مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: arbabbiz

ئۇيغۇرۇمنىڭ چوڭلىردىن-مۇھەممەد سالىھقا ئاتاپ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107793
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 687
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2014-6-17
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-14 10:15:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئالىمنىڭ سۈرىتىنى ۋە بۇ شېئىرنى كۆرۈپ كۆزلىرىم ياشقا تولدى، چۈنكى بۇ ھۆرمەت ساھىبى دادامنىڭ يېقىنى ئىدى. ئاللاھ تېنىنى سالامەت ،ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن. قەلەم تۇتقان قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92145
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 504
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 221 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-14 11:45:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ زاتنىڭ تېنىنىڭ سالامەت،ھەر كۈنىنىڭ ئامانلىقتا ئۆتىشىگە تىلەكتىمەن.كۆپ تەشەككۈر تېما ئىگىسى.

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2345
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7583
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7699 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-15 12:00:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېرىندىشم قەلەم قۇۋۋىتىڭىزگە ئاپرىن . بىزگە سىزدەك قەلىمى ئۆتكۈر كىشىلەر لازىم .

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78078
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3169
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2012-3-29
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-15 07:48:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسمى  جىسمىغا لايىق  زاتكەن ئاللا  ئۆمرىنى  ئۇزۇن  قىلسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105164
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 616
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2014-3-22
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-15 10:52:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىملار بىزنىڭ پەخرىمىز، ئاللاھ ئالىمىمىزنىڭ ئىلمىنى تېخىمۇ زىيادە قىلغاي...ئامىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2882
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16598
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2543 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-15 11:37:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىمىڭنى تونىۋال ئالەم!
قاراخان
ئون تۆت ئەسىر سۆزلەيدۇ قىسسە،
ئىنسان ،ئىبلىس،شەيتان سىرىنى.
يەتتە ئىقلىم ،ئىرق،ئەل، قىتئە،
بىلىپ -بىلمەي ئۆتتى پىرىنى.
نادان غېمى داناغا غۇسسە،
كىم ياقتۇرسۇن دىلنىڭ كىرىنى.

غاپىللارغا پەقەت جان كېرەك،
ئىمان كېرەك رايىش بەندىگە.
تەڭرى بىزگە بوپتۇ يار يۆلەك،
ياغدى نۇسرەت سۇتۇق قەۋمىگە.
شۇڭا مىڭ يىل ياشاردى يۈرەك،
بوي بەرمىدۇق ئازغۇن تەلۋىگە.

تۆت يۈز يىلچە سۈرگەن سەلتەنەت،
تۇغدى يۈسۈپ ،مەھمۇد دانىشنى.
ئىككى قامۇس،مۇڭ مۇقام سەنئەت،
تۇغدى ھەتتا نەفىس خانىشنى.
لېكىن سالىھ ئوغلى مۇھەممەت،
ئويغاتتى دىل خىيال خاھىشنى.

ئانا تىلدا ئوقۇدۇق كالام،
بىلدۇق كىملىك نىشانىمىزنى.
ئايرىلدى چەك ھالال ۋە ھارام،
ئوڭ قىلدى كىم پىشانىمىزنى.
ئالىم ئۇيغۇر تاپتى ئېھتىرام،
نوقتىلىدۇق شەيتانىمىزنى.

ياخشىلارنىڭ باغچىسى بىنا،
بولدى ئالىم ،ۋارىس قولىدا.
پۈتتى بىزگە مۇقەددەس دۇئا،
بىر تەڭرىنىڭ خالىس يولىدا.
قەدىناستىن بولسىمۇ جۇدا،
يۈرمىدى ئۇ جورا كويىدا.

شۇڭا مىسىر ھەتتا ماراكەش،
دىن سەركىسى دىدى بوۋاينى.
بولدى ئاڭا تاڭغىچە دىلكەش،
كىيدۈرۈپ تون ئاچتى چىراينى.
ئەرەپ شاھى ئۆتكۈزۈپ كېڭەش،
ئاڭا بەردى تۆرنى، ساراينى.

ئون ئالىمنىڭ كۆڭۈل كۆزىدە،
ئايان بولدى دوستانە ئالقىش.
داموللامنىڭ چەندان سۆزىدە،
پاساھەتتە بولدىغۇ ھالقىش.
تەكلىماكان دىدى ئۆزىگە،
نۇر ئوغلىغا مانا مەن بېھىش!

2014-يىلى 10فېۋرال

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106985
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 202
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 132 سائەت
تىزىم: 2014-5-21
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-15 03:58:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىمىمىزنىڭ تىنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە خاتىرجەملىك تىلەيمەن.

ئەركىن مەھبۇس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94118
يازما سانى: 623
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2960
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 775 سائەت
تىزىم: 2013-3-30
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-15 08:37:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىلەر  بۇ تىمىدىمۇ يەنىلا پىدىغداش بىلەن ئاۋارە  ئىكەن    دىسە .   

كۈلمە دۇنيا ! بىزنىڭ بۇ ھالىمىزغا قاراپ كۈلمە !  بىركۈنلەر كىلىىدۇ ، ھەمىمىزنىڭ دىنى ، تىلى،يىزىقى بىر بولغىنىدەك ، دىللىرىمىزمۇ ھەم   بىر  بۇلىدۇ           
باشقىلارنى ئۇنداق بۇنداق دەپ باھا بەرگەنلەر ، ئاۋال ئۈزىڭىزدىن مەن قانداق دەپ سۇراڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54927
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4268
تۆھپە نۇمۇرى: 339
توردا: 981 سائەت
تىزىم: 2011-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-17 11:39:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرندىشىم! مۇھەممەد سالىھ داموللامنى قانچەتەرىپلىسەكمۇ ئازلىققىلىدۇ.
ئاللاھ داموللامنىڭ ئىشلىرىنى ئۇڭۇشلۇق ، تىنىنى سالامەت قىلىشىنى تىلەيمەن . ئامىن !!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94936
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 279
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1010 سائەت
تىزىم: 2013-4-16
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-17 12:09:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«مۇسۇلمانلاردا سان بار، سۈپەت يوق»، مۇشۇ بىر ئېغىز گەپنىمۇ چۈشەنمەيدىغانلار بار ئىكەن. دىن مىللەت دېگەن چوڭ يەردىن چۈشمەي، ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسىنى ئوبدان ئۆگىنىپ كېلىڭ. مۇنبەر كىم نېمىلا دېسە بولىۋىرىدىغان يەر ئەمەس. ئەجەبا، مۇسۇلمانلار ئۇنداق ئەمەسمۇ؟
سىز ئۆزىڭىز مۇسۇلمان بولسىڭىز، ھەرگىزمۇ «ئىسلام ھەقىقەت، شۇڭا مەنمۇ ھەقىقەتچى» دەپ قالماڭ، ماڭغان يولىڭىزنىڭ ئىسلام ياكى ئەمەسلىكىنى بىر ئاللاھ بىلىدۇ.ھەممىمىز مۇسۇلمان، ئەمما قۇرۇق پەخىردىن ھىچنىمەچىقمايدۇ، ئىسلام نامىدا تۈكۈرۈك چاچراتماي، دىننى ئوبدان چۈشىنەيلى، ئوبدان كىتاب ئوقۇيلى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ھەق سۆز مۇشېرىكنىڭ ئېغىزىدىن چىقسىمۇ، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار» دېگەن.  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش