مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: xamal1124

رازۋېدكا خاتىرىسى— سىرلىق ئۆيدىكى قاتىللىق دېلوسى (1) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101904
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 958 سائەت
تىزىم: 2014-1-6
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 01:32:38 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رازۋېتكا خاتىرسىنىڭ ئاخىرىنى يەنە ئوقۇيدىغان ۋاقىت كەپتۇدە!   ئۈزۈلۈپ قالماي داۋاملىششىنى ئۈمىد قىلىمەن.
باشلىنىشىمۇ ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ. فاسەي دىگەن سولتەك بىرەدەمدە ۋارچىل دىگەن نانقېپىنىڭ ئاغزىنى ئىتىپ قويدى.
جى لىڭ گې سوراق قىلىپ جىنايەتچىنى تاپالامدۇ يوق!  قېنى داۋامىغا قاراپ باقايلى!
ئوقۇيدىغدنلار ئازئەمەس جۇمۇ شامال بۇرادەر!  
مىنىڭچە بولغاندا بۇ رازۋېتكا خاتىرسى نادىرلىنىشقا تىگىشلىك ئەسەر!  باشقۇرغۇچىلار ئويلۇنۇپ باقسا بولاتتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تەسەللى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-26 01:35 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4122
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 01:58:00 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
wahima2 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-26 01:11 AM
يېزىڭە .....قايسى مۇنبەرگە يازسېڭىز مەن ئەگەشتىم،ئوقۇغى ...

شۇڭا تۈزۈت قىلماي يېزىۋاتىمەنغۇ مانا داۋاملىق

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4122
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 01:59:43 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Zirakk يوللىغان ۋاقتى  2014-6-26 02:24 AM
داۋامىغا تەشنا بىز ~

شۇڭا مەنمۇ بولاي تېز

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4122
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 02:02:09 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hiyalim1234 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-26 02:32 AM
جىڭ ئوغۇۋالا جۇما دىگىنىڭىزنى قىلدىڭىز تەتىل باشلىنى ...

قوللىغىنىڭىزغا تەشەككۈر جۇمۇ قېرىندىشىم.

ۋەدە بەرگەندىكىن ۋەدەمدە تۇرمىسام قانداق بولىدۇ

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4122
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 02:04:16 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەسەللى يوللىغان ۋاقتى  2014-6-26 01:02 PM
ۋەقەلىك تورخانا ئىچىدىن ئۇسۇل سىنىپىغا يۆتكىلىپ كەتتى ...

كۈندە يەتتە بەتتىن تەرجىمە قىلىۋاتىمەن. ھازىر تۆت بەت تۈگىدى. قالدىسىنى تەخمىنەن ئىككى سائەت ئىچىدە يوللىسام، يەنە نەچچە سائەت تەستىق كۈتسە ...
ئىشقىلىپ داۋامىنى بۈگۈن يوللايمەن

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4122
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 02:06:16 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەسەللى يوللىغان ۋاقتى  2014-6-26 01:32 PM
رازۋېتكا خاتىرسىنىڭ ئاخىرىنى يەنە ئوقۇيدىغان ۋاقىت كە ...

داۋامىنى ئەلۋەتتە ئوقۇيسىز.

نادىرلىنىشى ... مىسرانىمدا قانداق بولاركى جۇمۇ. ھېلىمۇ ...بولدىلا، دېمەيلا قوياي. بالاغا قالماي يەنە.

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12425
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32495
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4487 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 02:29:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى تېخى چىقماپتىغۇ؟.....

ئىتتىكرەك يوللىڭە....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4122
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 02:46:23 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musilina يوللىغان ۋاقتى  2014-6-26 02:29 PM
داۋامى تېخى چىقماپتىغۇ؟.....

ئىتتىكرەك يوللىڭە....

ئەتتىگىندىن بۇيان ئۇرىۋاتقان. چۈشتە ئازراق ئىشىم چىقىپ قالدى دەڭە.
ئۇزاققا سوزماسلىققا تىرىشىمەن.

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101904
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 958 سائەت
تىزىم: 2014-1-6
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 02:48:23 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xamal1124 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-26 02:06 PM
داۋامىنى ئەلۋەتتە ئوقۇيسىز.

نادىرلىنىشى ... مىسرانىمد ...

يەنە بىر نەچچە بۈلۈم يوللانغاندىن كىيىن نادىرلىنىپ قېلىشى مۇمكىن،
مەن باشقۇرغۇچى بوپ قالغان بولسام مەنسىپىمدىن ئېلىپ تاشلىۋېتىدىغان ئىش بولسىمۇ نادىرلايتىم،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4122
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 06:14:15 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

رازۋېدكا خاتىرىسى— سىرلىق ئۆيدىكى قاتىللىق دېلوسى (2)

