مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: bojanqak

يىتىم قىزنىڭ بەختى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101974
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1182
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 513 سائەت
تىزىم: 2014-1-8
ئاخىرقى: 2014-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 07:08:55 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musilina يوللىغان ۋاقتى  2014-7-23 03:19 PM
ياخشى چىقىۋاتىدۇ....

داۋاملاشتۇرىۋېرىڭ....

Tilfunum  buzulup   kelip  uygurqa  baskili  bolmaywatidu.....alla   halisa  ogxap  bolsamla  dawamini  yeziwitiman.....togra  quxangan  bolsaglar  doslar....

بىر قاراشتا ھەممە خاتىرجەم،
ئەمما باردۇر دەردى ئىچىدە.
كۈلۈپ يۈرگەن بىلەن كۈندۈزى،
يىغلىمايدۇ كىملەر كىچىدە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101974
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1182
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 513 سائەت
تىزىم: 2014-1-8
ئاخىرقى: 2014-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 07:09:34 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sahiba33 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-23 02:11 PM
تۇنجى يېزىشىڭىز بولسا راسىتلا ياخىشى يېزىپسىز جۇمۇ!

Rahmat...

بىر قاراشتا ھەممە خاتىرجەم،
ئەمما باردۇر دەردى ئىچىدە.
كۈلۈپ يۈرگەن بىلەن كۈندۈزى،
يىغلىمايدۇ كىملەر كىچىدە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103683
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 164
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 11:20:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101974
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1182
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 513 سائەت
تىزىم: 2014-1-8
ئاخىرقى: 2014-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-24 05:45:22 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
4- باپ  يىتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە بۇرنى قاناپتۇ...


