sayibakiz يوللىغان ۋاقتى 2014-7-18 06:49 PM
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ياخشىمۇسىز؟
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! ...
ئۇشبۇ ئەسىرىڭىزنى خىلى بۇرۇنلا كۆرگەن ئىدىم، داۋامى يوق ئەسەرنى ئوقۇش بىلەن خوشۇمنىڭ يوقلىقى سەۋەبلىك ئەسىرىڭىزنى ئوقۇمىغان ئىدىم،لىكىن قارسام ئەسىرىڭىزنىڭ بىر چىن رىئاللىقنى سۆزلىگەنلىكىنى ھېس قىلىپ سىز داۋامىنى يوللاپ بولغۇچە ئىز قوغلاپ تۇردۇم،تورغا چىقساملا قاراپ باقىتىم،چۇنكى مەن جەمىيتىمىزدىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش چىن مەسىلىلەرگە بەك قىزىقىمەن،ھەم قانداق بولغاندۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن. مەن ئۆزۈمنىڭ جەمىيەتشۇناسلىققا قىزىقامنى بەك بىلىپ كېتىپ بولالمىغان بولساممۇ لىكىن تۇرمۇش بىلىملىرىگە قىزىقىمەن،تەجىربە توپلايمەن.
ئەمدى ئەسىرىڭىزگە كەلسەم قاراڭ ئەدەبىياتلىق جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتسام تىلى بەك راۋان بوپتۇ ،ھەم بەك تەپسىلى.بۇنىڭدىن باشقا تەكلىپ بېرىشكە ئامالسىزمەن،بىلىمىم يىتەرلىك ئەمەس توغرا چۈشىنىڭ ھە
لىكىن يولدىشىڭىزنىڭ ھازىر قانداقلىقىغا قىزىقىپ قالدىم.ھامىنى ھەقىقىي ئەھۋالنى دېگەنكىن ئاخىرغىچە دەپ بېرشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن رەھمەت!ئەگەر دېگىڭىز كەلمىسە قىسقا ئۇچۇر قىلسىڭىمۇ بولىدۇ.