كۆچمە تور سودىسى ھەققىدە چۇشەنچە ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ،
يېقىنىقى نەچچە يىلىدىن بۇيان ئەقەللىي تېلفوننىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز سۇرئەتتە تەرەققىي قىلىدى، ئەقەللىي تېلفونلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئەسلىدىكى كومپىيۇتىردا ئىلىپ بىرىلىدىغان تور سودىسى ئەقەللىي تېلفونلاردا ئېلىپ بېرىشقا ئۆزگەردى. بۈگۈنكى يازمامدا كۆچمە تور سودىسى ھەققىدە چۇشەنچە سۆزلىمەكچى. كۆچمە تور سودىسى:ئاساسلىقى تېلفون ۋە باشقا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان سودىدىن ئىبارەت. دۆلىتىمىزدە ئەڭ بۇرۇن 2008-يىلى باشلانغان، 2008-يىلى تاۋباۋ تاۋباۋتورىنىڭ تېلفون تور بەت نۇسىخسىنى ئېلان قىلغان.2010-يىلىغا كەلگەندە تاۋباۋ تېلفون ئەپ نۇسىخسىنى ئېلان قىلغان.2010-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە بولغان ئارىلقتا جۇڭگۇدىكى ھەرقايسى چوڭ تور سودا شىركەتلىرى بەس-بەستە ئۆزىنىڭ تېلفون ئەپ نۇسىخسىنى ئېلان قىلدى.2013-يىلى 8-ئايدا تېڭشۇن ئۈندىداردا ھەق تۆلەش ئېقىتىدارنى ئاچتى، شۇندىن كېيىن كۆچمە تور سودىسىدا زور ئۆزگىرىش بولدى .تاۋباۋ ،جىڭدۇڭ،فەنكى چىڭپىن قاتارلىقلار كۆچمە تور سودىسىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى. بىزنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلارمۇ ھەرخىل تېلفون ئەپلىرىنى ئىشلەپ سالدى. شىركەتلەرمۇ ئۆزىنىڭ تور بىتىگە ماسلاشتۇرۇپ تېلفون ئەپ نۇسىخلىرىنى ئېلان قىلشقا ئېتىبار بېرىشىكە باشلدى.
جۇڭگۇدا تېلفون ئىشلىتىدىغان ئابونىت سانى ئاللىقاچان بىر مىلياردىن ئىشىپ بولدى.ئەقەللىي تېلفون ئىشلىتدىغانلارنىڭ سانى 600 مېليوندىن ئاشقان. دىمەك كۆچمە تور سودىسنىڭ تەرەققىيات ئىستقبالى يۇقىرى. بىزمۇ كۆچمە تور سودىسى شۇغۇللىنىشىمىز كېرەك. 2008-يىلى كۆچمە تور سودىسنى باشلىغان تاۋباۋ يەنىلا ئۆزىنىڭ باشلامچىلق رولىنى ئوينىدى.تېلفوندا مال سېتىۋالغۇچىلار ئەڭ ئالدى بىلەن يەنىلا تاۋباۋنىڭ تېلفوندىكى ئەپ دىتالىدىن پايدىلىنىپ سېتىۋىلىغنى تاللايدۇ. يېقىنقى بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشتە 58% كىشى يەنىلا تاۋباۋنىڭ ئەپ دىتالدىن مال سېتىۋالىدىكەن. 8% كىشى جىڭدوڭدىن سېتىۋالىدىكەن، ئەينى ۋاقىتتا تېڭشۇننىڭ تېلفون ئەپ دىتالىدىن سېتىۋالىدىغان 3.9% بولۇپ بۈگۈنكى كۈندە 27%كە كۆتۈرۈلگەن. تېڭشۇن ئۈندىداردىن ئىبارەت ئىجىتىمائىي ئالاقىلىش قۇرالى ئارقىلىق كۆچمە تور سودا بازىرىنى ئاستن-ئۈستۈن قىلۋەتتى. جىڭدوڭ قاتارلىق تور سودىگەرلىرى ئۈندىدارغا جەڭ ئېلان قىلالمىدى. تاۋباۋ بولسائۆزىنىڭ ئورننى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئىزچىل ھالدا تىرىشىپ كەلدى.
