hokumran يوللىغان ۋاقتى 2014-6-21 01:25 PM
ساقلاپ تۇرۇڭ، نەچچە يىل
18گە تولماپسىز كىچىك ئىكەن يېشى ...
ساقلاپ تۇراي دېگەنتىم بىر نەچچە يىل توشقىچە،
لېكىن يەنە ساقلايمەن رىزقىمىزنى قوشقىچە.
يالغۇز ئۆتۈش يامانكەن ھالال نىكاھ بولغىچە،
شۇڭا دەيمەن مەن زادى ئۆيلەنمىسەم بولمىدى.
ھازىر جاھان ئاجايىپ شەيتانى كۆپ ئازدۇرار،
نىكاھسىزنى شەيتانلار بەك ئاسانلا قايدۇرار.
گېزى كەلسە ھەتتاكى ئىمانىڭدىن ياندۇرار،
جاپا تارتسام مەن رازى ئۆيلەنمىسەم بولمىدى.
نىكاھ بولسا ئىنساننىڭ پۈتۈن بولار ئىمانى،
ھەمراھ بولسا قېشىدا يورۇق بولار نىشانى.
بەك ئويلاپمۇ كەتمەيلى قالدى كەتكەن ئىشلارنى،
مەن بويتاقنىڭ بۇ زارى ئۆيلەنمىسەم بولمىدى.