ھەممە تەييارلىق تولۇق پۈتۈپ ،  جى لىڭ گې ماتېرىيال خالتىسىنى ئېچىپ بۇ كىچىك سىنىپ ئىچىدە ئولتۇرغان بۇ مەزگىلدە، بۇ 21 نەق مەيداندا تۇرغۇچىدىن بىرە ئالاھىدە ئىنكاس كۆرۈلمىدى، كەيپىياتى تېخىچە ياخشىلانماي تۇرىۋاتقىنى يەنىلا چىڭ جوۋ ئىدى. شۇڭا ھازىرقى بۇ ئەھۋالغا قارىتا، بۇ دېلونى تىپىك بىر سىرلىق ئۆيدىكى قاتىللىق دېلوسى دېيىشكە بولاتتى.
  سىرلىق ئۆيدىكى قاتىللىق دېلوسى دېگەنلىك، ئادەتتە دېلو يۈز بېرىش ئالدى كەينىدە ھېچقانداق ئادەم ئۆي ئىچىگە كىرىپ - چىقمىغان، ئالدىنالا شۇملۇقنى پىلانلاپ قويغان قاتىل ئۆزىنى ئۆلگۈچى ۋە باشقىلار بىلەن بىرگە ئۆي ئىچىگە قاماپ قويۇپ، قېچىپ كەتمەستىن ئۆزىنى گۇناھسىز كۆرسىتىپ ساقچىلارنى ئالداپ ئۆزىنى قوغدايدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ.
  ھازىرقى قاتىل چوقۇم مەقسەتلىك ئادەم ئۆلتۈرگەن، چۈنكى ئۇ پىچاقنى ئۇسۇل سىنىپىگە ئەكىرىپلا قالماي، بەلكى يەنە سىرتنىڭ توك دىنىنىڭ تېخى ئوڭشىلىپ بولالمىغانلىقىنى بۈگۈن كېچە بۇ بىنادىمۇ توك توختايدىغانلىقىنى ئالدىن پەملەپ قويغان. ئوخشاشلا، ئۇ يەنە قەستەن ئۆزىنى ئادەملەر ئارىسىغا يوشۇرۇغان، بولمىسا ئۇ ھەرگىزمۇ بۇنداق خەتەرلىك ۋاقىت بىلەن خەتەرلىك ئورۇننى ۋە ئۆلتۈرۈش ئوبېيكتىنى تاللاپ يۈرمەي، تامامەن ئادەم يوق بىر جايدا قەست قىلىپ ئاندىن قالدۇقىنى يۇغۇشتۇرىۋېتەلەيتتى.

  جى لىڭ گې بەي مۇئەللىم سىزىپ بەرگەن توك توختىغان چاغدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرۇۋاتقان جايىنىڭ تەكشىلىكتىكى خەرىتىسىنى ئۈستەل ئۈستىگە يايدى:
  پاراللېل پېپىد شەكلىدىكى ئۇسۇل سىنىپى ئىچىدە، ئۈستى تەرەپ ۋە يان تۆت تەرەپ پۈتۈنلەي ئەينەكتىن ياسالغان، دېرىزە بولسا بىر يۇقىرى ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۇنىڭدىن يامىشىپ كىرىپ چىقىش مۈمكىنچىلىكى يوق. ئەينى چاغدا قەستكە ئۇچرىغۇچى سىنىپنىڭ مەركىزىدە قەستكە ئۇچرىغان، ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئۇنى چۆرىدەپ تۇرغان ئۈچ ئوغۇل بار، ئۇلارنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن ئىككى - ئۈچ چامدام  كېلىدۇ. قېپ قالغان 17 نەپەر قىز ئوقۇغۇچى ئۇلار تۆتىنى چۆرىدەپ تۇرغان.
  خەرىتىگە ئاساسلىنىپ تەھلىل قىلغاندا، ئۇنىڭغا ئەڭ يېقىن بولغان ئۈچ ئوغۇل ئوقۇغۇچىنىڭ جىنايەت گۇماندارلىقى ئەڭ يۇقىرى.
  ياق، ۋاقتىنچە مۇنداق تەھلىل قىلماسلىق كېرەك.
  چۈنكى بەي مۇئەللىم ئېيتقان، ئۇلارنىڭ مەشىق قىلىۋاتقان بۇ خىيالىي تۈستىكى ئۇسۇلىدا، ئۈچ ئوغۇل ئىزچىل يارىلانغۇچىنى چۆرىدەپ ئۇسۇل ئوينايدۇ. بۇمۇ ھەم بىر سىرلىق ئۆيدىكى قاتىللىق بولغاندىكىن، قاتىل چوقۇم ئالدىنالا كاللا قاتۇرۇپ قويغان، ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلگۈچىگە ئۇنچە يېقىن ئورۇندا يوشۇرۇش ئېھتىمالى ئانچە چوڭ ئەمەس، چۈنكى ئۇنداق قىلسا ئاسانلا باشقىلارنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويىدۇ.
  بىراق يەنە بىر مەسىلە مەۋجۇت، يەنى، قاتىل توك كەتكەن ۋاقىتتا قول سېلىشنى ئالدىن پىلانلىغان بولسا، ئۆلگۈچىگە يېقىن بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ھەركەتلىنىۋاتقان نىشاننى تېپىپ ئۇنىڭغا قەست قىلىشى مۈشكۈلگە توختايدۇ. بۇنىڭدىن پەقەتلا دېلو قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە يۈز بەرگەندىكىن، قاتىلنىڭ پىچاقنى ئالدىنالا ئۇسۇل كىيىمى ئىچىگە تىقىپ قويغانلىقىدىن باشقا يەكۈن چىقىرىشقا بولمايدۇ.
  يەنە توغرا ئەمەس. چۈنكى توك توختايدىغان ۋاقىت ھېچكىمگە ئېنىق ئەمەس، قاتىل توك توختايدىغانلىقىنى ئالدىن بىلىپ بولغان بولسىمۇ، توك توختىغان ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئۆلگۈچى بىلەن بولغان ئورنىنى ۋە ئارىلىقىنى پەملىيەلمەيدۇ.
  شۇنىڭ ئۈچۈن، مەيلى قايسىلا ئورۇندا بولمىسۇن، جى لىڭ گې نىڭ نەزىرىدە يەنىلا ئوخشاشلا دەرىجىدىكى جىنايەت گۇماندارى.
  توغرا، خەرىتىدە يەنە بەي مۇئەللىمنىڭمۇ ئورنى بار. ئۇنىڭ ئورنى ئاساسەن بۇلۇڭ تەرەپكە جايلاشقان بولۇپ، ئۆلگۈچى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئون سەككىزمىڭ چاقىرىم يىراقلىقتا....
  مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ھازىرقى قاتىل ئۆزىنى بىگۇناھلار تونىغا ئورىۋېلىپ ھېچقانداق يىپ ئۇچى قالدۇرمىغاندىكىن، بۇ سىرلىق ئۆيدىكى قاتىللىق دېلوسىنى ئوڭۇشلۇق قىلالىغان ھېسابلىناتتى.
  «ئەگەر قاتىل راستتىنلا ئوقۇغۇچى بولسا،  ساقچىلار بىلەن بۇ خىل ئويۇن ئوينىيالىغاندىكىن، ھەقىقەتەنمۇ قاپ يۈرەككەن» دېدى جى لىڭ گې يېنىدىكى ساقچىغا پىچىرلاپ «ئەجەبا ئۇ يالغانچىلىقنى تەكشۈرەلەيدىغان بىر خىل ئۈسكۈنىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلمەمدىغاندۇ؟  دېمەكچى بولغىنىم، ئازراق پىسخىكا ساپاسى يوق ئادەملەرنىڭ ساقچىلار ئالدىدا يالغان سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىنى بىلمەمدىغاندۇ؟ »


  بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىنىپتىكى 21 نەپەر نەق مەيداندىكىلەرساقچىلار تەرىپىدىن قاتتىق نازارەت قىلىنماقتا، ئۇلاردىن يەنە 20 سىنىڭ ئۇچىسىغا تېخىچە  ئۇسۇل كىيىمى كىيگلىك . ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بىكارچىلىقتىن پاراڭلاشماقتا، يەنە بەزى قىزلار بولسا بەي مۇئەللىمنىڭ قوينىغا ئۆزىنى يوشۇرماقتا، يەنە ئىككى نەپەر قىز بولسا تېخىچە ئازاپتىن يىغلاۋاتقان چىڭ جوۋ غا تەسەللى بەرمەكتە.
شۇندىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كاللىسىدا يەنىلا ئوخشاش بىر سوئال سورالماقتا، ئۇ بولسىمۇ زادى كىمنىڭ ھەقىقىي قاتىل ئىكەنلىكى.
  پاراڭلىشىۋاتقانلارنىڭ ئىچىدە بىر جۈپ يېقىن دوستلار بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسمى مىياۋزى بىلەن ۋېن ۋېن ئىدى.شۇتاپتا  ۋېن ۋېن سۆزلىمەكتە: «مىياۋزى، سەن بايا ھەجەپ ئېغىر بېسىقلىق قىلدىڭ جۇمۇ، تېخى بېرىپ ئىشىكنى توسۇۋالغىنىڭنى قارا. سېنىڭ ئورنۇڭدا مەن بولغان بولسام، ئاللىبۇرۇن ئۇلار بىلەن بىللە قېچىپ بولغان بولاتتىم. »
  مىياۋزى كۈلۈپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ مۇنداق ئىشلارنى كۆپ كۆرگەنلىكىنى، شۇڭا قانداق قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
  «چىڭ جوۋ مۇ قالتىسكەن، مۇئەللىم ساقچىغا مەلۇم قىلىڭلار دېسە، ئۇنىڭ ئېسىگە جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى توۋلاشنىڭ كەلگەنلىكىچۇ.» ۋېن ۋېننىڭ ئېسىدە پەقەتلا ئەينى چاغدا ئۆزىنىڭ كاللىسىنىڭ شۇ قەدەر قالايمىقان ئىكەنلىكى، پەقەتلا يېنىدىكى ئادەمنى چىڭ تۇتىۋېلىپ نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپ قالغانلىقىلا بار ئىدى.
  ئالدىدا ئېچىنىپ يىغلاۋاتقان چىڭ جوۋغا قاراپ، ئۇ ئىككەيلەن ئۇنىڭ قاتىل بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئانچە چوڭ دەپ ھېس قىلمىدى. ئۇلارنىڭ بىلىشىچە، چىڭ جوۋ بىلەن لۈي يى شىن تېخى قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقان.
  بىراق سۆزلەپ كەلسەك ، ئىچىدە ئولتۇرغان ساقچى خانقىز نېمىشقا تېخىچە سوراقنى باشلىمايدۇ؟
  «مىياۋزى، سەندىن سوراپ قالسا قانداق قىلىسەن؟ »دەپ سورىدى ۋېن ۋېن.
  مىياۋزى پەقەتلا سەۋىرسىزلىك بىلەن بېشىنى چايقاپ قويدى. دەل مۇشۇ چاغدا، چوڭ سىنىپ سىرتىدىن قارىماققا مۇشۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسىغا ئوخشايدىغان بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچى كىرىپ كەلدى. ئۇ سىنىپ ئىچىگە كىرىپ ئوڭ - سولغا بىر ھازا قارىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن كىچىك سىنىپ ئىشىكىنى تاپتى - دە، ئىچىگە كىرىپ كەتتى.
  «بايىقى كىم ئۇ؟ نېمانداق دەلتە چىراي؟— ۋېن ۋېن ئۇ ئوغۇلنىڭ بايىقى ئوڭ سولغا قارىغان چىراي ئىپادىسىگە ۋە ئۆزلىرىگە بىر ھازاغىچە قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ سۆزلىمەكتە— ئۇ كىرىپ ھېلىقى ساقچى خانقىز بىلەن كۆرۈشۋاتىدىغۇ؟ ئەجىبا ئۇمۇ جىنايەت گۇماندارى ئوخشىمامدۇ؟ »
  ئۇ ئېنىقكى جىنايەت گۇماندارى ئەمەس. ئۇ جى لىڭ گې بۈگۈن كەچ ئالاھىدە ياردەمگە قىچقىرىپ ئەكەلگەن پىراكتىكا ئوقۇغۇچىسى——  مىڭخەي ئالىي مەكتىپى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ ئىككىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى چىن چىمىڭ.
  «تېز بۇياققا كەل، بۈگۈن كەچتىكى ۋەزىپە گۇماندارلارنىڭ سانىنى ئازايتىش» دېدى جى لىڭ گې چىن چىمىڭغا.ئۇ يەنە يېنىدىكى ساقچىغا دەپ ئۇنىڭغا بىر ئورۇندۇق ئەكەلگۈزۈپ سىنپنىڭ ئوتتۇرىغا قويغۇزدى.
  چىن چىمىڭ بايا تېلفوندا دېلو ئ@ەھۋالىنى ئىگەللىگەن. بىراق ئۇ جى لىڭ گې نىڭ ئۆزىنى بۇلارنى سوراق قىلىشقا مەسئۇل قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغانىدى.
  «مەن ...مەن قىلامدىم؟ »دېدى چىن چىمىڭ سەل غەيرىلەرچە ئۆزىنى كۆرسىتىپ.
  «ئەلۋەتتە سەن قىلىسەن. مەن ساڭا ئۆزۈمنىڭ كەچلىكى يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىنلا ئىنكاسىمنىڭ ئاستىلاپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتمىدىممۇ؟ »دېدى جى لىڭ گې. ئۇ يەنە ئۇنىڭغا نەچچە ۋاقتىن بۇيان ئۆگەتكۈدەك نەرسىلەرنى ئاساسەن ئۇنىڭغا ئۆگىتىپ بولغانلىقىنى، شۇڭا بۇ قېتىم بىر ئەمەلىي مەشىق قىلىپ بېقىشى كېرەكلىكىنى قوشۇپ قويدى.
  شۇنداق قىلىپ، چىن چىمىڭ سوئال سوراشقا، جى لىڭ گې خاتېرىلەشكە مەسئۇل بولدى.

