تاۋباۋدا دۇكان ئاچقۇچىلار يولۇقىدىغان خەتەرلەر ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى
توردادۇكان ئىچىپ تىجارەت قىلىۋاتقانلار قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسگە ئايان،توردا دۇكان ئاچقاندىن بىرى مىڭىپ كىلىۋاتقان يوللىرى ئۇنچىۋالا راۋان بولمىغان،سودىسى ياخشى بولغان چاغدىمۇ ھەرخىل خەتەرلەر مۇ تەڭ ئەگىشىپ كىلىدۇ، بۇخەتەرلەر بىۋاستە سودىغا تەسىرقىلىدۇ، دۇكان سېتىش مىقىدارىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ.
ئەمدى بىز قانداق قىلغاندا بۇخىل خەتەرلەرنىڭ تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۇشۇرىمىز؟قانداق قىلىپ خەتەرنى ئالدىن مۆلچەرلەيمىز؟ ئالدىنى ئېلش تەدىبىرىنى قانداق تۈزىمىز.
تۆۋەندە مەن يولۇققان بىر نەچچە نۇقىتنى ئوتتۇرىغان قويىمەن. ھەمدە بۇنىڭىدا قانداق ساقىلىنىش كېرەكلىكىنى سۆزلەپ ئۆتمەكچى.
1. تاۋباۋ تورىنىڭ قائىدە تۈزۈملىرىنى بىلمەسلىكىتىن كىلىپ چىقىدىغان خەتەر.
تاۋباۋدا دۇكان ئاچقان قېرىنداشلارنىڭ ھەممسى دىگۈدەك ،دۇكان ئېچشتىن ئىلگىرى تاۋباۋنىڭ قائىدە تۈزۈملىرىدىن ئىمتىھان بىرىمىز. ۋاقىت ۋە كۈچنى تىجەيمىز دەپ كۆپىنچەقېرىنداشلىرىمىز بەيدۇ تورىدىن پايدىلىنىپلا ئىمتىھان بىرىپ تولۇق نومۇربىلەن ئۆتۈپ كىتىدۇ.ئەمما دۇكان ئېچىپ بولغاندىن كىيىن دائىم دىگۈدەك خاتالىق ئۆتكۈزۈپ نومۇر تارتىلىپ كىتىدۇ، بۇچاغدا نىمە سەۋەبىتىن نومۇر تارتىلىغانلىقىنى بىلمەي قالىدۇ،ھەتتا ئۆزىنىڭ قەيەرنى خاتا قىلغانلىقىنى بىلەلمەي قالىدۇ. بۇنىڭىدىن ساقلىنىشنىڭ ئۇسۇلى تاۋباۋنىڭ قائىدە –تۈزۈملىرىنى ئوبدان چۇشنىش كېرەك. شەخسەن مەن ھەردائىم تاۋباۋنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرى يىڭلانغان ۋاقىتتا مەخسۇس ئۇرۇپ چىقىرىپ بىردىن –بىردىن كۆرىمەن،بۇ ئارقىلىق خاتالىق ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، ھەمدە قائىدە-تۈزۈملىرىدىن نۇرغۇن ياخشى سېتىش ئۇسۇللىرىنى تېپىپ چىقارالايمىز.
بۇجەھەتتە كۆرۈلىدىغان خاتالىقلار:مەھسۇلاتلارنىڭ تۈرلىرىنى خاتا تاللاپ قويۇش.رەسمىدە چىنلىقىنى يوقۇتۇپ قويۇش،مەھسۇلاتنى چۇشەندۇرگەندە ھەددىن زىيادە ماختىۋىتىش، مەھسۇلات ئىسمىغاچەكلەنگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىپ قويۇش.
2.مەھسۇلاتنىڭ سۇپىتىدە مەسلە كۆرۈلۈش.
ئوتتۇرا-كىچىك دۇكاندارلار كۆپنىچە ھالدا باشقىلارنىڭ ماللىرىنى سېتىش ئارقىلىق كۈن كەچۇرىدۇ.شۇڭا ئوتتۇرا-كىچىك دۇكاندارلار مال تاللىغاندا سۇپەتكە قاتتىق دىققەت قىلىش كېرەك،چۈنكى مالنىڭ سۇپىتى دۇكاننىڭ قان تومۇرى. ئوتتۇرا-كىچىك دۇكاندارلار مال تاللىغاندا ئامال بار ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى مال مەنبەلىرىنى ئويلىشش كېرەك. ئۇنداق ئۆزكۆزى بىلەن كۆرۈپ ئاندىن مال ساتالايدۇ. يەنە بەزى دۇكاندالار تاۋباۋدىكى مال تەمنىلىگۈچى شىركەتلەرنىڭ ماللىرنى ۋاكالتەن سېتىپ بىرىدۇ. ئۆزى باشقا شەھەردە مال مەنبەسى يەنە باشقا بىرشەھەردە شۇنداق بولغاندىكىن مالنىڭ سۇپىتىنى ھەققىي تۈردە بىللەلمەي قالىدۇ. يەنە دۇكاندارلار ئۆزى پىششىق ساھەنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. مال سۇپىتىنىڭ ناچار بولۇشى بۇ دۇكاننىڭ ئىناۋىتىگە زور تەسىركۆرسىتىدۇ.شۇڭا مال تاللاشقا ئالاھىدە ئىتبار بىرىش كېرەك.
