مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: پىروزە

گۈلۈمسەن....(پىروزە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107867
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2014-7-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-4 01:46:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەرلىرىڭىزنى بەكلا ياقتۇرۇپ ئوقۇۋاتىمەن .رەخمەت سىزگە.

تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەيدۇ...

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105125
يازما سانى: 791
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1415
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 672 سائەت
تىزىم: 2014-3-21
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-4 05:17:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

97.gif

دوسلۇقتىن باشلانغان مۇھەببەت
بۇ ئىككىسى بىر-بىرىدىن خىجىل بولۇپ، قاراشماي يۇرۇپ ئارىدىن بىر ھەپتىچە ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، مانا بۇ بىر ھەپتىدە ئىككىلىسىنىڭ ئىچى سىقىلىپ بىر-بىرىنى سېغىندى، گۈلنەزەرنىڭ ئويىچە بولغاندا مۇھەممەت ئوغۈل بالا بولغاندىن كېيىن ئۇ باشتا ئېغىز ئېچىشى كېرەك ئىدى،  باشقا چاغدا شۇنداق گەپدان مۇھەممەت ، ئەمدىلىكتە گۈلنەزەرنىڭ چىرايىغىمۇ قارىيالماي يۇرەتتى، نېمىلا دېگەن بىلەن مۇھەببەت ئىشى ئەمەسمۇ، ئۇ يەنە شۇنىڭدىنمۇ قورقاتتى، ئەگەر ئۇ گۈلنەزەر بىلەن ئارلىشىپلا قالدىمۇ، مۇھەببەت قاينىمىغا چۆكۈپ كىتىشى تۇرغانلا گەپ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتىقاندا مۇھەممەت گۈلنەزەر بىلەن ئارلىشىپ قېلىشتىن قورقىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ، لېكىن ھېچنىمىنى ئۇقمىغان ھېچنىمىنى بىلمىگەن بۇلىۋىلىپ، گۈلنەزەرگە يەنە بۇرۇنقىدەك مۇئامىلە قىلاي دېسە ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاغىرتىپ قۇيۇشتىن، ئەڭ مۇھىمى ئۇنى باشقا بىرسىگە تاتقۇزۇپ قۇيۇشتىن قورقىدۇ، ئەگەر گۈلنەزەر باشقا بىرسى بىلەن ئارلىشىپ قالدىغان بولسا، مۇھەممەت بۇنى ئويلاشتىنمۇ قورقىدۇ، «قانداق قىلارمەن، قانداق قىلارمەن، قانداق قىلارمەن» مۇھەممەتنىڭ كۈنلىرى ئۆزىگە قەپەت مۇشۇ سۇئالنى قويۇش بىلەنلا ئۆتەۈپ كىتىپ باراتتى، گۈلنەزەرچۇ؟ ئۇ مۇھەممەتنىڭ ئۆزىگە گەپ قىلىشىنى، بۇرۇنقىدەك چاقچاق قىلىپ تېرىكتۇرشىنى سېغىنىپ، كۈنلىرى كۈن ئەمەس، لېكىن مۇھەممەتنىڭ شۇ كۈندىكى ئىشنى تىلغا ئالماسلىقىنى, پەقەت بۇرۇنقىدەك دوسىت بولۇپ قېلىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ. ئىشقىلىپ بۇلارنىڭ ئاخىرىنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقىنى پەقەت بىر قۇدىرىتى ئۇلۇغ رەببىمىزلا بىلىدۇ، قالىدىسى بىزگە قاراڭغۇ...