چىن چىمىڭ جى لىڭ گې دىن نۇرغۇن كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگەنگەندىن سرت ، يەنە تېخى ساقچى ئىدارىسىدە خېلى كۆپ نەق مەيدان سوراق قىلغاننى كۆرگەن. شۇڭا ئاساسىي بىلىملەرنى ئۇ ئاساسەن ئىگەللەپ بولغان. لېكىن ئۆزىگە قول سېلىپ ئىشلەشكە توغرا كەلگەندە، كەلگەندىمۇ تېخى مۇنداق قاتىللىق دېلوسىغا كەلگەندە، ئۇ جىددىيلىشىشتىن خالىي بولالمىدى.
  «ئەنسىرىمە، قاتىل بىريەرگە قېچىپ كېتەلمەيدۇ—  دېدى جى لىڭ گې كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭ جىددىيلىكىنى بېسىپ—  مەن بىر چەتتە ئاڭلايمەن، يەنە تېخى ئۇلارنىڭ ئىپادىسىنى تەپسىلىي كۆزىتىپ تۇرىمەن. سەن خاتىرجەم بول. »
  «ئىم! ماقۇل! »
  چىن چىمىڭ غەيرىتىنى يىغىپ، جى لىڭ گې ئۇزاتقان خەرىتىنى قولىغا ئېلىپ، ئەينى چاغدىكى 22 ئادەمنىڭ (يارىلانغۇچىنى قوشۇپ 22) ئورنىنى ئىگەللىدى.
  «ھىم ...ئاۋال كىمدىن باشلىساق بولا...»
  مۇنچە كۆپ كىشى، ئۈچ ئوغۇل 17 قىز، بىر  مۇئەللىم، چىن چىمڭنىڭمۇ كاللىسى قېتىشقا باشلىدى.
  «ئۆزۈڭ بەلگىلە—  دېدى جى لىڭ گې ئەسكەرتكەن ئاھاڭدا—  ھېچنىمىنى بىلەلمىگەن ۋاقىتتا قانداق قىلىش كېرەكتى؟ »
  «ئاز - ئازدىن تەكشۈرۈپ، يىپ ئۇچى تېپىش».
  چىن چىمىڭ بىر قارارغا كېلىپ، ئاۋۋال سىرتتا تۇرۇپ ئۇسۇل ئوينىغان بىر قىزدىن باشلاپ گەپ كوچىلاپ باقماقچى بولدى.

  بىرىنچى بولۇپ چاقىرىلغان  قىز كىچىك سىنىپقا كىرىپ كەلدى. چىن چىمىڭ ئۇنىڭدىن توك توختاشنىڭ ئالدى - كەينىدىكى ئەھۋاللارنى سورىدى  .
  «ھېچقانداق ئالاھىدە ئىش بولمىدىغۇ؟ ...دەسلەپتە شۇ ھەممەيلەن بىللە ئۇسۇل مەشىق قىلىۋاتقان، تۇرۇپلا توك توختاپ قېلىپ ھەممەيلەننى قورقىتىۋەتتى، كۆپچىلىك قالايمىقان توۋلاپ، دېگەندەك شۇ. مەن ئۆز ئورنۇمدىن مىدرىمىغان...توك كەلگەندىن كېيىن مۇشۇنداق ئىش بولاپتۇ شۇ...»
  قارىماققا ئۇ ساقچىلارنىڭ سوئالىغا ئالدىن تەييارلىق كۆرۈپ قويغان بولسا كېرەك، بىر تىنىقتا ئالدىن تەييارلاپ قويغان بۇ بىرتالاي گەپلىرىنى دەپ تۈگەتتى. بىراق مەزمۇنى يەنىلا مۇشۇنداق بولغاچقا، پايدىلىنىش ئەھمىيىتى يوق ئىدى.