3. مال كىرگۈزۈشتە ھەددىن زىيادە كۆپ كىرگۈزىۋىلىش.
بەزى دۇكاندارلار ئالى بابا توردىن توپ باھادا مال سېتىۋىلىپ ئۆزىنىڭ ئۆيى قاتارلىق جايلارنى ئامبار قىلىپ تور سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇنداق دۇكاندارلاردا كۆرۈلىدىغان مەسلە بازارنى توغرا مۆلچەر قىلالماي مالنى ھەددىن زىيادە كۆپ كىرگۈزىۋىلىپ ساتالماي قىلىش.ناۋادا سىز كەسپ جەھەتتە پىشمىغان بولسىڭىز قارىغۇلارچە تەۋەككۈل قىلماڭ.
4.دۇكانداربىلەن خىرىدارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ئىشەنچى
يىڭى دۇكان ئاچقۇچىلار دائىم ئۇچرايدىغان مەسلە، بەزى قۇۋ خىرىدارلارنىڭ بوزەك قىلىشى،بۇخىرىدارلار يىڭى دۇكاندارغا دائىم دىگۈدەك بەزى تەلەپلەرنى دەپ تۇرىۋالىدۇ.
تېخى سودا تۈگكەندىن كىيىن سەپ بەرگەن مىلىڭ ئۇنداقكەن بۇنداقكەن دەپ تۇرىۋىلىپ پۇل قايتۇرۇپ بېرىشكە قىستايدۇ. دۇكاندارشۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلسمۇ باھا بەرگەندە ناچار بىرىپ قويىدۇ. شۇڭا مال سېتىشتىن بۇرۇن ئوبدان تەييارلىق قىلىپ خىرىدار رازى قېلىش، مال بىرىپ بولغاندا خىرىدار بىلەن ئالاقىلىشىپ تۆۋەنچىلىك بىلەن پىكر بىرىشىنى تەلەپ قىلىش ۋە ئۆزىگە ياخشى باھاۋەتولۇق نومۇرقويدۇرۇش.
5. تىز يەتكۈزۈش جەھەتتە كۆرۈلىدىغان خەتەرلەر
بىز تىز يەتكۈزۈشنى كونتىرولقىلالمايمىز،بىراق خىرىدارلارنىڭ ھەممىسى سۇرئىتى تىز بولغان تىز يەتكۈزۈشنى ياخشى كۆرىدۇ.كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بىز ماللارنى سېلىۋىتىپ ئاخىرى بىلەن كارىمىز بولماي قالىدۇ،ئەمما شۇنى بىلشىمىز كېرەك.تاۋباۋدا نومۇر قويغاندا ئۈچ خىل تۈرگە نومۇرقويىدۇ. ئۇنىڭ ئىچدە تىز يەتكۈزۈشمۇ بار. بىز مالنى سەپ بولدۇق دەپ كارىمىزبولمىغان بىلەن تاۋباۋ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولىدۇ. سىزنىڭ مال سالغان كۈنىڭز بىلەن مال تاپشۇرۋالغۇچنىڭ مال تاپشۇرۇپ ئالغان ۋاقىتى ئارىسىدىكى ۋاقىتقا ئاساسەن سىزنىڭ دۇكىنىڭىزنىڭ تىز يەتكۈزۈشىگە نومۇر قويىدۇ. شۇڭا بۇجەھەتتە بىز يەنە دىققەت قىلىشمىز كېرەك. سالغان مېلىمىز ۋاقىتىدا ماڭماي قالسا تېلفون قىلىپ سۇرۇشتۇرۇپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خىرىدارىمىزنىڭ قولىغا يىتىپ بارسا بىزگە ياخشى باھابىرىدۇ.ھەمدە بىزنى ئىسدە تۇتىۋالىدۇ، كىيىن مال لازىم بولۇپ قالسا بىزنى ئالدى بىلەن ئويلىشىدۇ.
تاۋباۋدا دۇكان ئېچىۋاتقانلار توختىماستىن ھەردائىم ھۇشىشيار تۇرۇپ ھەرقايسى خەتەرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشمىز كېرەك.يىڭى دۇكان ئاچماقچى بولغانلارنىڭىمۇ ھەرقايس ىجەھەتتىن تەييارلىق قىلىپ بۇ ساھەگە قەدەم بېىسىشنى ئۈمىد قىلىمەن
تەييارلىغۇچى: مىراس كىيىمچىلىكى تور بازار بۆلىمىدىنئەلگىيار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musuma تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-26 06:37 PM