قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن
ھاياتلىق كېلىدۇ ئىنسانغا بىرلا ،
كېتىمىز ئاخىرى ئۇدۇل گۆرگىلا.
پۇشايمان بىلەن كېتىپ قالمامدۇق،
خۇش بولۇپ يۈرسەك كۈن ئۆتكەنگىلا.
* * * * * * * * * * * * * * * * * * * * * * * *
بۇ ئالەم بىر دەملىك قىسقىلا ئۆتەڭ،
كەتسەك كەلمەيمىز بىلىسەن ئۆزەڭ.
ئەجىر قىل، مېھنەت قىل مەنىلىك ياشا،
قىلىۋال بارچىغا كۆپ ياخشى سۆزەڭ.
* * * * * * * * * * * * * * * * * * * * * * * *
كېرىلمە پاش قىلىپ بايلىقلىرىڭنى،
غادايما تۈز تۇتۇپ گەۋدىلىرىڭنى.
بايمۇ گادايمۇ ئوخشاشلا ئىنسان،
ئوخشاشلا كولايدۇ قەۋرىلىرىڭنى.
* * * * * * * * * * * * * * * * * * * * * * * *
ئاتىمۇ، ئانىمۇ، بالىمۇ كېتەر،
قېرىمۇ ،ياشمۇ ئوخشاشلا يۈتەر.
بېرىدۇ ھاياتلىق ساڭا كۆپ پۇرسەت،
ياخشى نام قالدۇرغىن تارىخقا پۈتەر.
* * * * * * * * * * * * * * * * * * * * * * * *
ئاتىمىز كەتكەندە يىغلاپ قالىمىز،
ئانىمىز كەتكەندە چاچنى يۇلىمىز.
تۇپراقنى سۈرتۈپ كۆزلىرىمىزگە،
مىڭ ئۆلۈپ ،تىرىلىپ قاراپ قالىمىز.
* * * * * * * * * * * * * * * * * * * * * * * *
كەتكىلى بولمايدۇ ئۇلار كەينىدىن،
كەلمىگى يوق ئەسلا يېنىپ قايتىدىن.
كۈتىۋال شۇڭلاشقا ھاياتلىغىدا،
ئېپ بارساڭ ئالمايدۇ قوغلاپ كەينىدىن،
* * * * * * * * * * * * * * * * * * * * * * * *
ئەخلاق-پەزىلەت ئىنسانغا زىننەت،
ئەخلاقسىز كىشىگە يېقىن نىجاسەت.
ھاياسىز كىشىنى ئالماس قوينىغا،
پاك زىمىن ئانا يەر پۈتكۈل تەبىئەت
2014. قاراماي
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-26 02:24 AM