|
|
|
|
چاۋشيەن
Korea(D.P.R.K)Choson
پارلاق سۈبھى دۆلىتى
چاۋشيەننىڭ تولۇق نامى < چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ ،ئاسىيانىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان . ئەمىنىيە دەۋرىدە خاتىرىلىنىشىچە ،تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 1122-يىلى ئەتراپىدا ،چاۋشيەندە تۇنجى دۆلەت گەۋدىسى -قەدىمىي چاۋشيەن دۆلىتى قۇرۇلغان . مىلادىدىن بۇرۇنقى 7-ئەسىردە چاۋشيەن دىگەن نام تارىخنامىلەردە كۆرۈلگەن . لېكىن كونكېرت مەنە ئېيتىلمىغان . جۇڭگونىڭ <تارىخنامە >،<خەننامە> لىرىدە :< ۋۇ پادىشاھى جىزىگە چاۋشيەننىڭ سويۇرغال قىلدى > دەپ خاتىرىلەنگەن . چاۋشيەننىڭ <شەرق ئېلى مەنزىرىسىدە> يەنە : چاۋشيەن <شەرق مەملىكىتى ،سۈبھى نۇرىدىن ئەڭ ئاۋۋال بەھر ئالىدۇ،شۇڭا چاۋشيەن ئاتالغان > دەپ خاتىرىلەنگەن . چاۋشيەننىڭ جى جەمەتى سۇلالىسى ۋە ئۇندىن كېيىنكى ۋېي جەمەتى سۇلالىسى چاۋشيەن دىگەن نامنى قوللانغان . مىلادى 1-ئەسىرنىڭ ئالدى كەينىدە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا گاۋجۈلى ،بەيچى ۋە شىنلو قاتارلىق ئۈچ دۆلەت قۇرۇلغان . 7-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى شىنلو سۇلالىسى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن .918-يىلى چاۋشيەن شۇڭيۆ ۋاڭ جىيەن پادىشاھ بولۇپ ، گاۋجۈلى سۇلالىسىنى شىنلونىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، نامىنى <گاۋلى> غا ئۆزگەرتكەن . چاۋشيەن تارىخىدا <گاۋلى>دۆلەت نامى سۈپىتىدە 500يىلغا يېقىن ساقلانغان . 1392-يىلى گاۋلىدىكى ئۈچ قوشۇننىڭ سەركەردىسى لى چىڭگۈي گاۋلى ھاكىمىيىتىنى تارتىۋىلىپ ،يېڭى پادىشاھلىق قۇرغان ،ئەينى چاغدا چاۋشيەن - جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا فېئوداللىق بېقىندىلىق مۇناسىۋەت بولغاچقا ، لى چىڭگۈي مىڭتەيزۇ جۇيۈەنجىڭغا دۆلەت نامىنى ئۆزگەرتىشنى مەلۇم قىلىپ ،ئىككى خىل چارىنى ئوردىنىڭ تاللىشىغا سۇنىدۇ ، بۇنىڭ بىرى <چاۋشيەن> ،يەنە بىرى <خېنىڭ>ئىدى . جۇيۈەنجاڭ <چاۋشيەن>دىگەن نامنى تاللىغان . شۇندىن كىيىن <چاۋشيەن >نامى <گاۋلى>نامىنىڭ ئورنىنى ئالغان . قەدىمكى زاماندىكى چاۋشيەننى كونا نامىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ، تارىخ كىتاپلىرىدا لى چىڭگۈي قۇرغان چاۋشيەننى لى جەمەتى چاۋشيەنى ، قىسقىچە لى سۇلالىسى دەپ ئاتايدۇ . جۇڭگو -ياپونىيە جيا ۋۇ ئۇرۇشى پارتلاپ ،چىڭ سۇلالىسى مەغلۇپ بولۇپ ،<سىمولنىسكى شەرتنامىسى> ئىمزالىنىپ ،چاۋشيەننىڭ پۈتۈنلەي مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنىپ ، چاۋشيەننىڭ چىڭ سۇلالىسىغا بولغان بېقىندىلىقى بىكار قىلىنىدۇ . 1897-يىلى 10-ئايدا ،لى شى تەختتە ئولتۇرۇپ، ئۆزىنى ئىمپىراتور جاكارلاپ ، دۆلەت نامىنى <بۈيۈك كورىيە ئىمپىرىيىسى>گە ئۆزگەرتىدۇ . لېكىن ئىشلىتىلگەن ۋاقتى ئىنتايىن قىسقا بولۇپ ،1910-يىلى 8-ئايدا چاۋشيەن ياپونىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىدۇ . 1910 -يىلدىن 1945-يىلى 8-ئايغىچە <چاۋشيەن >بىلەن <كورىيە > نامى ئارىلاش ئىشلىتىلىدۇ . بىراق بۇنىڭ ئالاھىدە سىياسىي مەنىسى يوق .1945-يىلى 8-ئايدا شىمالىي چاۋشيەن مۇستەقىل بولىدۇ .1948-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى ،چاۋشيەن ئالىي خەلق كېڭىشى بىرىنچى قېتىملىق يىغىنىدا ئاساسىي قانۇن ماقۇللىنىپ ،چاۋشيەن خەلق دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىدۇ .
چاۋشيەننىڭ يەر كۆلىمى 123.2مىڭ كۋادرات كىلومېتىر . ئاھالىسى 23مىليون 50 مىڭ ،%99.9 تى كورىئان مىللىتى . پايتەختى پيوڭياڭ ، پۇل بىرلىكى ۋون .
مەنبە : دۆلەت ۋە رايونلار نامىنىڭ كېلىش تارىخى .( شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشرىياتى نەشىر قىلغان)
|
|
|
|
|
|