ئۇلارنىڭ سىنىپىدا ئەلى ئىسىملىك بىر بالا بار ئىدى، مۇھەممەتنىڭ نەق ئەكىسچە، ئىنتايىن ئېغىر-بېسىق، بويلىرى ئىگىز قاملاشقان، مۇھەممەت سىنىپتا مەيلى قىز بولسۇن مەيلى ئوغۇل بولسۇن ھەممىسى بىلەن چىقىشاتتى يۇ، لېكىن مۇشۇ ئەلى بىلەن پەقەتلا پۇرچىقى پىشمايتتى، يەنى ئەلى مۇھەممەتنىڭ كىشى كۆڭلىنى ئايىمايدىغان چاقچاقلىرىدىن، قېلىقلىرىدىن بىزار ئىدى، مۇھەممەتمۇ ئەلىنىڭ ئېغىر-بېسىق دەپ ئۆزىنى چوڭ تۇتىۋىلىشىنى ياقتۇرمايتتى، قېرىشقاندەك يېقىندىن بېرى ئەلى مۇھەممەت بىلەن گۈلنەزەرنىڭ مۇناسىۋىتىگە بىر ئىش بولغانلىقىنى بىلگەن بولسا كېرەك، گۈلنەزەرگە ئالاھىدە يېقىن مۇئامىلە قىلىشقا باشلىدى، ئۇنىڭ نەزىرىدە گۈلنەزەر ئىنتايىن ئېغىر-بېسىق، ئۆزىنى توختىتىۋالغان، ئۆزىگە ئەڭ ماس كىلىدىغان قىز ئىدى، گۈلنەزەرمۇ ئۇنىڭ ئۆزىگە يېقىنچىلىق قىلىشىغا ئانچە قارشى تۇرۇپمۇ كەتمىدى، مۇھەممەتتىن رەنىجىگەن كۆڭلىنى بەلىكىم ئەلى خۇشال قىلىشى مۇمكىن ئىدى، لېكىن ئۇ ئەلىنىڭ ئۆزىگە باشقىچە قارايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.
ئويلىمىغان يەردىن ھەممە بىر ھەپىتلىك تازىلىق قىلىپ ھېرىپ، سىنىپ مۇدىرىنىڭ تېزىراق قويۇپ بېرىشىنى كۈتۈپ تۇرغان جۈمە كۈنى كەچلىكى ئەلى سىنىپتا خىيالغا پېتىپ ئولتۇرۇپ قالغان گۈلنەزەرنى چاقىردى، ئۇلار ئادەم ئازىراق مەكتەپ مەيدانىنىڭ بىر چېتىگە قويۇلغان ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ئەلى:
- نېمە بولدىڭىز گۈلنەزەر، يېقىندىن بېرى بەكلا خىيالچان بولۇپ قالدىڭىزغۇ،- دەپ سورىدى.
- ھېچ، ھېچنىمە بولمىدۇم.
- يالغان ئېتماڭە، يۈزلىرىڭىز قىززىرىپ كەتتى، مېنىڭچە بۇ تۈگىمەس خىياللىرىڭىزنىڭ ھەممىسى مۇھەممەت ئۈچۈنغۇ دەيمەن ھە.
- نېمە دەپ يۇرۇيسىز، ئۇنىڭ بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى ئەمدى.
- دەيمەندە ئىككىڭلار بۇرۇن بەك يېقىنتىڭلار، بىر ھەپتە بولدى قاراشماي يۇرۇيسىلەر، شۇنىڭغا قاراپ ئوتتۇرىڭلاردا بىرەر ئىش بولدىمىكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم،
- ياقەي ئۇنداق ئەمەسقۇ، سىز ئارتۇقچە ئويلاپ كەتكەن ئوخشايسىز.
- تەن ئالمايسىز ھە، بۇرۇن ئىككىڭلار بەكلا يېقىنتىڭلار، قاراپ ھەسەت قىلىپ كېتەتتىم ئىككىڭلارغا.
- ياق، ياق ئۇنداق ئەمەس بىز بىر مەھەللىدىن شۇڭا يېقىنراق شۇ،
-ھە، ئەمىسە خاتىرجەم بولدۇم، گۈلنەزەر ئەسلى بۈگۈن سىزگە دەيدىغان گىپىم بار ئىدى.
- نېمە گەپتى دەڭە.
- گۈلنەزەر بىلەمسىز، مەن بۇرۇنلا سىزنى ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم، لېكىن سىز مۇھەممەت بىلەن بەك يېقىن بولغاچقا ئېغىز ئاچالمىغان ئىدىم، ھازىر مۇھەممەت ئارىمىزدا يوق شۇڭا....
- ئەلى نېمە دەپ يۇرۇيسىز، ياقتۇرۇپ قالدىم دېگەن قانداق گەپ ئۇ چۇشەنمىدىمغۇ؟
- يەنى مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم، بۇنىڭغا خېلى بولغان سىز دىيەلمەي يۈرگىلى.
- بولدى، مەن ئوغۇل بالىنىڭ مۇشۇ گىپىگە ئەڭ ئۆچ، نېمە ئۇ ياخشى كۆرۈش دېگەن، مەن سىزنى دوستۇم ئورنىدا كۆرۈپ  يۇرسەم داۋاتقان گىپىڭىزگە قاراڭ،-گۈلنەزەر ئارقىغا ئۆرۇلۇپ ماڭدى، بۇنداق بۇلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئەلى دەرھال ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋالدى.
- گۈلنەزەر، توختاڭ مەن راسىت گەپ قىلدىم، سىزنى ياخشى كۆرىمەن، ئۆتۈنۈپ قالاي ماقۇل دەڭ بۇلامدۇ؟
