musilina يوللىغان ۋاقتى 2014-7-5 05:35 PM
ئوپراتسىيە قىلدۇرغانلار مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللانسا قاندا ...
مېنىڭ ئانام (زىڭسىڭ-كۆمۈرچەك ئۆسۈپ قىلىش كېسىلى) بىلەن يەرلىك ئۇسۇللاردا داۋالىنىۋاتقىلى 8 يىل بولدى. ئانامنىڭ دەسلەپتە بېلىدە بار ئىدى، ھازىر بەدىنىنىڭ خېلى كۆپ يەرلىرىدە بار. لىكىن ئانام ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۆزىنىڭ تېرىشچانلىقى ئارقىلىق مۇشۇ كىسەلگە قارشىلىق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئانام مۇشۇ 8 يىل جەريانىدا ئۈزلۈكسىز ھالدا قاتتىق شالدا ياتتى، قارا كىگىزنى داق يەرگە سىلىپ شۇنىڭدا ياتتى. يەرلىك ئورۇننى ئۇۋۇلاپ بىزمۇ ماسلىشىپ بېرىۋاتىمىز. ئاندىن ماش (يېشىل پۇرچاق دەمدۇق ئىشقىلىپ ) شۇنىڭدا تەكىيە تىكىپ شۇنى بېشىغا قويۇپ ياتىدۇ.....
دوختۇرلارنىڭ دورا-ئوكۇلى سوغۇق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ كىسەلگە دورا ئوكۇل ماس كەلمەيدىكەن. رامىزاننىڭ ئالدىدا مىللى شىپاخانىدا يەرلىك ئۇسۇللاردا داۋالىنىپ چىقتى، ئۈنۈمى خېلى ياخشىكەن. مەسىلەن ئۇۋۇلاپ داۋااش، يەرلىك ئورۇنغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈش، پۈتۈن بەدەنلىك ھورداققا چۈشۈش، يىڭنە سانچىپ، لوڭقا قويۇپ داۋالاش دىگەندەك....
مەن يەنىلا سىزگە يەرلىك ئۇسۇللارنى ۋە مىللى تىبابەت ئۇسۇلىنى تەۋسىيە قىلىمەن ھەدە.
مەھەللىمىزدە بىر قوشنىمىز ئايال بار ئىدى. ئۇمۇرتقا كۆمچەك ئۆسمىسى دەپ دىئاگنۇر قويۇلغىلى 3 يىلچە بولدىمىكىن، ئۈرۈمچىلەردىمۇ داۋالىنىپ كەلگەن. ئۈنۈمى كۆرۈلمىگەن چىغى، ھازىر ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ، چوڭ-كىچىك تاھارەتلىرىگە قاچا تۇتىدىكەن دەپ ئاڭلىدىم.
اللە ھەربىر بەندىسىگە ئاسانچىلىق بەرسۇن ئىنشااللە......