ئالدى بىلەن نۇرئەلىنىڭ نۇتۇقىغا قايىلمەن. سىنلىق دەرىسلىرىدىمۇ دائىم بىزگە پايدىلىق گەپلەرنى قىلىدۇ. دەرىس ئۆتىشىمۇ ئىنتايىن جانلىق.نىمىلا دىگەن بىلەن شەخسي مەكتەپ بولغاچقىمىكى بىر خىل ئەركىن سۆزلەيدۇ.
ئەمدى ئەلسۈيەرنىڭ ئىنكاسىغا كەلسەم ، مىنىڭچە مەسىلە يوق. چۈنكى بۇ مەسىلە بىزياشلار ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە . شىنجاڭنىڭ ئىچىدە تۇرىۋېلىپ ئاناتىلنىڭ قەدىرىنى ئانچە بىلىپ بۇلالمايمىز. ئەل سۈيەرنىڭ مۇشۇ ئىنكاسىدىن نۇرغۇنىمىزنىڭ كاللىسىدا ،مەن دەڭ چىقارساممۇ ئانا تىلىمنى بىلمىسەم يەنىلا باشقىلار ئىتىراپ قىلمايدىكەن دىگەن ئاڭ شەكىللىنىدۇ. بۇنداق بولغاندا مەيلى ئۆزىمىز ياكى مىىلىتىمىزگە بولسۇن پايدىسى بار.