بىلىم ئىشقى
ھەسەنجان ئۆمەر
بىر ئىشىق ئۆرتەپ دىلىمنى بەرمىدى ئەسلا ئارام،
پەيتى ۋېسال دەملىرىسىز ياشلىرىم ئاقتى تارام.
چىن ساداقەت سۆيگۈنىڭ مىزانىدۇر،ئەھدىم ھالال،
ئاققىنى شۇ ياشلىرىمنىڭ ماڭا ھېيت شادۇ خورام.
ھۆر-گۈزەللەر تەڭلىشەكمەس،ھۆسنىدە يەكتا ئۆزى،
پۈكلىنىپ ئالدىدا مەرتلەر ئەيلىگەي ئېكرام-سالام.
نۇر سېپەر تۈنگە ئەمەس شۇ،دىلغا خۇش تالا-تالا،
ئاشۇ نۇرسىز كۈنلىرىم ئاھ،مەنەسىز بولغاي قارام.
شۇ ئىشىق-،ئىشقى بىلىمنىڭ ،ۋەسلىگە يەتمەك قىيىن،
<تارت جاپا راھەت كۆرۈرسەن>،بوۋىلار ئېيىتقان كالام.
شۇ ۋېسالچۈن ھەر زامان، چەكسەم جاپا راھەت ماڭا،
مۇدىئايىم؛شىرنە يىغسام،ئەلگە تۇتقايمەن داۋام.
مەنبە؛ئىجادىيىتىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قورغان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-26 01:17 PM