ئەمدى بۇ «شېئىر»ىڭىزنى ئوپىراتسىيە قىلىپ باقايلى:
قورسىقامنى باقالماي توقلاپ،
قورسىقام دېگەن ئېغىز تىلى، ئاپتور بۇ يەردە ئېغىز تىلى بىلەن يېزىق تىلىنى ئايرىمىغان!
يۇرت-ماكاننى سېغىنىپ ئويلاپ،
بۇ يەردە ئويلاش ھېسسىي تۇيغۇنى ئىپادىلىسە، سېغىنىش ئويلاشنىڭ يۇقىرى چەككە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەسلى ئويلاش ئالدىغا كەلسە بولاتتى، لېكىن قاپىيەگە قۇل بولغان ئاپتور ئىككىسىنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇۋەتكەن، شۇنداقلا، ئوتتۇرىغا پەش قويۇشنى ئۇنتۇغان.
يۇرت تەرەپكە قارايمەن توۋلاپ،
بۇ يەردىكى توۋلاش قانداق مەنانى ئىپادىلەيدۇ؟ بۇ ئاۋاز چىقىرىپ توۋلاشمۇ ياكى مونۇلوگسىمان توۋلاشمۇ؟ ئەگەر ئاۋازلىق توۋلاش بولسا بېيجىڭدەك بىر شەھەردە بۇنداق توۋلىسا خەق نېمە دەر؟ مونۇلوگسىمان توۋلاش بولسا قېنى بۇنىڭ ئىسپاتى؟
بۇ دەردىمنى كىمگە ئېيتىمەن.
بۇ سوئال جۈملە، بۇنى ماۋزۇغا ئىشلەتكەندە ئاخىرىغا سوئال بەلگىسى قويمىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن مىسرالار قېتىغا تىزغاندا ئاخىرىغا چوقۇم سوئال بەلگىسى كېلىشى كېرەك ئىدى؟!
بىلىم بىلەن بولا خىزمەت ئەپ،
جەمئىيەتتە بىلىمى بارلارغا خىزمەت يوق، بىلىمى يوقلار ئىشلەۋاتقان تەتۈر تاناسىپلىق ئىشلار بەك تولا. سىزنىڭ بۇ مىسرايىڭىز ئۇ خىل رېئاللىقنى ئىنكار قىلىۋەتكەن.
كېلىپ بولۇپ زاڭاق تۇتتۇم خەپ،
خەپ دېگەن سۆز قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىشى كېرەك!
قاراپ باقسا خۇيزۇ خەنزۇدەك،
خۇيزۇ، خەنزۇ دېگەن مىللەت ناملىرىنى پەش بىلەن ئايرىۋېتىش كېرەك ئىدى.
خۇرۇچلىرى قىلار كىسەلدەك،
خۇرۇچلىرى كېسەل قىلامدۇ ياكى كېسەلدەك قىلامدۇ؟
شۈكۈردېدىم بولسام چۈشكۈندەك،
چۈشكۈن بولسا شۈكۈر دەمدۇ ياكى چۈشكۈندەك بولغاندا شۇنداق دەمدۇ؟
خوتۇن بالام قالغان يۇرتلاردا،
خوتۇن بىلەن بالام دېگەن ئىككى خەتنىڭ ئوتتۇرىغا پەش كىلىشى كېرەك ئىدى. يۇرتلار دېگەن گەپ كۆپلۈكنى ئىپادىلەيدۇ. ئاپتورنىڭ يۇرتى نەچچە بولغىيتتى؟
دىدار بولار قايسى ئايلاردا،
ئوقۇشقا بارغان ئادەمنىڭ يۇرتىغا قايتىش مەزگىلى ئېنىق بولىدۇ. لېكىن بۇ مىسرانىڭ ئاخىرىدا ئاپتور مۈجمەل بىر گەپنى قىلغان...
