ئەمدى ئۆزۈم ئۈچۈن ياشايمەن
ئەسلەپ باقسام ئۆتمۈشلىرىمدە،
تالاي تۈگۈن قەلبىم بېتىدە،
ياشاپ كەلدىم مېھىرىم ئۆزگىدە،
ئەمدى ئۆزۈم ئۈچۈن ياشايمەن.
سۈكۈت قىلدىم ھېرىپ-ئاچساممۇ،
خوش دەپ قىلدىم خالىمىساممۇ،
ئازار يېدىم ياخشىلىق قىپمۇ،
ئەمدى ئۆزۈم ئۈچۈن ياشايمەن.
پەرزەنت بولسام ئاتا-ئانام دەپ،
ئانا بولسام بالام، ئۆيۈم دەپ،
ياشاپتىمەن قېرىنداش، دوست دەپ،
ئەمدى ئۆزۈم ئۈچۈن ياشايمەن.
بولدۇم ھىجران چۆلىدە سەرسان،
ئازاب قىلدى باغرىمنى خۇن-قان.
ئارمانىمغا يوق ھېچ بىر دەرمان،
ئەمدى ئۆزۈم ئۈچۈن ياشايمەن.
ئۇنتۇپ پاكىز كۆڭۈل يارامنى،
چۆرۈپ يىراق قايغۇ-ئازابنى،
رازىمەن كەزسەم چۆل ھەم ئارالنى،
ئەمدى ئۆزۈم ئۈچۈن ياشايمەن.
دەشتى چۆلدە قالدۇرۇپ بىر ئىز،
ئىزىمدىن گۈل ئۈندۈرۈپ سانسىز،
تېنىم بولۇپ قالسىمۇ ساقسىز،
ئەمدى ئۆزۈم ئۈچۈن ياشايمەن.
ئۆزگىلەرگە قىلماي خۇشامەت،
ئاجىزلارغا كۆرسىتىپ ھىممەت،
بولسىلا جان تەندە سالامەت،
ئەمدى ئۆزۈم ئۈچۈن ياشايمەن.
قەلبىم شەيدا بولمىسا زىنھار،
كەتسە مەيلى دوست ھەم دىلدار،
يامانلارغا بولمايمەن سەردار،
ئەمدى ئۆزۈم ئۈچۈن ياشايمەن.
2014.6.30
مەنبە: ئۆزۈم
باشقۇرغۇچىلار، خەت شەكلىنى تەھرىرلەپ قويساڭلار، رەھمەت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-30 03:00 PM