سۈمەييە 2- يىللىققا چىققان چاغلىرىدا سۈمەييەنىڭ ئۆگەي ئاپىسى بىر ئوغۇل تۇغدى، بۇ ئوغۇلنىڭ تۇغىلىشى بىلەن سۈمەييەنىڭ مەكتەپ ھاياتىغا تولۇق خاتىمە بېرىلدى ،چۈنكى، ئۇنىڭ ئەمدىكى ۋەزىپىسىنىڭ ئۇكىسىغا قاراش بولىدىغانلىقى ئېنىقلا. ئۇ مەكتەپتىن چىقىرىۋېلىنغاندىن كىيىن ئائىلىدە ئۇكىسىنى باقتى، زۆرۈرى كېلىپ قالغاندا،ئائىلە ئىشلىرىنىمۇ قىلدى، بۇ جەريانلاردا ئۆيدە سۈمەييە توغۇرلۇق ئۇششاق-چۈششەك خاپىلىقلار يۈز بېرىۋەرگەچكە، ھەمزىنىڭ چوڭ سىڭلىسى سۈمەييەنى يېنىغا ئەكەتتى، سۈمەييە ئۇ ئۆيدە بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، يەنە ئۆزىنىڭ ئۆيىگە قايتۇرۇپ كېلىندى، ئەلۋەتتە ئۇكىسىغا قاراش ئۈچۈن....
كۈنلەردە ھېچبىر يېڭىلىق يوق بىر خىل رىتىمدا كېتىپ باراتتى، بۇ جەريانلاردا سۈمەييەنىڭ ئىككىنجى ئۇكىسىمۇ تۇغۇلدى. سۈمەييە 12 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان چاغلاردا ، ھەمزىنىڭ ئاچىسى سۈمەييەنى ئۆزىنىڭ يېنىغا ئەكەتتى، مانا يىتىم قىزنىڭ ھاياتى، ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك 12 ياشقا كىرگۈچە بىچارە سۈمەييە نەچچە ئۆيگە ئالمىشىپ يۈردى، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ ئاجراشمىغان بولسا ئۇمۇ باشقا بالىلاردەك ئانا مېھرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ ياشىغان، ئۇمۇ ھەم ھەر قانداق كىچىك بالىلار ئېرىشىكە تىگىشلىك بولغان ئەركىلىتىشلەردىن، ئەتىۋارلىنىشتىن بەھرىمان بولغان ھالدا چوڭ بولار بولغىيتى ھە! لېكىن ئامال قانچە؟ بۇ قىزنىڭ تەقدىرىگە پۈتۈلگەن قىسمەت مۇشۇ بولسا كېرەك، 12 ياشقا كىرگۈچىلىك يىتىملىك كوچىسىدا يۈرۈپ نۇرغۇنلىغان خورلۇقلارنى تارتتى، ئۇنى ھىمايە قىلىدىغان،  ئۇنىڭغا كۆيىنىدىغان ئادەم بار دېيىلسە، ئۇ ياراتقۇچى ئاللاھتىن قالسىلا، تۇخان ئانا بىلەن ئەزەلدىن ئەسىرىمىزدە تىلغا ئېلىنماي كەلگەن ھەمزىنىڭ كىچىك سىڭلىسى ئىدى. ھەمزىنىڭ سىڭلىسىنىڭ سۈمەييەدىن نەچچە ياش كىچىك ئىككى قىزى بولۇپ، سۈمەييەنى شۇ قىزلىرىنىڭ قاتارىدا كۆرۈپ،  ئۇنىڭغا قولىدىن كەلگەن ياخشىلىقلارنى قىلاتتى. پەقەت مۇشۇ ئىككى ئىنسانلا ئۇنىڭغا ھەقىقى، مىننەتسىز كۆيۈنەتتى....
مانا ئەمدى سۈمەييەنىڭ ھاممىسىنىڭ ئۆيىدىكى ھاياتى باشلىنىپ كەتتى، ھەمزىنىڭ بۇ ئاچىسى دوختۇر بولغاچ، كۈندۈزى سىرىتقا ئىشىنى قىلغىلى چىكەتسە، كەچ بولغاندا ئاران دىگۈدەك بىكار بولاتتى، سۈمەييەنىڭ بۇ ھاممىسىنىڭ ئۈچلا ئوغلى بار، قىزى يوق بولغانلىقى سەۋەبلىك، ئۆينىڭ ئېغىر يىنىك ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى سۈمەييەگە قاراشلىق ئىدى، ئۇ كىر يۇياتتى، ئۆيلەرنى تازلايتتى، تاماق ئىتەتتى، ئىشقىلىپ خېلى چوڭ بولۇپ قالغان ئەتىۋارلىق قىزلارمۇ قىلالمايدىغان ئائىلە ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى سۈمەييە قىلالايتتى، يىتىملىك ئۇنى مۇشۇنداق پۇشۇرىۋەتكەن بولسا كېرەك، لېكىن سۈمەييە گەرچە مۇقىم بىر ئۆيدە تۇرالمىغان بولسىمۇ، قىزلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ھايا، ئەدەپ-ئەخلاقنى ئۆزىدە يىتىلدۈرگەنىدى، چوڭلارنى ھۆرمەتلەشنى، كىچىكلەرنى ئىززەتلەشنى بىلەتتى، سۈمەييەنىڭ بۇ ئۆيدىكى نەۋرە ئاكىسىنىڭ ھەممىسى مەكتەپتە ئوقۇيتتى، ئىچى