ھۆ-تاڭ يوللىغان ۋاقتى 2014-7-18 12:24 AM
خۇدايىم توۋا ، ئۇيغۇر يېزىقى قانداقسىگە 2 خىل بۇلىدۇ؟ ...
بەك كۈچەپ كەتتىڭىزمۇ قانداق ؟ بۇ يەردە ھىچقاچان يېزىق ئالماشتۇرۇشنىڭ گېپى يوق .. پەقەت كومپىيوتېر ۋە ئېلكترون دېتاللىرىدا قوللىنىدىغان لاتىنچە (پىنيىنچە دەپمۇ تۇرايلى) ھەرپلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش .
مەسىلەن مەن ئاكامغا بىر ئالما ماركىلىق يانفۇن سوۋغا قىلدىم ، ئۇ خەنزۇچە بىلمەيدۇ ، تېلىفۇنغا ئۇيغۇرچە يېزىق قاچىلاشنى تېخى بىلمەيدۇ ، ئۇ ماڭا ئۇچۇر يازسا ئەلۋەتتە لاتىنچە ھەرپلەر بىلەن يازىدىغان گەپ ، ئۇ ماڭا kasam دەپ ئۇچۇر قىلسا مەن ئۇنى كاسام(قوڭۇم) دەپ ئوقۇمدىم ياكى كەسەم(كەلسەم) مۇ ياكى قەسەم دەپمۇ ؟
دېمەك بۇ يەردە بۇ ھەرپلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇتلەق زۆرۈر . بۇنى نۇرغۇن تەتقىقاتچىلىرىمىز تەتقىق قىلىپ يىغىن ئېچىپ مۇزاكىرە قىلىپ ئاندىن يولغا قويغان ، سىز ئۇلارنى ساراڭ چاغلاپ ئۆزىڭىزنى قالتىس چاغلايدىكەنسىز ، خۇددى يېرىم چىلەك سۇ بەك شالداقشىغاندەك