iltebir يوللىغان ۋاقتى 2014-6-27 08:12 PM
بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ، ئۇلارغا بەرگەن ت ...
بېلمخۇمار ئاكىمىزنىڭ بۇماقالىسىنى ئوقۇپ مەن يەنە چۇڭقۇر تەسىراتلارغا ئېرىشتىم. ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەندەك بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىنكى ساپاسى چوقۇم مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىركى ساپاسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلاردا بۇ نوقتىنى چۈشەنگەنلەر ئازبولغاچقا ئۇنىڭ ئۈستىگە مائارىپ قوشۇنىمىزدا مائارىپچىدىن مائاشچى كۆپ بولغاچقا بۇ مىللەتنىڭ ساپاسىدا يۈكسىلىش بولمايۋاتىدۇ.ھەم يەنە كۆپ ئاتا-ئانىلاردا ئالاھىدە ئاتا-ئانىلار يىغىنى دەپ چاقىرمىغۇچە بالىلىرىنىڭ ئۇستازلىرىنى ئىزدەپپىكىر ئالماشتۇرغىدەك ئىقتىدار ، پەرزەنىتنىڭ ياراملىق تەربىيلىنىشى ئۈچۈن ئائىلە تەربيسىنىڭ سالمىقىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى بايقىغۇدەك ئاڭ يىتىلىپ بولالمىدى.شۇنداقلا كۆپىنچە مائارىچلىرىمىزدا مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئۇزاق مەزگىللىك ئۆزىنى بېغىشلاش روھى يوق دىيەرلىك.ھەممە ئاتا -ئانىلارنىڭ ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇماقالىنى ئوقۇمايدىغانلىقى راست. ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا ئانىلار ئۇچرىشىش پۇرسەتلىرىمىزنى كۆپەيتىپ ئوقۇتقۇچىلار ئاتا ئانىلارغا كىتاپ ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى، بالىلارغا كىتاپ ئوقۇپ بىرشنىڭ پايدىلىرىنى جانلىق مىساللار بىلەن چۇشەندۈرىشى،ئاتا ئانىلارمۇ ئوقۇتقۇچىلارغا قىزغىن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ ئۇلارنىڭ جاپاسىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ كەسپي قىزغىنلقىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بىرىشى كىرەك.مەن يەنە ھەيران قالىدىغان بىر ئش ئوقۇتقۇچىلارنى توردا ئۇچرىتىپ باقمىدىم.ياكى مەن ئۇلارنىڭ تور سورۇنىنى تاپالمىدىممۇ؟