|
|
|
|
يىتىملارغا يار-يۈلەكتە يۈرۈڭ(سانائىل ھەرپلەردىن تۈزۈلگەن سۆز ئويۇنى) يازمىمىزدا يورىتىدىغان يەكۇنىمىز:يىتىمچىلىكتە يۈرىكى يەنجىلگەن،يار- يۆلەكسىز، يېقىنلىرى يوقلارغاياكى يوقسۇللارغا يېقىندىن ياردەمدە يۈرۈپ،ياخشىلىققا يۈزلىنىشنى يادىڭلارغا يەتكۈزۈشتۇر. يارەنلەر!يورتىڭلاردا يار-يۆلەكسىز يۈرۈۋاتقان يىتىملاريوقمۇ؟يوقسۇزلىقتىن يىلمۇ-يىل يۇمشاققىنە يىيەلمەيۋاتقان،يېرىم-ياتا،يېلىڭ يۈرۈۋاتقانلار يوقمىدۇ؟ياكى يادىڭلارغا يەتمەيۋاتامدۇ؟ يىمەكلىكتە،يېپىنچىلاردا يىتىشكەن يارەنلىرىمىزيانچوغۇڭلار يوغۇناپ،يوغان يەپ،يايراپ يۈرۈۋەرسىڭىز ياراشمايدۇ.يەنىلا يۇرتۇڭلاردىكى يوقسۇللارغا ياردەمدە يۈرۈڭ.يىيەلمەيۋاتقانلارغا يىگۈزۈڭ.يېلىڭقات يۈرگەرنلەرگە،يېڭى يەكتەك ياپامسىز ياكى يېپىنىپ يۈرگەن،يېڭىلىقىنى يوقاتقان يېپىنچىلىرىڭىزنى ياپامسىزيەنىلايىگۈزگەنگە يانداپ يېلىڭقاتلارغا ،يىرتىق يېپىنچىلارنى يېپىنىپ يۈرگەنلەرگە يەكتەك يېپىڭ.يېڭى يىلدا ياكى يېڭى يىلسىزمۇيانچۇقىڭىزدىن يىتىشەلىسىڭىز يەتتەيۈزيۈەن ياكى يەتمىش يۈەن، يىتىسەلمىسىڭىز يەتتەيۈەننى يىتىملارغايار-يۈلەكسىزلەرگە يۇپۇشتۇرسىڭىز يەتتە يۈەنلىك ياردىمىڭىزمۇ يىتىملارنىڭ يۈرىكىنى ياشارتالايدۇ.يىتىملار يارىلىشىدىنلا يار-يۈلەكسىزمىكەن؟يىتىملارنىڭ يىتىملىشىشى، يار-يۈلەكسىز يۈرشىنىڭ يەكۇنى يىتىملارنى ياراتقان يۆلەنچۈكلىرى يىتىملار يۇرۇقلۇققا يۈزلىنىشىلا يەرلىكىدە ياتقان،ياكى يۈزسىزلىشىپ،يىتىملارنىڭ يۈركىنى يەنجىپ،ياۋۇزلىشىپ يەكلىگەنلىكتىن يىتىملاشقان.يىتىملار يەككە-يىگانە يىغلامسىراپ يۈرسە ياردەمدە يۈرمەستىن يەكلىسىڭىز يىتىملاريەنىمۇ يىغلىماسمۇ؟يىغلايدۇ.يىتىملارنى يىغلاتماي يېقىندىن ياردەمدە يۈرسىڭىز يۈزىڭىزمۇ يۇرۇق يۈرىسىز.ياردەمدە يۈرگەنگەيانچۇقىڭىزدىكى يامبۇڭىز ،يەيدىغىنىڭىز ،يېپىنىدىغىنىڭىز يىرىملىشىپ يۇقارمىدى؟ياق يۇقۇمايدۇ.يىتىملارغا ياردەمدە يۈرگىنىڭىزگە يارىشا ياراتقان يىگانە ياراتقۇچىمىزمۇ ياخشىلىق ياغدۇرىدۇ.يامانلىققا يۈزلەندۇرمەيدۇ.