2014-يىلى3-ئايدا تاۋباۋ تېلفون ئەپ دىتالىنى يىڭلىدى، ۋە تېلفون ئەپ دىتالىدىن پايدىلىنىپ مال سېتىۋالسا ئېتىبار بېرىش پائالىيتى ئېلىپ باردى.4-ئايدا دۇكاندارلارغا قۇلايلىق يارىتىش مەقىستدە يىڭى ئېقىتىدار قوشتى.
ھازىر مېنىڭ تېلفونۇمدىكى دىتاللارنىڭ سانى 100خىلدىن ئاشىدۇ. بۇنىڭ ئىچدە 50% دىتال كۆچمە تور سودا دىتالى . تاۋباۋ ، ئالىي بابا ،تىيەنماۋ،جىڭدوڭ،گومىي، سۇنىڭ، فەنكى چېڭپىن،لاشوۋۋاڭ قاتارلىقلار ئەپلەردىن ئىبارەت.بۇ ئەپلەر دائىم دىگۈدەك يىڭىلىنىپ تۇرىدۇ، ھەممىسگە ھەرخىل يىڭى ئېقىتىدارلار قوشۇلغان.ھەركۈنى ئوخشاش بولمىغان پائالىيەت ئۇچۇرلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالىمەن. كۆچمە تور سودىسىنىڭ بارلىققا كېلىپ تېز سۇرئەتتە تەرەققىي قىلىشى نۇرغۇن ئەمەلىي دۇكان ۋە سودا سارايلارنىڭ تاقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۆتكەن يىلى جىنبا ،لوتو،لىنىڭ قاتارلىق داڭلىق ماركىلىق كىيىم-كىچەك شىركەتلىرى جۇڭگۇدىكى نۇرغۇن ئەمەلىي دۇكانلىرىنى تاقاپ تور سودىسىغا يۈزلەنگەن. گومىي ۋە سۇنىڭمۇ تور سودا ساھەسىگە يۇرۇش قىلغان.( گومىي ۋە سۇنىڭ جۇڭگۇدىكى ئائىلە ئېلكتىر سايمانلىرى ساتىدىغان زەنجىرسىمان سودا سارايلار)ئۇلارمۇ تېلفون ئەپ دىتالنى چىقىرىپ نۇرغۇن كونا يىڭى خىرىدارلارنىڭ قوللىشىغا ئېرشكەن. ئۇنىڭ ئۈسىتىگە ھازىر ئەمەلىي دۇكانلاردىن مال سېتىۋالغاندا خىرىدار تېلفوننى چىقىرىپ تاۋباۋ ۋە باشقا ھەرقاىسي تور سودا ئەپلىرىدىن شۇخىل تۈردىكى ماللارنى ئىزدەپ باھاسنى سېلشتۇرۇش ئارقلىق ئاخىرىدا توردىن سېتىۋالىدىغانلار كۆپەيدى. داڭلىق ماركىلارنىڭ ئەمەلىيەتتىكى دۇكىنى مال ساتمايدىغان ،ئەكسچە كۆرگەزمە زالىغا ئايلىنىپ قالدى. ھازىر ئەقەللىي تېلفون ئىشلەتكەنلەرنىڭ قولىدىن سائەت-سائەتلەپ تېلفون چۇشمەيدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن كۆچمە تور سودىسىنىڭ ئىستقبالى يۇقىرى بولىدۇ. كۆچمە تور سودىسىدا ئېلانلارنى تېلفونغا چۇشۇرۇپ ئىشلتىدىغان ھەرخىل ئەپلەرنىڭ يانداش قىلىپ بەرگەندە تېىخمۇ بازىرىنى ئاچىقىلى بولىدۇ.
ئۈندىدار ۋە ئۈندىدار سالونىدا سودا قىلىشمۇ تەرەققىي قىلماقتا.ئۈندىداردا دۇكان ئېچىش ئېقىتىدارىمۇ قېتىلىپ كۆچمە تور سودىسىنى يەنە بىر پەللە يۇقىرى كۆتۈردى.
قېرىنداشلارنىڭ ئەڭ يىڭى تېىخنىكا ۋە ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلمەن.
تەييارلىغۇچى: مىراس كىيىمچىلىكى تور بازار بۆلىمىدىن ئەلگىيار
|