hatem يوللىغان ۋاقتى 2014-7-6 02:18 PM
رەھمەت، چۈشەنچە بەرگىنىڭىزگە.مۇشۇ سەئىدىيە پادىشاھلى ...
چىڭگىزخاننىڭ ياۋرۇ -ئاسىيا خەلقىگە زور -بالايى ئاپەت بولغىنى راىست ،بولۇپمۇ خارەزىم شاھنى يوقىتىش باھانسىدە سەمەرقەنىت ،ئوترار ،بۇخارا كەبى ئوتتۇرائاسىيادىكى مەدەنىيتى يۈكسەلگەن كاتتا شەھەر -قورغانلار ۋەيران قىلنىپ ،ئاھالە پۈتۈنلەي قىىرىپ تاشلاندى .
جوچىنىڭ ئوغلى باتۇخان بولسا رۇس ، شەرىقى ياۋرۇپا زىمىنلىرنى قانغا بويىدى، ھىلاكۇ خان ئابباسىيلار سۇلالىسنى ۋەيران قىلىپ ،باغدات كەبى شەھەرلەردە مىليونلاپ ئىنسانلارنى قىرۋەتتى ،كۇتۇبخانىلار ،مەدرىسە -مەسچىتلەر يىقىتىلىپ ،كىتابلار كۆيرۈرۈلدى .
مېنىڭچە ئالىكساندىر ماكۇدۇنىسكى (ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ) بىلەن چىڭگىزخاننى سېلىشتۇرساق ھەر ئىككى جاھانگىر دۇنيانى بويسۇندۇرماقچى بولغان ،بىراق ئىسكەندەر مەدەنىيەتلىك يۇناندىن باش كۆتۈرگەچكە ئىستىلا قىلغانلكى يەرلىرىدە شەھەر -قەلئەلەرنى بىنا قىلىپ ،يۇنان مەدەنىيتىنى جاھانغا تاراتتى ،ئۇنىڭ ئىمپىريىسىمۇ نۇرغۇن بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ ئۇستىخانلرى ئۈستىگە قۇرۇلغان بولسىمۇ مەلۇم دەرجىدە شەرق-غەرپ مەدەنىيەت ئالماشتۇرشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ،مەدەنىيەت تارقاتقۇچى ئاتالدى .
دەل ئەكسىچە چىڭگىزخان ناھايتى قالاق ۋە ياۋايى مۇڭغۇل قەبىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ، بايلىق -ئاياللارنى بۇلاشقا ھرېىس ،تۈمەنلىگەن ئۆلۈمدىن قوقماس قاراقچى تەبىئەتلىك قوشۇنلىرنى باشلاپ شەرقتىن غەرپكە سۈرتوقاي قىلىپ ،بارغانلا يەرنى بۇلاپ تالاپ ،قىرغىن قىلىپ ئوت قويۇپ دۇنيا مەدەنىيتتىگە زور زىيانلارنى سالدى .
شۇنىڭغا قارىغاندا ئىستىلاچىلىق ئۇرۇشلرى ئىستىلاچىلارنىڭ كېلىپ چىقشى ،مەدەنىيلىك دەرجىسىگە قاراپ يا ئىنسانلار مەدەنيتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ياكى مەدەنىيەتنى ۋەيران قىلىش رولىنى ئۆتەيدىكەن . ئىسكەندەر كەبى ئىستىلاچىلار مەلۇم مەنىدە دۇنيا مەدەنىيتنىڭ گۈللنىشىگە ھەسسە قوشقان قەھرىمان بولسا ،چڭىگزخانلار بولسا دەل ئەكسى مەدەنىيەت بۇرزغۇنچسى بولۇپ قالغان .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا babur99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-6 04:37 PM