۇغۇزلاۋاتىدۇ ،قىلچنىڭ سېپىنى تۇتۇشنى خالىمىساڭ ،قىلچنىڭ بسىغا دۇچ كېلىسەن دىگەن ماناشۇ بولسا كېرەك .
تۈركىيدىمۇ ئەردۇغان كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ كامالىزمدىن ئازراقلا قېيىپ كەتكەن ھۆكۈمەتنى سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ ئاغدرۇۋېتش ئەنئەنىسىگە ئىگە تۈركىيە ئارمىيسىنى تازىلاپ ،ئۆز گېپىگە كىرگۈزگەندىن كېيىن ئاندىن ئۆزىنىڭ سىياسىي پىروگراممىلرىنى توسقۇنسىز يولغا قويۇپ ،تۈركىينى گۈللىنىش دەۋرىگە ئېلىپ كىرەلىدى .