  چىن چىمىڭ ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈپ، ئوچۇق قىلىپلا سورىدى: «جىددىيلەشمەڭ، نۆۋەتتىكى سوئالىمغا راستچىل جاۋاب بېرىڭ. ھېلىقى ...ئۇنى سىز ئۆلتۈردىڭىزمۇ؟ »
  «ياق!مەن بولۇشۇم ئەسلا مۈمكىن ئەمەس! »دېدى ئۇ جاۋابەن.
  «ئۇنداقتا سىز كىمنىڭ لۈي يى شىننى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقىنى بىلەمسىز؟ »
  «ياق...مەن ئۇنىڭ بىلەن ئازراقمۇ تونۇشمىسام يا. ئىشەنمىسەڭلار كۆپچىلىكتىن سوراپ بېقىڭلار، مەن ئۇنىڭ بىلەن ھازىرغىچە پاراڭلىشىپ بېقىپتىمەنمۇ. »
  چىن چىمىڭ جى لىڭ گې غا قارىدى، جى لىڭ گې بولسا بېشىنى لىڭشىتتى. ئۇ بۇ قىزنىڭ سۆزلىرىنى يالغان ھېس قىلمىدى.
  چىن چىمىڭ ئويلىدى، ئەمدى بىرىنچى بوپ سورالغان ئادەم بولغاندىكىن، ئەتراپتىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇشۇپ بېقىش سەل مۇھىمراق تۇرىدۇ.كىم بىلىدۇ، ئەسقاتقىدەك يىپ ئۇچى چىقامدۇ.
  «سىلەر نېمە پائالىيەت ئۈچۈن نومۇر تەييارلاۋاتقان؟ »
  «كېلەر ئايدىكى مەكتەپ مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۈچۈن. »
  «ئۇسۇل كىيىمىنى كىم لاھىيلىگەن؟ »چىن چىمىڭ بىلىدۇ، بۇ ئۇسۇل كىيىمى بۇ قېتىملىق دېلودىكى بىر مۇھىم ھالقا، بىرىنچىدىن قاننىڭ ئېتىلىپ چىقىشىنى توسالايدۇ .
  «بىلمەيمەن ...بەلكىم بەي مۇئەللىم بىلەمدىكى  .»
  «ئۇنداقتا ئۇسۇل ھەرىكەتلىرىنىچۇ؟ »
  «ئۇنىمۇ بەي مۇئەللىم سالغان. »

بۇمۇ توغرا. ئۇسۇل ھەرىكەتلىرىنى ئادەتتە ئوقۇغۇچىلار سالمايدۇ. ئەگەر قاتىل ئوقۇغۇچى بولغان بولسا، ئۇنىڭ بىۋاستە بۇ ئۇسۇل قەدەملىرىدىن پايدىلىنىش ئېھتىمالى چوڭ.
  چىن چىمىڭ ئۇنىڭدىن بىۋاستە نېمىشقا توك توختىغان بۇ بىنادا ئۇسۇل مەشىقى قىلغانلىقىنى سورىۋىدى، قايتۇرۇلغان جاۋابى بولسا پەقەت مۇشۇ بىنادىلا ئۇسۇل سىنىپى بارلىقى، بولمىسا تەنھەرىكەت زالىغا ياكى مەكتەپنىڭ ئۇسۇل سەھنىسىگە بېرىپ مەشىق قىلماي باشقا ئامالنىڭ يوقلىقى بولدى.

  «بىز ئىككى ھەپتە بۇرۇن بۇ ئۇسۇلنى تەييارلاشقا باشلىغان، ئاساسەن ھەر كۈنى كەچ مۇشۇنداق چاغدا مۇشۇ سىنىپقا يىغىلاتتۇق» دېدى سورالغۇچى قىز يەنە.
  «بۇرۇن توك توختاپ باققانمۇ؟ »
  «ئالدىنقى چارشەنبە كەچ بىر قېتىم توختىغانتى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ غەرب تەرەپتە ھەر چارشەنبە كەچلىكى مۇشۇنداق تۇيۇقسىز توك توختايدىكەن. بۇ زادى نېمە ئىشتۇ؟ »ياندۇرۇپ سورىدى ئۇ قىز.
  جى لىڭ گې نىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرى يوق بولغاچقا چىن چىمىڭغا قارىدى. چىن چىمىڭمۇ ئامالسىز بېشىنى چايقاپ، ئۆزىنىڭ شىمال تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
  جى لىڭ گې شۇ سەۋەب گەرچە ئانچە چوڭ ئەھمىيىتى بولمىسىمۇ، بىر ساقچى خادىمىنى بۇ ئىشنى تەكشۈرۈپ بېقىشقا ئەۋەتتى.

  ئېنىقكى، ئالدىنقى چارشەنبە كۈنىمۇ توك توختىغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ 21 جىنايەت گۇماندارىمۇ چارشەنبە كەچ توك توختايدىغانلىقىدىن خەۋەردار دېگەن گەپ.
  ئەتراپتىكى ئەھۋاللار ئاساسەن مۇشۇنچىلىك ئايدىڭلاشتى. لېكىن يەنىلا ئەس قاتقۇدەك يىپ ئۇچى تېپىلغىنى يوق. شۇڭا چىن چىمىڭمۇ دەماللىققا سورىغۇدەك سوئال تاپالماي، ئامالسىز قايتا سورىدى: «سىز يەنىمۇ بەكرەك ئويلىنىپ باقسىڭىز، بىرەسى  سىنىپقا پىچاق كۆتۈرۈپ كىرگەنمىدى يا ئادەتتىكىدىن بىنورمالراق كىرگەنلەر بارمىدى ...»
  «ياق، يوققۇ ...»ئۇ قىز يەنىلا بېشىنى چايقىدى.


