مېنىڭچە كىچىك سابىرىنىڭ بۇ تىمىنى (تەكلىپ-پىكىرنى) ئوتتۇرغا قويغىنى ھەقىقەتەن ياخشى بولدى، مەنمۇ يېڭى ناۋا پىروگراممىسى باشلانغاندىن تارتىپ ئويلاپ كېلىۋاتقان ئىدىم، بۇ پىروگراممىغا 4 رىياسەتچى ئوشۇق كېتىپتۇ دەپ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر نەچچە سان پىروگراممىدا ئابدىرېھىم راخماننى ھىساپقا ئالمىغاندا شەمسىيە ئەبەيدۇللا، زۇمرەت ئابدىقادىر، تاھىر تۇرسۇن قاتارلىق 3 نەپەر رىياسەتچى پىروگراممىنى ھەقىقەتەن جانلىق، قىزغىن ئېلىپ مېڭىۋاتقان، كيىن دىكتور-رىياسەتچىلەر مۇسابىقىسى ئاياغلىشىپلا زۇمرەت خاننىڭ ئورنىغا رامىلە خان ئالمىشىپ پىروگرامما سەل پەس كويغا چۈشتى. كەينىدىنلا ئابدىرېھىم راخمان ئۆزىنى سوراپ ئاستا چىكىنىپ ئورنىغا روزاخۇن تۇداخۇن دەيدىغىنى ئالمىشىپ كەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پىروگرامما قىززارمىكى دىسەك بۇ ئاداشمۇ سورۇنلاردا كىشىگە گەپ بەرمىگىنى بىلەن، سەھنىگە چىقسا سۇغا چۈشكەن مۈشۈكتەك ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ پاششىدەك غىڭشىشتىن باشقا ئىش قولىدىن كەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن پىروگرامما تېخىمۇ لاۋزىلاشتى. روزاخۇن تۇداخۇن رىياسەتچىلىككە ماس كەلمەيدۇ، بۇنى بەلكىم ھەممە كۆرۈرمەنلەر ھېس قىلىپ بولدى، بىر ئوشۇقچە بولدى سەھنىدە. ئۆزىنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرۈپ.
ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى بۇ پىروگراممىغا يەنىلا شەمسىيە ئەبەيدۇللا بىلەن تاھىر تۇرسۇن (چوكا) رىياسەتچىلىك قىلسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ مەنچە. قالغانلىرى ئوشۇقچە سەھنىنى تارلاشتۇرۇپ يۈرۈيدۇ، سەھنىگە چىققان ماھىرلارنى گەپكە سېلىپ. قالغان ئىككىسىنىڭ كەشىنى توغۇرلاش كېرەك. بەك بولمىسا ئۇلارنى خىزمەت گۇرپپىسى قىلىپ ئەڭ چەت نامرات يىراق رايۇنلارغا چېنىقىش ئۈچۈن ئەۋەتىۋەتسە تېخى ياخشى، تېخىمۇ پىشىپ كېلىدۇ، بىكار يەپ يېتىپ سەمىرىپ كەتكەن ئارتۇقچە ماي-گۆشلە يوقايدۇ.