yuksaki يوللىغان ۋاقتى 2014-7-9 12:27 PM
بۇ قېتىمقى بىرازىلىيە كوماندىسى ئۇنچە كۈچلۈك ئەمەس، م ...
تەھلىلىڭىز ناھايتى ياخشى بولدى . تۆت كۈچلۈككە كىرىشتە باشتا ئۇرغان توپلىرى نىشانلىق توغۇرلاپ ئۇرۇلغان بولماستىن ھەممىسى ئويلىمىغان يەردىن تەلىي كىلىپ كىرىپ كەتكەن . بىراق سىز تىلغا ئالغان نۇقتا توپ ھەقىقەتەن نىشانلاپ ئۇرۇلغان توپ دىيىشكە بولىدۇ . گىرمانلارنىڭ ھەر بىر ئۇرغان توپىغا دىققەت قىلغان كىشى بۇ نۇقتىنى ئوچۇق ھىس قىلىدۇ . ھەر بىر ئۇرغان توپلىرى خۇددى بېلىيارىت ئوينىدا داڭلىق بېلىيارىتچىنىڭ تاشنى كۆزلىگەن نۇقىتىغا دەل نىشانلاپ كىسىپ ئۇرغىنىغا ئوخشاش دەل تىپىپ كەلدى .
مەيلى نىمە دىمەيلى بېراىلىيەنىڭ ۋاراتىچىسىنىڭ ئىپادىسى ھەقىقەتەن ناچار بولدى . ئامېرىكا بۇ تۆتنىڭ بىرىگە كىرەلمىگەن بولسىمۇ بىراق قايىل بولغان يىرىم ئىككى توپ ئالامىسىمۇ ھىلىقى ساقاللىق ۋاراتاچىسى ھەقىقەتەن يامان قارۋايكەندەيمەن ھىلىقى سىرىق تاز باشتىن-ئاخىرى ئالاھىزەل 17-18 گىچە توپنى ۋاراتاغا دەل كىسىپ سەت ئۇرۇپ كەتتى بىراق ھەر قىتىم ھىلىقى قارۋاي دەل توسىۋالدى . مىنىڭ ھىلىقى سىرىق تازغا قايىللىقم ئاشقان ۋە ۋاي بىچارە تاز مۇشۇ تېرشچانلىقڭىغا بولسىمۇ بىر توپ بولسىمۇ كىرگۈزەلىسەڭچۇ دەپمۇ ئويلاپ كەتتىم ، لىكىن بۇ تازنىڭ تېرىشچانلىقى يەردە قالمىدى مۇسابىقە ئاخىرلىشاي دىگەندە ھەقىقەتەن بىر توپنى كىرگۈزۈپ ھاردۇقى چىقتى .
مەن بىر نۇقتىغا دىققەت قىلدىم ئالدىنقى يىللىرى بەك دىققەت قىلمىغان بۇ يىل باشتىن-ئاخىرى ۋاراتاغا كىم تۈنجى توپنى ئۇرالىغان بولسا باشتىن-ئاخىرى شۇ تۈنجى توپنى ئۇرغان تەرەپ مۇتلەق غەلبە قىلدى .
مەن دەيمەن تۇنجى توپقا سەل قاراشقا بولمايدۇ . تۈنجى توپتا قارشى تەرەپكە ئىغىر بولغان پىسخىك ئاجىزلىق ئىلىپ كىلىدۇ . قارشى تەرەپنىڭ بىر توپ ئۇرغىننى كۆرگەندىن كىيىن قارشى تەرەپنىڭ كاللىسىدا شۇ پاسكىنا بىر توپ سەۋەبىدىن پەيدا بولغان خاتىرجەمسىزلىنىش ، جىددىيلىشىش ،،،، كۆرۈلىدۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىيا-چىيالىرى تىخمۇ ئەلەم بولىدۇ .
ھەممىدىن قىزىقى بىرازېلىيە تاماششىبىنلىرىنىڭ يىغىسى بولدى . بولۇپمۇ 35-34 ياشلاردىكى مەڭزىگە سېموۋىللىق رەڭلىك بەرلگە چاپلىۋالغان چىرايلىق خانىمنىڭ يىغىسى شۇنداق چىرايلىق بولدى . مەڭزىدىن ياش دىگەن ئىقىۋاتىدۇ . تېلېفۇن دىگەننى ئۇرۇۋاتىدۇ .
ئەرلەر يىغلىسا مەيلىغۇ . بىراق شۇي ئايالغا مەسىتلىگىم بەك كەلدى . نىمە ئۈچۈن ؟ ئوت -يۈرەك ۋەتەنپەرۋەر خانمكەن . مەن دىگەن بىر ئاجىز ئايالغۇ دىمەستىن ۋەتەننىڭ قولىدىن كەتكەن شان-شەرەپ ئىززىتى ئۈچۈن يىغلىدى . قارىسام باشقىلارمۇ كۆز-ياشلىرىنى توختىتالمىدى .
بەلىكم شۇ يىغلىغانلارنىڭ ئىچىدە ۋەتەن شان-شەرىپى بولماستىن دوغا تىككەن تۇتام-تۇتام دوللارلىرىغا ئىچى ئىچىشىپ يىغلاپ كەتكەنلەرمۇ بولۇشىشى مۇقەرەر .
ھەجەپ بىر دەيمەندە 1:7
ئەمدى مەسىلە كىيىنكى مۇسابىقىنى ئېز قوغلاپ كۆرۋەتسەك ھاردۇق چىقىدۇ .
ئەسكەرتىدىغان ئەڭ ياخشى ئىش شۇ بولدى . ماۋۇ تېمىنى ياشغان ئەزىزى قىرىندىشىمىزغا ئاللاھ رەھمەت قىلىپ ئىمانىنى ئائىلسىنى سالامەت قىلغاي . شۇنداق خۇرسەن بولغان يىرىم ھەر قانداق بىر ئىش ئەسلىدىن مۇشۇنداق بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم دەپ باشلىنىپ ئوقۇرمەنگە ، ئاڭلىغۇچىغا ئەسسىلامۇئەلەيكۇم دىگەن چىرايلىق سالامنى بىرىپ بولۇپ ئاندىن مەقسەتكە ئۆتۈش دىنىمىزنىڭ ئەڭ ئېسىل پەزلىلىيتىنىڭ بىرى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-9 03:02 PM