چىن چىمىڭ چۈشەندى، بۇ قاتىل ھېچكىم دىققەت قىلمىغان شارائىت ئاستىدا سىنىپقا ئوغرىلىقچە پىچاق ئەكىرىپ، توك توختىغاندا ئىشىنى پۈتتۈرۈپ، ئادەمنى قەستلەپ بولغاندىن كېيىن يەنە ئەسلى جايىغا قايتىۋېلىپ ياخشى ئادەم تونىغا ئورىنىۋېلىپ، ئازراقمۇ ئىزنا قالدۇرماپتۇ.

  «جى مۇئەللىم، ئۇ قاتىل ئەمەستۇ؟ »سورىدى چىن چىمىڭ تۆۋەن ئاۋازدا.
    «راستتىنلا ئوخشىماۋاتىدۇ. ئۇنىڭ جاۋابلىرى بەكلا ئەستايىدىللىق بىلەن بېرىلدى. »دېدى جى لىڭ گې ئۇ قىزنىڭ چىراي ئىپادىسىدىن غەلىتىلىك بايقىيالماي «سىز قايسى ساۋاقداشنىڭ لۈي يى شىن بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ بىر قەدەر ياخشىراق ئىكەنلىكىنى بىلىسىز؟ بىز ئۇنىڭغا ئائىت بىر نەرسىلەرنى بىلمەكچى ئىدۇق. »بۇ گەپمۇ چىن چىمىڭغا ئەسكەرتىش ئۇسلۇبىدا ئېيتىلدى.



  ئۇ قىز بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن ، ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ ياخشى ماشىنىنىڭ ئۇنىڭ ئوغۇل دوستى چىڭ جوۋ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
  جى لىڭ گې سىنىپ ئىچىگە بىر كۆز يۈگۈرتتى، ئۇ كۆردىكى، چىڭ جوۋ تېخىچە مىشىلداپ يىغلاۋاتاتتى، قارىماققا ئۇ دەماللىققا سوراق قوبۇل قىلالمىغۇدەك.
  چىن چىمىڭ ئۇ قىزغا ئېيتتى: «ۋاقتىنچە مۇشۇنداق بولغاچ تۇرسۇن، رەھمەت سىزگە، چىقىپ كەتسىڭىز بولىدۇ. »
  «توختاپ تۇرۇڭ!—  دېدى ئۇ قىز—  سىلەر ھازىر لۈي يى شىننىڭ قانداقراق بوپ قالغىنىنى بىلەمسىلەر؟ »
  جى لىڭ گې ئۇنىڭغا جاۋابەن ئۇنىڭ تېخىچە جىددىي قۇتقۇزىلىۋاتقىنىنى، ئۈمۈدنىڭ زور ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.
  «ئو ...مۇنداقكەندە ...»ئۇقىز دەپ بوپلا كىچىك سىنىپدىن ئايرىلىپ، چىڭ جوۋغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلغىلى كەتتى.

   «يىپ ئۇچى تاپالىدىڭمۇ؟ »سورىدى جى لىڭ گې چىن چىمىڭدىن.
  «قاتىل بىزگە پايدىلىق ھېچقانداق يىپ ئۇچى قالدۇرمىغاندىن سىرت ھېلھەم يەنە ئۆزىنى ئۇدۇلدىكى سىنىپتا يوشۇرۇپ تۇرغان بولسا، بىزنىڭ قولىمىزدىكى بىردىنبىر مۇھىم يىپ ئۇچى قېپ قالغان 21 ئادەم بىلەن لۈي يىشىننىڭ بولغان مۇناسىۋىتىلا بوپ قالدى. بىز ئۇ ئارقىلىق بىر - بىرلەپ سوراپ ئەھۋال ئىگەللەپ، ئاندىن قاتىلنى تېپىپ ...—  دېدى چىن چىمىڭ مۈشتىنى تۈگۈپ— ئاندىن ئۇنى چاندۇرۇپ قويالايمىز. »


كېيىن يەنە بىرقانچە قىزنى چاقىرىپ ئەپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن لۈي يىشىننىڭ  ئاساسەن يېقىن دوستىنىڭ يوقلىقىنى، يېقىنقى مەزگىلدە ئاساسەن ئەتىگەندىن كەچكىلا چىڭ جوۋ بىلەنلا بىللە يۈرىدىغانلىقىنى ؛ ئۇنىڭ چىڭ جوۋ بىلەن يۈرۈشتىن ئىلگىرى ئانچە ياخشى بالا ئەمەسلىكىنى، ئاساسەن ئۇقىزنىڭ ئەخلاقىنىڭ بولالمايدىغانلىقىنى، كىچىك كۆز ھەمدە بەك ھىيلىگەر ئىكەنلىكىنى بىلدى. بىر نەچچە قىز تېخى چىن چىمىڭنىڭ ئېغىزىدىن لۈي يىشىن  دېگەن ئىسىمنى ئاڭلاپ چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپمۇ سالدى.

  «گەرچە مەن ئۇنى ئانچە ياقتۇرمىساممۇ، ئىشقىلىپ ئۇنىڭ بىلەن يىراقراق تۇرسىڭىزلا بولدى. ئۇنىڭ بىلەن خوشۇم بولمىسىمۇ ئۆلتۈرگىدەك دەرىجىدە ئۆچ ئەمەسمەن. »

بۇ كۆپ قىسىم قىزلارنىڭ بەرگەن جاۋابى.


ئەگەر راستلا مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، ھەممەيلەننىڭ جاۋابى ئوخشاش چىقىۋەرسە، ئۇنداقتا يەنە گۇماندارلار دائىرىسىنى كىچىكلەتكىلى بولامدۇ؟

  چىن چىمىڭ ئەمدى كېيىنكى بىر ئادەمنى چاقىراي دەپ تۇرۇشىغا، لىيۇۋ ساقچى باشلىقى تېلفون ئۇرۇپ ئوپراتسىيە ئەھۋالىنى——  لۈي يىشىننىڭ  جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. شۇنداق قىلىپ لۈي يىشىنمۇ  گەپ قىلالمايدىغان بىر ئادەمگە ئايلاندى.
  ئۇنىڭدىن كېيىنلا ، ئۇلار يەنە قاتىللىق قورالى بىلەن توك توختاشنىڭ سەۋەبى توغرىلىق ئاخبارات تالشۇرۇۋالدى———

  قاتىللىق قورالى بولغان پىچاقنىڭ ئۇزۇنلۇقى 32.4 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 2.2 سانتىمېتىر، ئاز ئۇچرايدىغان پاسوندا ياسالغان بولۇپ، ھېچقانداق يىپ ئۇچى بايقالمىغان. توك توختاشنىڭ سەۋەبى بولسا ئالدىنقى ئايدا باش سىمدىن بىر قانچىسى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بولۇپ، شۇ جاينىڭ مەسئۇللىرى تېخىچە ئالماشتۇرغىدەك ۋاقىت چىقىرالماپتۇدەك، شۇ سەۋەبدىن ئۇلارنى ياخشى ئۇلىيالماي، جىددىي ئۇلايدىغان سىم بىلەن ۋاقىتلىق ئوراپ قويغانىكەن. ھەر چارشەنبە كەچلىكى ئىشلىتىلىدىغان ئالاھىدە بىر سىنىپ بار بولغاچقا، ئىشىك - دەرىزىنى  ئاچسىلا شامال ئۆتۈشۈپ، ئۇ ۋاقىتلىق ئۇلىغان سىمغا تەسىر كۆرسىتىپ، توك يولىنىڭ بىنورمال بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ توك توختايدىكەن.

«ئىشلار مانا مۇشۇنداق» دېدى جى لىڭ گې بۇ دوكىلاتلارنى  چىن چىمىڭغا تاپشۇرۇپ.

  بۇ چاغدا چىن چىمىڭنىڭ كاللىسىغا ئويلىمىغان يەردىن تۇيۇقسىز بىر ئەقىل كەلدى .

«جى مۇئەللىم، ئېسىڭىزدە فاسەي مۇئەللىمنىڭ سوئال سوراش تاكتىكىسى بارمۇ؟ »

جى لىڭ گې ئەلۋەتتە ئۇنتۇپ قالمايدۇ.
ئۇ فاسەي دېگەننىڭ سوئال سوراش تاكتىكىسى ئىنتايىن غەلىتە بولۇپ، بىر خىل «ئورا كولاش» دەيدىغان تاكتىكىنى قوللىنىدۇ. بۇ خىل تاكتىكىنى سوراق قىلىش تاكتىكىسى دېگەندىن، بىرخىل ئويۇن ئوينىغۇچىلارنىڭ يوشۇرۇن تاكتىكىسى دېسە بەكرەك مۇۋاپىق.

«مەن بىر ئورا كولىماقچى—  دېدى چىن چىمىڭ زور ئىشەنچ بىلەن— بۇ ئورىغا  بەلكىم قاتىل ياۋاشلىقچە سەكرىشى مۈمكىن» .
  «سەن قانداق قىلماقچى؟ ئاۋال ياخشىلىقچە ماڭا دە» دېدى جى لىڭ گې ئەنسىرەپ. نېمىلا بولمىسۇن، چىن چىمىڭ ھېلھەم بىر ئوقۇغۇچى.
  «مەن بىرسىنى سوراپ سىناق قىپ باقاي. »
  «ئالدىرىماي تۇر. ئەگەر كېيىنكى ئادەم نەق قاتىل بوپ قالسا، سېنىڭ كولىغان ئوراڭ ئەسقاتمىسا، يىلاننى چۆچۈتۈپ قويغان بولىمىز. »
  چىن چىمىڭمۇ بۇ قاراشنىڭ توغرىلىقىنى ھېس قىلدى. يا بولمىسا، قاتىلغا ئوخشىمايدىغانراق بىرسىنى ئەكىرىپ سىناپ باقمىغىلۇقمۇ؟
  قاتىلغا ئوخشىمايدىغان ئادەم ..