- قولۇمنى قۇيۋىتىڭ
- گۈلنەزەر
-ئارتۇق گەپ قىلماي قولۇمنى قۇيۋىتىڭ، - گۈلنەزەرنىڭ بۇ ۋاقىرغان ئاۋازى بىلەن تەڭ ئەلىنىڭ بوينىغا كەيندىن بىر مۇش تەگدى.
- سەن نىمىش قىلىۋاتىسەن ھە، كىمنىڭ قولىنى تۇتىۋاتىسە؟- ئەلى ئۆزىنى ئوشاپ بولغۇچە مۇھەممەت ئۇنىڭ ياقىسىغا ئېسىلدى.
- مۇھەممەت سەن......
- زۇۋانىڭنى يۇم، مەن سەندىن سوراۋاتىمەن، نىمىشقا ئۇنىڭ قۇلىغا ئېسلىسەن ئېيتە.-مۇھەممەتنىڭ كۆزىگە قان  تولۇپ، تومۇرلىرى كۆپۇپ كەتكەن ئىدى، ئەلى مۇھەممەتتەك قاچانلا قارسا كۈلۈپلا تۇرىدىغان بالىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ئاچچىقىنى كۆرۈپ تەمتىرەپ قالدى، گۈلنەزەرمۇ مۇھەممەتنىڭ بۇنچىلىك ئاچچىقى بارلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.
- مەن، مەن گۈلنەزەرنى ياخشى كۆرىمەن، شۇ....- ئەلى شۇنداق دىيشىگە مۇھەممەت يۈزىگە بىرنى سالدى ۋە ۋاقىراپ تۇرۇپ:
- سەن نېمە دەپ يۇرۇيسەن، ئۇ مېنىڭ قىز دوستۇم، ئەگەر يەنە بۇ گەپ ئاغىزىڭدىن چىقىپ قالسا، ساڭا جېنىمنى تىكىپ قۇيىمەن ئاڭلىدىڭمۇ يوقال بۇ يەردىن.- ئەلى بىردەم تۇرۋەتكەندىن كېيىن يۈزىنى تۇتقىنىچە كېرىپ قالدى.
- ھېي، بۇ يەردە نىمىش قىلىپ يۇرۇيسەن  ئوغۇللار بىلەن سورۇشۇپ،- مۇھەممەت گۈلنەزەرگە ۋاقىردى.
- نىمىش قىلسام سېنىڭ نېمە كارىڭ، بۇ ئۆزۈمنىڭ ئىشى سەن ئارلىشالمايسەن.
- مەن ئارلىشالمامدىمەن، مەن ساڭا نېمە دېگەن ھە، قىز بالىنى قانداق بۇلىدۇ دېگەن، ئەگەر گۈلنەزەر سېنى يەنە مۇشۇنداق كۆرۈپ قالسام ئولتۇرۋىتىمەن، ئاڭلاۋاتامسەن ئولتۇرۋىتىمەن.
- سەن مىنى باشقۇرالمايسەن، مەن ئەمدى سېنىڭ گۈلۈڭ ئەمەس، ئەمدى ماڭا گىپىڭ ئۆتمەيدۇ،- گۈلنەزەر مۇھەممەتنىڭ ئۆزىنى گۈلۈم دەپ چاقىرمىغانلىقىنى ئاڭلاپ يىغلاپ كەتتى.
- يىغلىما نىمىشقا يىغلايسەن، مەن ساڭا بىرنېمە دىدىممۇ يا،- مۇھەممەت گۈلنەزەرنىڭ يىغلىغىنىنى كۆرۈپ كېكەچلەپ كەتتى.
- سېنىڭ مەن بىلەن كارىڭ يوق، باشقىلار بىلەن تۇرۇپ قويغىنىمغا مېنى تىللايسەن، ئېيتە مەن سېنىڭ زادى نىمەڭ.
- سەن... سەن مېنىڭ گۈلۈم-
- ئەمسە بايام نىمىشقا ئىسمىمنى چاقىرسەن.
-خاپا بولما، ئاچچىقىم كېلىپ قالغاندا ئاغىزىمدىن چىقىپ كېتىپ قالدى.
- نىمىشقا ئاچچىقىڭ كېلەتتى،
- ئۇ سېنىڭ قولۇڭنى تۇتۇۋاپتۇ ئەمەسمۇ.
- قىززىققۇ سەن، ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ، سەن مېنىڭ نېمەمتىڭ ئاچچىقىڭ كېلىدىغانغاا.
- نىمەمتىڭ دېگىنىڭ نىمىسى، سەن ئۆتكەندە ئېتقان سۆزىڭگە ئىگە بۇلالىساڭ، مەنمۇ ئىگە بۇلالايمەن جۈمۈ،
- قايسى گىپىمگە؟
- ھېلىقىچۇ؟ مېنى ياخشى كۆرىمەن داۋاتاتتىڭغۇ؟
- ماڭاۋاي، مەن نەدە ئۇنداق دىدىم.
- تەن ئالمايدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم، لېكىن مەن تەن ئالىمەن،
-نىمىنى؟
- سەن مېنىڭ قىز دوستۇمغۇ؟ ھى ھى
- ماڭا ساراڭ....
- ھە، ساراڭ دىدىڭ، بۇنى ماقۇل دېدى دەپ چۇشىنىمەن ئەمىسە...
- ياق.
- نىمە ياق ھەئە دە...
- ياق، ياق، ياق...
- بولدى، بولدى، ماقۇل دەۋەرمىگىن، تەسىرلىنىپ يىغلاپ كەتمەي يەنە.
- ماڭا ساراڭ......
شۇنداق قىلىپ بۇلارنىڭ مۇھەببىتى باشلاندى........
152.gif


(3) ئېتقاد ئۇستىگە قۇرۇلغان مۇھەببەت

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پىروزە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-4 05:19 PM  


سەندە يوق خىسلەت بىلەن سېنى تەرىپلىگەن كىشى، سەندە يوق ئىللەت بىلەن سېنى قارلايدۇ.

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12550
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32342
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4573 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-5 12:10:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىۋاتىمەن ئەمسە.....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12550
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32342
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4573 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-5 08:40:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېخى مىدىرلىماپتىغۇ ما ھېكايە....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107074
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 270
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 99 سائەت
تىزىم: 2014-5-23
ئاخىرقى: 2014-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-9 01:33:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى چىقىپتۇ داۋامىنى ساقلاي

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12550
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32342
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4573 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-17 04:06:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى يازمامسىز شۇنداق قىلىپ؟

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108506
يازما سانى: 228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 413
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 219 سائەت
تىزىم: 2014-7-17
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 07:29:41 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىروزە يوللىغان ۋاقتى  2014-7-4 05:17 PM
دوسلۇقتىن باشلانغان مۇھەببەت
بۇ ئىككىسى بىر-بىرىدىن خ ...

مەن ئەسەرلىرىڭىزگە بەك ئامراق،ئەسەرلىرىڭىز  ئەدەپ ئەخلاق چىگرىسىدىن ھالقىپ كەتمەي،بىر-بىرىدىن ئىسىل چىقىۋاتىدۇ.بۇندىن كىيىن تېخىمۇ ياخشى تەربىيىۋى ئەھمىيەتلىك ئەسەرلەرنى يوللاپ تۇرىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108506
يازما سانى: 228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 413
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 219 سائەت
تىزىم: 2014-7-17
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 07:31:21 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەرنىڭ ئاخىرىغا تەلمۈرۈپ تۇرۇپتىمىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108802
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 321
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 138 سائەت
تىزىم: 2014-7-30
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-2 05:38:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى كۇتىمىز

بەخىت -ئۇ سىزنىڭ قۇربانلىقىڭىز بەدىلىگە قولغا كىلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105857
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 152
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2014-4-9
ئاخىرقى: 2015-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-4 06:55:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يىزىپسىز  ... ئاخىرىغا تەشنامەن   

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش