ئامانسا يوللىغان ۋاقتى 2014-7-9 01:04 PM
تاماكا تاشلاشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى بارمۇدۇ؟ مۇشۇ تاماكا چى ...
مەن يېڭى ئۇسۇلدىن بىرنى بايقىدىم، مەن رامىزان كىرگەندىن بىرى 5 ۋاق ناماز باشلىغان، ھەم رامزان روزىسى تۇتقانلىقىم ئۈچۈن تاماكا چەكمىدىم. مۇشۇ پېتى چىداپ بىر ئاي رامزاننى تاماكا چەكمەي چىقىرالىساملا تاماكىنى تەل-تۆكۈس تاشلىدىم دەپ قارايمەن.
يەنە بىرى مۇھىت ئامىلى. ئەگەر تاماكا تاشلىماقچى بولغان ئادەمنىڭ ئەتراپىدا تاماكا چىكىدىغانلار بولسا يەنىلا تاشلىيالمايدۇ. تاماكا چەككۈچىنىڭ خۇمارى تاماكنىڭ پۇرىقىنى پۇرىسا، تاماكىنى كۆرسە بەك تۇتىدۇ، بولۇپمۇ تاماكا تاشلاۋاتقانلارنىڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن تاماكا تاشلايمەن دىگەن ئادەم تاماكا چىكىدىغان تونۇشلىرىدىن يىراق يۈرسە، تاماكا چىكىدىغانلار بولمىغان، تاماكا چەككۈچىلەرنى ئەيىپلەيدىغانلار بولغان مۇھىتتا يۈرسە، ھەمدە يېنىدا تاماكا ئالماي يۈرسە تاماكا تاشلىيالايدۇ.
يۇقارقىلارنىڭ بىرى كەم بولسا يەنىلا تاماكا تاشلاش تەس. چۈنكى بەڭگىلەرنىڭ قېشىدا يۈرسە بىرەرسى تاماكا تەڭلەپ قالىدۇ، خۇمارى تۇتۇپ ئاران تۇرغان ئادەم چىكىپ سالىدۇ. ۋە ياكى تاماكىنىڭ پۇرىقىدا خۇمارى تۇتۇپ ئۆزى سورايدۇ. تاماكا چەكمەيدىغانلار بار مۇھىتتا، يېنىدا تاماكىسى بولسا، باشقىلار كۆرمەستە مەخپى چىكىۋالىدۇ.
ھەممە ئادەم ئىرادىدىن كۆپ سۆزلەيدىكەن. لىكىن ئىرادىگە قوشۇلۇپ، مۇھىت ئامىلىمۇ ئىنتايىن زۆرۈر