مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: kashgari

رامىزان تۇتۇشنىڭ مەقسەتلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2902
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16672
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2565 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 11:42:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رامىزاندىكى ئىپتىخار
قاراخان
بىر مۆچەل يېشىڭدا يېنىغا تارتقان،
ئىسلامنىڭ تۈۋرۈگى قۇتلۇق رامىزان.
پەرز ۋە سۈننەتنى نەپسىگە ئارتقان،
بولغان ھەر مۆمىنگە  ئوچۇق ئىمتىھان.

پەزىلەت خىسلەتتە مىڭ ئاي خىجىلدۇر،
دەسلەپكى ئون كۈنى ئىلاھى رەھمەت.
ئائىلە ،ھەقەمساي ،ئەل-يۇرت ئىجىلدۇر،
كېيىنكى ئون كۈنى رىسقىڭغا بەرىكەت.

سەبرەڭنىڭ قاچىسى تاشمايدۇ ئۇندا،
ئېغىرلىق -راخمانلىق تاپقىن كامالەت.
يوق ئەرك كېبىرلىك شەيتان مەلئۇندا.
ئاخىرقى ئون كۈن ئۇ- بىزگە مەخپىرەت.

تۇتقان ۋە تۇتمىغان قەلبلەردە ھېيت،
ئۈممەت نە مىللەتمۇ  بىر تەن بىر پىلەك.
سېنىڭدە مۇجەسسەم ئالەمچە بەخت،
گۈزەللىك،مۇھەببەت  قوزغايدۇ ئىستەك.

ئابروينى قوشۇپ يەپ كۆنگەن كۆڭۈللەر،
ئاش كەلسە ئىماننى ئېلىپ قاچالماس.
كۆزلەردىن يوقالدى رەشىك تۈگۈنلەر،
دىل يورۇپ كۈنسېرى بولدۇق قەدىناس.

ھاللىق ۋە يوقسۇزغا تەسكىن ئىپتىخار،
بەردىڭغۇ ھەتتاكى ئۆلۈككە ئارام.
سۈبھى- تاڭ ،خەيرگە بولدى دىلخۇمار،
ھېيتگاھ ،ھەرەمدە ساڭا ئېھتىرام.

ئايرىلىش بەك قىيىن سېغىنىش ئاندىن،
ھەر يىلى بالدۇر كەل غېرىپلىق يامان.
كىم تاپتى سەن كەبى سۆيگۈ جاھاندىن،
بىزگە قول،يول بەرگەن شەھرى رامىزان!

2013-يىلى 27-ئىيۇل

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qaraxani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-22 11:42 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99346
يازما سانى: 457
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 691
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 466 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-14 02:21:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئىنچىكىلىك بىلەن تەپسىلىي يېزىلىپتۇ، ئاللا تىنىڭىزنى سالامەت ، ئشلىرىڭىزنى ئاسان ، ئىلمىڭىزنى تېخىمۇ  زىيادە قىلسۇن .
« ئەگەر ئاللاھ بىرسىگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇ كىشىنى دىندا ئالىم قىلىدۇ»

قەبرىسىگە ئۇزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالماي كىرگەن كىشى كىمىسىز دېڭىزغاكىرگەن كىشىگە ئوخشاش .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش