رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالنى تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆزئىچىگەئالىدىغان بولۇپ، 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن.
1.تىجارەت كېنىشكا: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئىتىبارەن يېڭى نۇسخىدىكى تىجارەت كىنىشكىسى تارقىتىلىدۇ.(يەككە تىجارەتچىلەر، دىھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپراتىپلىرى بۇرۇنقى نۇسخىدىكى تىجارەت كېنىشكىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىدۇ،يېڭى نۇسقىدىكى تىجارەت كىېنىشكىسى 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ ئىشلىتىلىدۇ.)
2.رويخەتكەئالدۇرغان كاپىتالى: شىركەتلەرنىڭ كاپىتالىنى رويخەتكە ئېلىشتا ئېتىراپ قىلىپ چىقارغان مەبلىغىنى تىزىملاش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، پايچېكلارنىڭ مەبلەغ سوممىسىنىڭ مىقدارى،مەبلەغ چىقىرىش شەكلى، مەبلەغ چىقىرىش مۇددىتى قاتارلىقلارنى ئۆزى بەلگىلەپ، شىركەت نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈپ، شۇنداقلا مەبلەغ چېقىرىش ئەھۋالىنىڭ ھەقىقىيلىقى، قانۇنلۇقلىقىغا مەسئۇل بولۇشى؛ شىركەتنى تىزىملاش ئىلتىماس قىلغاندا، قانۇن نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلەنگەندىن باشقىلىرى، مەبلەغ تەكشۈرۈش ئىسپاتىنى يوللىمىسىمۇ بولىدىغان بولۇپ، شىركەتلىرىنىڭ رويخەتكەئالدۇرغان كاپىتالىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى، تۇنجى قېتىملىق چىقىرىلغان مەبلىغىنىڭ نىسبىتى، مەبلەغ چىقىرىش مۇددىتى ۋە چىقارغان نەخ پۇل مەبلىغىنىڭ نىسبىتىگە چەك قويۇش قاتارلىقلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.مەبلەغ سوممىسى مەبلەغ چىقىرىش شەكلى،مەبلەغ چىقىرىش ۋاقتى قاتارلىق تەرەپلەردە ئۆزگىرىش بولسا تىزىملىغۇچى ئورگانغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.
3. تۇرۇشلۇق جايى:(تىجارەت سورۇنى) تۇرۇشلۇق ئورنىنى تىزىملاش رەسمىيەتلىرى ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ،ئىلتىماس قىلغۇچى تىجارەت ئورنىنىڭ قانۇنلۇق ئىشلىتىش ئىسپاتىنى تاپشۇرسىلا تىزىمغا ئالىدىغان بولدى. تىجارەت سورۇنى ئىسپاتىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ‹‹بىر ئورۇنداكۆپ تىجارەت كېنىشكىسى›› بولۇشقا يول قويدى.
4.يىللىق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش تۈزۈمى: ئىلگىرىكى ھەريىل 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە يىللىق تەكشۈرۈش ماتىرىيالىنى يوللاشتىن، بازار سۇبيېكىتلىرىنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش سېستىمىسى ئارقىلىق تىزىملاش ئورگىنىغا يىلدا بىر قېتىم يىللىق دوكلاتىنى يوللايدىغان، شۇنداقلا مەزكۇر سېستىمىدا جامائەتچىلىككە ئاشكارىلايدىغان بولۇپ،يازما شەكىلدىكى ماتىرىيالنى تاپشۇرمىسىمۇ بولىدىغان بولدى.
5.تىجارىتى نورمالسىزلار تىزىملىكى ۋە‹‹قارا تىزىملىك›› تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىكەن.
6.ئىتىراپ قىلىپ چىقارغان مەبلەغنى تىزىملاش تۈزۈمى ۋاقتىنچە ئىجرا قىلىنمايدىغان كەسىپلەر:پۇل مۇئامىلە،مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈش، بانكا .ئاكسىيە،سۇغۇرتا، قەرەللىك مال،بىۋاستە سېتىش،ئەمگەك مۇلازىمىتى يەتكۈزۈش، پۇل فوندى باشقۇرۇش قاتارلىقلار
‹‹رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالنى تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ سىىياسەت ئىزاھات ئوقۇشلىقى››دىن قىسقارتىپ ئېلىندى.تەييارلىغۇچى بىلوگ:http://www.xjiqbal.com
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nuri24 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-14 02:51 PM