سۆيگۈ ئىشقى قاينار باشلاردا،
سۆيگۈ ئىشقى نورمال ئادەمنىڭ يۈرىكىدە قاينايدۇ. لېكىن ئاپتورنىڭ كاللىسىدا قاينىسا، توۋا، بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك ئەمدى؟
ئۆزدىن يىراق كۆڭلى يىراق دەپ،
بۇ مىسرا «كۆزدىن يىراق، كۆڭۈلدىن يىراق» ناملىق ماقال-تەمسىلدىن پايدىلىنىپ يېزىلغان بولسىمۇ ئاپتورنىڭ ئىختىيارىچە ئۆزگەرتىۋېتىلگەن. مەلۇمكى، ماقال-تەمسىللەرنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ!
بىركۈن قالسام ئەگەر ئاغىرىپ،
بۇ مىسرانىڭ ئاخىرىدىكى ئاغىرىپ دېگىنى بۇغۇمنى تەكشىلەش ئۈچۈن دېيىلگەن، ئاغرىپ دېسە بۇغۇم كېمىيىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئاپتور بۇ بىر سۆزنى مەجبۇرىي سوزۇپ ئوينىغان.
بەش-ئالتە يۈز يەتمەس ئازكىلىپ،
بۇ مىسرادىكى سان نېمىنى ئىپادىلەيدۇ؟
ھېچبىر كىشى كۈتمەس ھال ئېلىپ،
ھال ئېلىپ دېگەننى ھال سوراپ دېسىڭىز قاپىيەدىنمۇ قاچمايتتى، شۇنداقلا، مەقسەت ئېنىق بولاتتى.
بىر ئاي بولماي قالار قاقشىلىپ،
بۇ ئىككى مىسرادا سۆزلەرنىڭ بىر-بىرىنى قەستەن يەكلەپ تۇرغىنى كاللامنى ئۇماچ قىلىۋەتتى؟!
بىرى چىكىپ نەششە قاپاقنى،
بەڭگى نەشە چېكىدۇ، لېكىن قاپاقنى چەككىلى بولمايدۇ!
قاندېشىغا ئاتار شاپاقنى،
قاندېشى دېگەن نېمە؟ ئەگەر قاشتېشى دېمەكچى بولسىڭىز مەلۇمكى، ھېچقانداق ئادەم قاشتېىشغا شاپاق ئاتمايدۇ. لېكىن بۇنداق ئەخلەت «قاشتېىشى»غا شاپاق ئاتقان بولسا بۇ بىر نۆرى!
ھەق ئادالەت سۇندا ئالدىمدا،
ھەق-ئادالەتنىڭ ئوتتۇرىغا سىزىقچە كىلىدۇ. دىققەت قىلىڭ!
سەكلەپ تۇرسام چاپسا پالدۇدا،
شېئىردا بەزىبىر ئېھتىياجلار ئۈچۈن سۆزلەرنى ئالماشتۇرۇش، يەرلىك سۆز ئىشلىتىش قارىماققا توغرىدەك قىلغان بىلەن، ئۇنداق سۆزلەر تىلنىڭ ئىستېمالىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. شۇنداقلا، شېئىرنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ. ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەملەر يېزىق ئارقىلىق تىلنىڭ ئىناۋىتىنى شەرتسىز قوغدىشى كېرەك. بىر پارچە ئەخلەت قوشاق ئارقىلىق ياراتقان قىممەت تىلنىڭ بۇزۇلىشىدىن كىلىپ چىققان زىياننىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ!
بەكمۇ تەڭسىز ئىكەن بۇ دۇنيا،
بۇ مىسرا تالاي يىللاردىن بۇيان چاينىلىپ ھېچ تەمى قالمىغان بىر ھېسسىي يەكۈندىن ئىبارەت، چۈنكى دۇنيا ھېچقاچان تەڭسىز ئەمەس. ئەتراپىغا ئەقلىي كۆز بىلەن باققان ئادەمگە بۇ جاھان تولىمۇ ئادىل كۆرۈنىدۇ. ھېسسىي تۇيغۇسى بىلەن ئالدىراپ مۇئامىلە قىلغۇچىلار سىزدەك بىچارىلەرچە جار سالىدۇ. شۇڭا دۇنيانى تەڭسىز دېيىشتىن ئاۋۋال «تەڭسىز قىلغىنى كىم؟» دېگەن سوئالغا مۇراجىئەت قىلىش كېرەك!
------------
ئابدۇخېلىل ئەپەندى:
ئەدەبىيات كوچىسى شۇنداق سېھىرلىك كوچا. بۇ يەرگە كىرىمەن دەپ كىرگىلى، چىقىمەن دەپ چىققىلى بولمايدۇ. لېكىن كىرگەن ئادەم چوقۇم ھېسابسىز تەر ئاققۇزغاندىلا ئاندىن نەتىجىگە ئېرىشەلەيدۇ.
كونىلارنىڭ: «ئاز گەپ قىل، كۆپ ئاڭلا» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزىنى مۇشۇ كوچىغا تەدبىقلاش ناھايىتى توغرا.
ئەسلى قىممەتلىك ۋاقتىمنى سىزگە ئىسراپ قىلماسلىقىم كېرەك ئىدى، لېكىن مەمەدانلىقىڭىزغا قاراپ يەنە سۆزلەشكە مەجبۇر بولدۇم...
ئەدەبىيات كوچىسى مۇشۇنداق كوچا، ئەگەر بۇ كوچىدا راۋۇرۇس قەدەم تاشلاپ ماڭىمەن دەيدىكەنسىز، ھەر قانداق مۇنازىرىگە ئىدىيەۋىي تەييارلىق قىلىپ قويۇڭ. چۈنكى سىزنىڭ يازغان يازمىڭىزغا قارشى پىكىر بەرگۈچى سىزنى پۇتلاپ يېقىتىش مەقسىتىدە ئىنكاس يازمايدۇ. بەلكى، سىزنى تەرەققىي قىلسۇن، دېگەن نىيەتتە ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىپ پىكىر قاتناشتۇرىدۇ. بۇمۇ نۆۋىتىدە ئاپتورنىڭ غەلىبىسى ھېسابلىنىدۇ.
تېما تاللاشتا كونا تېمىلارغا ئېسىلىۋالماي يېڭى تېمىلارنى قىزىشقا ئەھمىيەت بىرىڭ.
ئىپادىلەشتە ئىش، ھەرىكەت ۋە ۋەقەلەرنى يېزىشنىڭ ۋاقتى ئاساسەن ئۆتتى. «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دەۋرىدىكى شوئارسىمان ئىقتىدار بىلەن بۇنداق نەرسىلەرنى يېزىپ يۈرمەڭ. ئوقۇرمەنگە دوكلات تىپىدىكى يازمىلار ئەمەس بەلكى، ئۇلارنى ئويغا ئەكىرەلەيدىغان، تەپەككۇرىنى يېڭىلىيالايدىغان ئەسەرلەر مۇھىم. بىر قەلەمكەش ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىنسان ۋە ئۇنىڭ مۇرەككەپ روھىي ئالىمىدىكى تۇيغۇلارنى ئۇستىلىق بىلەن سۈرەتلەش ئوخشاشلا مۇھىم.
يەنە «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى»نىڭ 2010-يىلى 1-ئايدا ئېلان قىلىنغان نۇسخىسىنى كۆرۈپ قويۇڭ، ئىملايىڭىزنى توغرىلاشقا پايدىسى بولىدۇ.
قوشۇمچە ئىزاھات:
مەن خىزمەت سەۋەبلىك بىر ئايغىچە تورغا چىقالمايمەن. ئەگەر يەنە مۇنازىرىلەشكۈڭىز بولسا ئىلمىي يۇسۇندا پىكىر قالدۇرسىڭىز بولىدۇ، مەن تورغا چىققاندا مۇنازىرىڭىزگە قاتنىشىمەن!
ئاخىرىدا ئىجادىيىتىڭىزگە بەرىكەت، ئەقلىڭىزگە سۈزۈكلۈك، نېرۋىڭىزغا سوغۇققانلىق تىلەيمەن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yollar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-1 12:41 PM