«توغرا، دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن تولىمۇ ئېغىر - بېسىق تۇرغان بىر قىز باركەنتۇققۇ؟ ئۇ قىز ئىشىكنى توسۇۋېلىپ ئاندىن ھەممەيلەننى جايىدا ئەپ قاپتىكەن. »
جى لىڭ گې دەرھال ساقچى خادىمىغا ئۇقىزنى ئەپ كىرىشكە بۇيرىدى.
  شۇنداق قىلىپ، مىياۋزى كىچىك سىنىپقا كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇردى.
  جى لىڭ گې چىن چىمىڭغا كولاشنى باشلىسا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىشارە قىلدى. لېكىن چىن چىمىڭ مىياۋزىغا قاراپ بىرئاز ھاڭۋاققاندىن كېيىن ئاندىن ئېسىگە كەلدى.
  بايا چىن چىمىڭ كەلگەن ۋاقىتتىلا ئۇسۇل كىيىمى كىيگەن مىياۋزى ئۇنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە بەك تارتىۋالغانىدى. ئاقىۋەت ئۇ تېخى ئىش چىققاندىن كېيىنكى ھېلىقى ئېغىر - بېسىق قىز بوپ چىقىپتۇ. بايا بۇ ئىككىسىنىڭ كۆزلىرى ئۇچرىشىپ  قالغاچقا، چىن چىمىڭ تېخىمۇ قايمۇقۇپ قالغانىدى.
  «ھەي، سورامسەن سورىمامسەن؟ »دېدى جى لىڭ گې ئۇنى ئەسكەرتىپ.
  «ھە، مۇنداق ئىش! —  چىن چىمىڭ ئېسىگە كېلىپ دەرھال سورىدى—  بىز بايا قاتىللىق قورالى توغرىسىدا مەلۇمات تاپشۇرىۋالدۇق. قاتىللىق قورالى بولغان پىچاقتا ھېچقانداق بارماق ئىزى يوقكەن. لېكىن بىر مۇھىم يىپ ئۇچى قېپ قاپتۇ. ئۇ بولسىمۇ ...پىچاقنىڭ بىسىدا  بىر ئاق رەڭلىك يىپ تۇرۇپ قاپتۇ. »

جى لىڭ گې ئىچىدە ئويلىدى. چىن چىمىڭدا دەرۋەقە فاسەيگە ئازراق  ئوخشاش سۈپەت يېتىلگىلى تۇرۇپتۇ.مۇنداق بولسا كىم پەلىيىنى تاشلىۋەتسە ...

ياق ياق، توغرا ئەمەس ...جى لىڭ گې ئازراق مەسىلە ھېس قىلدى. بۇ ئورىدا بىر قانداق مەسىلە مەۋجۇت.
  شۇندىمۇ ئاۋۋال مىياۋزىنىڭ ئىپادىسىگە قارايلى.
  ئۇ ئاۋۋال يانچۇقىدىن ئۆزىنىڭ پەلىيىنى چىقىرىپ، تەپسىلىي بىرقۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن چىن چىمىڭغا سۇندى.
  ئۇنىڭ پەلىيىدە مەسىلە يوقكەن.
  لېكىن چىن چىمىڭ ئۇ پەلەيگە قاراپ قويماستىن، سەل قايغۇرغىنىچە مىيازىنىڭ يۈزىگە قاراپ تۇراتتى.
  گەرچە ئۇنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان مىياۋزى ئۇنىڭ ئىچىنى شۇ قەدەر كۆيدۈرسىمۇ، ئۇ يەنىلا سەۋىرسىزلىك بىلەن ئېيتتى: «گەرچە بىز ھەممىمىز سىزنى گۇناھسىز دەپ ئويلىساقمۇ، بىزنىڭمۇ سىزنى شۇنچە بەك قوغدىغۇمىز بولسىمۇ ...سىزنىڭ بايىقى قىلمىشىڭىز، گۇمانىمىزنى تېخىمۇ قوزغىۋەتتى. »
  نېمە بولدى؟
  «ئەگەر سىز قاتىل بولمىسىڭىز، نېمىشقا پەلىيىڭىزنى قايتا - قايتىلاپ تەكشۈرىسىز؟—  دېدى چىن چىمىڭ—  ئەگەر سىز گۇناھسىز بولسىڭىز، ئەسلا تەكشۈرمەي پەلەينى بىزگە ئۇدۇللا بەرگەن بولسىڭىز بولاتتىغۇ. »
  مىياۋزى ھەيران قېلىپ، دەررۇ بېشىنى چايقىدى.
  «بۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەمسىز؟ نېمىشقا پەلىيىڭىزنى شۇنچە تەپسىلىي تەكشۈرىسىز؟! »چىن چىمىڭ قىستاپ سورىماقتا ئىدى.


  گەرچە جى لىڭ گې چىن چىمىڭنىڭ ئورىسىدا بىر مەسىلە باردەك ھېس قىلسىمۇ، مىياۋزىنىڭ ئىپادىسىدىن ئۇنى ساقىت قىلدى. گۇناھسىز بولسا چوقۇم سەۋەبىنى ئېيتىپ  بېرەلەيتتى. لېكىن مىياۋزى ...پەقەتلا جىددىيلىشىپ، بېشىنى چايقاپ گەپمۇ قىلالمايۋاتىدىغۇ!
  بۇ نېمە ئىش؟ ئەجەبا مىياۋزى قاتىل شۇمۇ؟
  توغرا ئەمەسقۇ ؟ دېلو يۈز بەرگەندە شۇنچە ئېغىر - بېسىق تۇرغان قىز، چىن چىمىڭنىڭ كولىغان بىر ئورىسىدىنلا قورقۇپ، چېنىپ قالدىما؟

  تۇيۇقسىز، بىر ئەركىشىنىڭ ئاۋازى بۇ كىچىك سىنىپ ئىچىگە ئاڭلاندى: «پەلەينى تەكشۈرۈشتىكى مەقسەت، پەقەتلا ئۆزىنىڭ پەلىيىنىڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن بىرە نەرسىگە ئىلمىشىپ قېلىپ يىپىنىڭ  چۈشۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىك. مۇنداق قوپال ئۇسۇل كىيىمى كىيىۋالغانلار ئەسلى پەلىيىنى ئاشۇنداق تەپسىلىي تەكشۈرۈپ بەرسە ئاندىن نورمال ھېسابلىنار.»
  ھەممەيلەن بۇ گەپ قىلغان كىشىگە نەزىرىنى يۈگۈرتتى. ئۇكىشىنى كۆرۈپ چىن چىمىڭ بىلەن جى لىڭ گې چۆچۈپلا  كەتتى.

....فاسەي!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش