ھايات سەپىرىدىكى ھەمراھ ئۈنچىلەر
( 1 ) بىر ئەر ئايالى يۇينۇپ بولغاندىن كىيىن مۇنچىغا كىرمەكچى بوپتۇ ، بۇ چاغدا ئىشىك جىرىڭلاپتۇ ، ئايال دەرھال بەدىنىنى يۆگەپ ئىشىك ئالدىغا بېرىپتۇ ، ئىشىكنى ئىچىپ قارسا قوشنىسى جورج ، ئايال گەپ قىلىپ بولغۇچە جورج ئىغىز ئىچىپتۇ :
- بەدىنىڭىزنى كۆرسەتسىڭىز 800 دوللار بېرمەن . ئايال بىردەم تۇرۇپ كىتىپ بەدىنىنى ئىچىپتۇ ، بىر نەچچە مىنۇتتىن كىيىن جورج ئايالغا 800 دوللارنى بېرىپ كىتىپتۇ ، ئايال بەدىنىنى يۆگەپ ئۆيگە كىرىپتۇ ، ئېرى « كىمكەن ›› دەپ سوراپتۇ ، ‹‹ قوشنىمىز جورجكەن ›› دەپتۇ ئايال ،
- شۇنداقمۇ ؟ - دەپتۇ ئېرى - ئۇ 800 دوللار قەرىزنى قايتۇردىغاننىڭ گىپىنى قىلمىدىمۇ ؟
خۇلاسە كالام : پايچىكلار مۇھىم ئۇچۇرلاردىن ئورتاق بەھرىمان بولۇشى كىرەك ، بولمىسا سەتچىلىكى ھامان ئاشكارلىنىدۇ
( 2 ) مال ساتقۇچى ، خىزمەتچى ۋە خوجايىن چۈشلۈك تاماق يىگىلى كىتىۋاتقاندا بىر يەردىن جىن چىراغ تىپىۋاپتۇ ئۇلار چىراغنى سۈرتۈپ تۇرشىغا بىر جىن سەكرەپ چىقىپ :
- مەن سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلارنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرمەن - دەپتۇ .
- مەن دەي ، مەن دەي - دەپتۇ خىزمەتچى قىز ئالدىراپ - مىنىڭ بالى ئارىلىغا بېرىپ قولۋاق تىيلىپ ئوينۇغۇم بار ، قىزچاق بۇ گەپنى دەپلا غۇييىدە ئۇچۇپ كىتىپتۇ ،
- ئەمدى مەن دەي - دەپتۇ مال ساتقۇچى - مىنىڭ ھاۋاي ئارىلىغا بېرىپ قۇم ساھىلدا يىتىپ ئارام ئالغۇم بار ، بەدىنىمنى تۇتۇپ قويدىغان قىزلا ھەقسىز ئىچىملىكلەر بولسۇن ، ئۇمۇ بۇ گەپنى دەپ بولۇپلا غۇييىدە ئۇچۇپ كىتىپتۇ ،
- ئەمدى نۆۋەت ساڭا كەلدى - دەپتۇ جىن خوجايىنغا .
- بۇ ئىككى ئەخماق چۈشلۈك تاماقتىن كىيىن دەرھال ئىشقا كەلسۇن ـ دەپتۇ خوجايىن جىلە بولۇپ .
خۇلاسە كالام : خوجايىنىڭىز باشتا ئىغىز ئاچسۇن
( 3 ) بىر بۈركۈت دەرەخنىڭ ئۇچىدا ئارام ئىلىپ تۇرسا توشقان ئۇنى كۆرۈپ سوراپتۇ :
- مەنمۇ سەندەك بىكار ئولتۇرۇپ ھوزۇرلانسام بولمامدۇ ؟
- بولىدۇ ، نىمىشقا بولمىغىدەك - دەپتۇ بۈركۈت
شۇنۇڭ بىلەن توشقان بۈركۈت قونغان دەرەخنىڭ ئاستىدا ئارام ئاپتۇ ، توساتتىن بىر تۈلكە پەيدا بولۇپ ئىتىلىپ بارغانچە توشقاننى يەۋىتىپتۇ .
خۇلاسە كالام : بىكار ئولتۇرۇپ ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن ئورنىڭىز چوقۇم يۈكسەك بولۇشى كىرەك
( 4 ) بىر قۇش قىشتىن ئۆتىۋىلىش ئۈچۈن جەنۇپقا سەپەر قىپتۇ ، بارغۇچە مۇزلاپ كىتىپ ئىتىزلىققا چۈشۈپ كىتىپتۇ ، نىمجان ياتقاندا بۇ يەردىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان ئىشەك ئۇنىڭ ئۈستىگە پوقلاپ قويۇپتۇ ، قۇش پوقنىڭ ئىسسىقىدىن راھەتلىنىپ تىنىگە جان كىرىپ خۇشاللىقتىن ۋىچىرلاپ سايراشقا باشلاپتۇ ، بۇ يەردىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان مۇشۇك ، نىمە ئاۋازدۇ دەپ يىقىنلاپ قارسا پوقنىڭ ئاستىدا بىر قۇش سايراۋاتقۇدەك ، شۇنىڭ بىلەن مۇشۇك ئۇنى تارتىپ ئەپچىقىپ يەۋىتىپتۇ ،
خۇلاسە كالام : كاللاڭغا چىچىپ قويغاننىڭ ھەممىسى دۈشمىنىڭ ئەمەس ، سىنى پوقتىن تارتىپ قويغاننىڭ ھەممىسى دوستۇڭ ئەمەس ، پوقنىڭ ئاستىدا قالساڭ ئەڭ ياخشىسى ئاغزىڭنى يۇم .
( 5 ) بىر ناۋاي بىلەن ئوغرى دوس ئىكەن ، ناۋاي سەھەر تۇرۇپ نان ياقسا ، ئوغرى ئەتتىگەندە شەھەرگە كىرىپ ، ئاپتومبۇس قىستاڭچىلىقىدا يانچۇقچىلىق قىلدىكەن ، ئۇلار ئىشلىرىن ئاخسىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن بىر - بىرىنى قاق سەھەردە ئويغۇتۇپ قويۇشقا كىلشىۋاپتۇ ، يىللار ئۆتۈپ ئۇلار كەينى - كەينىدىن ئۆلۈپ كىتىپتۇ ، پەرىشتىلەر يانچۇقچىنى جەننەتكە ، ناۋاينى جەھەننەمگە سۆرەپتۇ ، چۈنكى يانچۇقچى ھەر كۈنى سەھەردە ياخشى ئىش قىلىپ ناۋاينى نان يىقىشقا چاقىردىكەن ، ناۋاي بولسا ئۇنىڭ ئەكسىنچە ، يانچۇقچىنى يامان ئىشقا چاقىردىكەن ،
خۇلاسە كالام : دۇنيالىقتا توغرا دەپ قارغان ئىشىڭىز چوقۇم توغرا بولۇشى ناتايىن .
مەنبە : ئەلىكىروران ئۈندىدار سالونى
| |