uzum-tal يوللىغان ۋاقتى 2014-7-10 02:35 PM
ھەقىقەتەن يا ،،، ماختىماي بىي يازاتتۇق راسىت ئىن ...
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئۈزۈمتال ئەپەندى ئامانمۇسىز ؟ تۇرپاننىڭ شىرىن تاتلىق ئۈزۈمىدەك ياخشى ئىنكاسلارنى يازاتتىڭىز تولىمۇ ئەپسۇس بۇ تىما سىزگە يارىماي قاپتۇ . نۆۋىتىدە مەن بىر تولۇقلىما بىرۋىتەي :
بەزى كىشلىرمىز ھازىر ئۆزىنىڭ ئەجداتلىرىدىن ،ھوقۇق مەنسەپلىردىن ماختىنىپ ، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئىسىدىن چىقىرىپ ، بىر خىل كىبىرلىك ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ ياشاۋاتىدۇ .
بەزى كىشلىرمىز پۇل ماللىرنى ، ئىسىل داچا ، ئىسىل پىكاپ ، ھەشەمەتلىك تۇرمۇشىدىن ماختىنىپ ، ئاشۇ پۇللارنى قانداق يوللار ئارقىلىق ھالال _ ھارامنى ئايرىماي تاپقانلىقىنى ئۇنتۇپ ماختىناۋاتىدۇ .
بەزى كىشلىرمىز ئۆزىنىڭ ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇغىنىدىن ماختىنىپ ، ئەمىلىيەتتە قارىسا قىلغان ئىشنىڭ تايىنى يوق . بەزى كىشلىرمىز كىچچىكىنە بىر ئىشىنى داۋراڭ سىلىپ ماختاپ كۆپتۈرۋىتىدۇ . يەنى بەزى كىشلىرمىز ............ دسەك بەك كۆپ .
ھەقىقي بىلىملىك قولدىن ئىش كىلدىغان تۆھپىكارلىرمىز ماختىنىشنى قويۇپ يەنىمۇ چوڭ تۆھپىلەر ئۈچۈن ئىزدىنىپ تىرشىۋاتىدۇ .ئەمىلىيەتتە ئۇلار ماختىنىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ . بىز ھەر خىل مەقسەتتە بىر خىل تەمە ھەم خوشامەت بىلەن ئۇلارنى كۆپتۈرۈپ ماختاۋەرمەي ، ئەڭ ئاۋال ئاشۇنداق تۆھپىكارلارنى بىزگە بەرگەن رەببىمىز ئاللاھنى مەھدىلەپ ماختاپ ، ئاشۇ تۆھپىكارلىرمىزغا ياخشى تىلەكلەرنى تىلەش بىلەن بىرگە ، شۇلارنىڭ تەكىتلىگەن ئىشلىرنى ئەمىليتىمىزدە كۆرسىتىپ ، ئاۋامغا پايدىلىق ئىش قىلساق ، ياخشى ئىش قىلساق ، دۇرۇس ئىش قىلساق ، ئەمەل قىلساق ئاندىن ئۇلار بىزدىن خۇرسەن بولىدۇ رازى بولىدۇ .
مەسىلەن _ ھە : سىز ماڭا ياخشىلىق قىلدىڭىز ، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلدىڭىز ، مەن سىزنى ئۇدۇللا ۋاي ئۇزۇمچى سىز بەك نوچى ئوبدان ، بەلەن ، مەرت ، سىخى دەپ ماختىسام سىز ئوڭايسىزلىنىپ بىئارام بولىسىز ، خىجىل بولسىز ( لىكىن تەمەخۇر نالايىق كىشىلەر ئەكسىچە ) بەك ماختىغىم كەپ كەتسە ، سىزدەك بىر ئىسىل قېرىندىشىمنى ماڭا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرىغان رەببىم ئاللاھقا ھەمدۇ سانالار بولسۇن شۈكۈرلەر بولسۇن ، ماختاشلار بولسۇن ، مەھدىيەلەر بولسۇن دەپ ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن ئىچىمىزدە دۇئا قىلىپ ، ئۇنىڭدىن كىيىن سىزگە ئائىلە تاۋاباتلىرىڭىزغا ياخشى تىلەكلەرنى تىلىسىڭىز ، سالامەتلىك ، كۈنلىرنىڭ خۇشال ئۆتىشى بەختلىك ئۆتىشى دىگەندەك چىن يۈرەك سۆزىمىزنى ئىپادىلىسەك بۇ بىر ئىنساننى يۈزمۇ يۈز ، خوشامەت قىلىپ ماختىغاندىن مىڭ ئەۋزەل !