يازمامنى يورغىلاتماي يىتىملارغا ياردەمدە يۈرۈشنى يۈزەكىلا يۇرۇتسام،يورتىمىزدىكى ياقۇپنىڭ يۆلەنچۈكى يوق.ياقۇپ يەتتە ياشقا يەتكەندە يۈلەنچۈكلىرى يۇرتىمىزغا يېقىنلايەردىكى يايلىقىدىكى يارلىقتا يېڭى يايلاق يىتىشتۇرۋاتقاندا ياريېرىلىپ،ياردىن يەرگە يىقىلىپ يورۇقلۇقتىن،يۇرۇقلۇق يوق يەرلىكتە ياتقاچقا ياقۇپ يار-يۈلەكسىزيۈرگەن.ياقۇپيىگىرمە يەتتىگە يەتكۈچە يىگانە يىتىمچىلىكتە يۈردى. يىرتىق-ياماق يېپىنچىلارنى يېپىنىپ يۈردى.ياقۇپ يىتىم يۈرۈپمۇ يورىتتىكى يۆلەنچۈكسىز ياشانغانلارغا ياردەملىشىپ،يەرلىرىدىكى يىغالمىغانلىرىنى يىغىشتۇرۇشۇپ،يارالمىغان يېرىنداقلىرىنى يېرىشىپ يۈردى.ياقۇپ يۈزى يۇرۇق ياشاشقا يۈزلىنىپ،ياخشىلارنىڭ ياردىمىدە يايمىچىلىققا يۈزلىنىپ يەكشەنبىلەردە يامىداپ يۈرۈپ ياغلىقچىلىقنى يۈرۈشلەشتۈردى.ياغلىقتىن يىگىرمە يۈەن،ياغلىقچىلىق يەنىمۇ يۈرۈشسەيەتمىش يۈەن يانچۇقىغا يۇپۇشتى.ياقۇپ ياقۇپ ياخشىراق يىمىسىمۇ يورتىدىكى ياشانغان يۆلەنچۈكسىز ياسىننىڭ يىمىكىگە،يۈگۈر-يىتىملىرىگە ياردەملىشىپ يۈردى. يۈرىكىڭلار يېلىنجاۋاتامدۇ؟يېلىنجىغاندۇ ياكى يېلىنجىمىغاندۇ.ياقۇپ يىتىم يۈرۈپمۇ يىتىملارغا،يار-يۆلەكسىزلەرگە ياردەمدە يۈرۈۋاتسا ياغ يەپ يايراپ يۈرۈۋاتقان يارەنلىرىمىز يىتىملارغا ياردەمدە يۈرمەيدىكەنمىز...ياقۇپقۇ يايمىچىلىقتا يەيدىغاننى يەپ،يېپىنىدىغاننى يېپىنىپ يۈرۈپتۇ،ياقۇپ يىتىلگەن ياش،يىرىم-ياتا يارالغانلارچۇ؟ يوتىسىنىڭ يېرىمى يوق،يورۇقلۇقتا يۈرۈپمۇ يۆلەپ ياندىشىپ يۈرمىسە يول يۈرەلمەيدىغانلارچۇ؟ياقۇپتەك يايمىچىلىققا يۇپۇشالامدۇ؟ياق يوپۇشالمايدۇ.يازمامدا يەنىلا يادىڭىزغا يەتكۈزىدىغىنىم يورتىڭىزدىكى ياكى يىراق يورىتتىكى،يېقىنلىڭىزياكى يات يىتىملارغا يولۇقىدىكەن يېقىندىن ياردەمدە يۈرۈڭلار....ياخشىلىققا يۈزلىنىڭلار... ئاپتۇرى:كىرىمجان ياسىن(زەپەر) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kirimjanyasin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-5 12:22 PM
|
|
|
|
|
|