babur99 يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 12:52 PM
قانۇن بۇرادەر ،بەزى خەۋەرلەردە چەتئەللەردە جىنايەتچى ...
بۇ مەسىلىگە مەن جاۋاب بېرەي:
1-مەسىلە: بەزى دۆلەتلەردە پۇقرالارنىڭ دېمۇكراتىك ئەركىنلىك ھوقوقىنىڭ دەخلىسىزلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، شۇ دۆلەتنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان جىنايەت يوق، ياكى ئۆلۈم جازاسى يوق. شۇڭا، شۇ دۆلەتتە بىر جىنايەتچىنىڭ بارلىق جىنايەتلىرىنى ئېنىقلاپ چىققاندىن كېيىن، ھەر بىر جىنايىتى ئۈچۈن، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە ۋاقىت ھېساپلاپ، يىغىندا ۋاقىتنى جازا ئۆتەش قىلىپ بېكىتىدۇ. سىز دېگەندەك 50 يىلدىن يوقۇرى كېسىلگەنلەرنىڭ جازا مۇددىتى توشقىچە ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن، ئۇلارنىڭ جەسىدىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا مەنمۇ ئېنىق بىلمەيمەن. لېكىن مېنىڭ بىر قىسىم ماتېرىيالدىن كۆرۈشۈمچە: ئۇزاق كېسىلگەن جىنايەتچىلەر تۈرمىدىن چىققۇچە ئۈلۈپ كەتسە، سۇببكتىپ جەھەتتىن يەنىلا جىنايەتچى بولىدىكەن، 100 يىللىق كېسىلگەن بولسا 100 يىل توشقاندا، شۇ جىنايەتچىنىڭ بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇقى ئەسلىگە كېلىدىكەن.
2-مەسىلە: دۆلىتىمىزدە ئەڭ ئېغىر جىنايى ئۆلچەم ئۆلۈم جازاسى بولۇپ، قىلمىشى ئېغىر، قەبىھ بولغانلارغا بېرىلىدۇ.
جىنايى جازا بېكىتىش سىز دەۋەتقاندەك بىر جىنايەتچىنىڭ جىنايى قىلمىشىنىڭ ئەڭ ئېغىرىنىڭلا جازالىنىش ئۆلچىمىنى ئاساس قىلىپ، باشقىسىنى نەزەردىن ساقىت قىلمايدۇ. مەسىلەن، سىز دېگەندەك باسقۇنچىلىق قىلىپ ئارقىدىن ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولسا ئەلۋەتتە باسقۇنچىلىققا 6 يىل، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەنگە ئۆلۈم جازاسى بىرىپ، يىغىپ پەقەت ئۆلۈم جازاسىلا بىرىش. بۇ يەردىكى جىنايەتچىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلسە، شۇ جىنايەتچى ھاياتىنى ئاخرىلاشتۇرىدۇ، دېمەك، ئۇ ئادەم دۇنيادا مەۋجۈت ئەمەس،ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەردە دۆلىتىمىز قانۇنىدا قوشۇمچە يەنە سىياسى ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىنىدۇ، شۇڭا پەقەت ئۆلۈم جازاسى بەرسىلا كۇپايە. بىراق، جىنايەتچى بۇلاقچىلىق، ئوغۇرىلىق، دېگەندەك بىر قىسىم ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىشقا توشمايدىغان، ئەمما جەمىيىەت، دۆلەت ۋە پۇقرالارغا بىرقەدەر ئېغىر زىيان كەلتۇرگەنلەرگە نىسبەتەن، جىنايى قىلمىشىنىىڭ ئېغىر يېنىكلىكىگە ئاساسەن، بۇلاڭچىلىق قىلمىشىغا 10 يىل، ئوغۇرىلىق قىلمىشىغا 3 يىل دەپ بېكىتىپ، يۇقارقى ئىككى جىنايى قىلمىشى ئۈچۈن 12 يىل ھۆكۈم قىلىدىغان ئەھۋال بار. (ۋاختىڭىز بولسا
«جىنايى ئىشلار قانۇنى، جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئىزاھات، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» قاتارلىق كىتاپلارنى كۆرسىڭىز تېخىمۇ ئەتىراپلاپ چۈشەنچىگە ئىگە بولىسىز)
(ئەسكەرتىش: مىسال كەلتۈرگەن جازا ئۆتەش ۋاقتى تەخمىن ئېلىندى، جىنايى قىلمىشىنىڭ ئېغىر يېنىكلىكىگە قاراپ جازا مۇددىتى بېكىتىلىدۇ)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nur65 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-12 02:06 PM