پۇشۇپ قالسا سۈمەييەنى تىرىكتۈرۈپ ئوينايدىغان بۇ ئوغۇللار،  كۆرۈنۈشتە سۈمەييەگە سەل قوپالراق مۇئامىلە قىلغىنى بىلەن، يەنىلا بۇ دىلى سۇنۇق سىڭلىسىنى خورلىمايتتى، ئېغىر ئىشلار بولسا قىلىشىپ بېرەتتى، قىززىقچىلىق قىلىپ ئۇنى كۈلدۈرەتتى، سۈمەييەنىڭ شۇ ئۆيدە تۇرۇش جەريانىدا ئاكىلىرى بىلەن ئوتتۇرسىدا يۈز بەرگەن بىر قىزىقارلىق ئىش ھېلىھەم ئېسىدىن چىقمايدۇ. ئەسلى ئىش مۇنداق: سۈمەييەنىڭ ئوتتۇرانچى نەۋرە ئاكىسى بىلەن كىچىك نەۋرە ئاكىسىنىڭ يۈزىنى بەك تەمرەتكە بېسىپ كېتىدۇ، سۈمەييە ئۇ نەۋرە ئاكىلىرىغا يۈزۈڭلارغا ئۈجمە سۈرتسەڭلار تەمرەتكە  يوقايدۇ دېسە، بۇ ئىككى ئەقىللىقلار مەكتەپتىن يېنىپ كېلەشىدە يول ئۈستىدىكى بىر قارا ئۈجمە پىشىدىغان دەرەخكە يامىشىپ،  ئاۋال ئۈجمىدىن راسا قانغۇدەك يەۋېلىپ، كەينىدىن ئۇ قارا ئۈجمىلەرنى يۈزىگە سۇۋاشقا باشلايدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇ ئىككىسىنىڭ تۇرقى تولىمۇ كۈلكىلىك بولۇپ قالغان بولۇپ،  بۇ ئىككىسى ئۈزىگە غەلبىلىك ھالدا《 داۋالاش》ئېلىپ بېرىپ بولغاندىن كىيىن، يولدا شەرەپ بىلەن كىتىپ بارسا، ئالدىغا دادىسى ئۇچرايدۇ ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ 《ئۇماق》 تۇرقىنى كۆرۈپ، غەزىپىنى باسالماي يول ئۈستىدىلا بۇ ئىككى ئەقىللىق يىشۇلارنى ئەدەپلەپ كېتىدۇ ۋە ئىككىسىنى موتسىكىلىتقا مىندۈرۈپ ئۆيگە ياندۇرۇپ ئەكىلىدۇ، دادىسىدىن تاياق يەپ راسا ئاچچىقى كەلگەن نەۋرە ئاكىلىرى ئۆيگە كىرىپلا ئۇنى سوتلاپ كېتىدۇ.
_ ھېي، سەن بىزگە يۈزۈڭلارغا ئۈجمە سۈرتسەڭلار تەمرەتكە يوقايدۇ دېگەنغۇ! سېنىڭ گىپىڭگە كىرىپ دادىمىزدىن بىر مۇنچە تاياق يەۋالدۇق مانا!
سۈمەييە بۇ ئىككىسىنىڭ تۇرقىغا قاراپ كۈلكىدىن ئۆزىنى ئاران توختىتىپ تۇرۇپ:
مەن سىلەرگە قارا ئۈجمە سۈرتسەڭلار دېگەندەك قىلمىغانغۇ؟ ئاق ئۈجمە سۈرتسەڭلار بولمامتى؟ ھا ھا ھا .. سۈمەييە ئاخىر ئۆزىنى تۇتۇۋالمالماي كۈلۈپ كەتتى.
_ بۇ..سەن... نەۋرە ئاكىلىرى نېمە دىيىشىنى ئۇقالماي قىزىرىپ،  تاتىرىپ تۇرۇپ قېلىشتى..
بۇ يەردە بۇ ئىشنى تىلغا ئېلىشىمنىڭ سەۋەبى شۇكى، سۈمەييە ئېغىر ئىشلارنى قىلىپ ھېرىپ كەتكەندە، ئاكىلىرىنىڭ مۇشۇنداق قىزىقارلىق قىلىقلىرىنى كۆرۈپ ھاردۇقى چىقىپ قالاتتى، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئاچچىق ۋە تاتلىق قىسمەتلەرگە تولغان تارىخى بولغىنىدەك، سۈمەييەنىڭمۇ ئەگرى-توقايلىققا تولغان بۇ تۇرمۇشىدا، كېيىنچە سۈمەييە كۈلۈپ تۇرۇپ ئەسلەيدىغان مۇشۇنداق قىزىقارلىق تۇرمۇش كارتىنىلىرىمۇ بولغان ئىدى.ھەش-پەش دىگۈچە ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپ سۈمەييە 14 ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا، سۈمەييە يەنە ئائىلىسىگە قايتىپ كەلدى، بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئۇكىلىرى ئۈچ بوپ بولغان ئىدى، ئەمدى ئۇ ئائىلە ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسدىن تولۇق چىقالايدىغان بولغاچقا،  دادىسى بىلەن ئۆگەي ئاپىسى سىرتقا مېھماندارچىلىققا كەتكەن ۋاقىتلاردا ئۇكىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى، ئۇ نىڭ خوشال بولىدىغان يېرى شۇكى، ئۇ ئەمدى سۈيۈملۈك مومىسى تۇخان ئانا بىلەن بىللە تۇرالايتتى، چۈنكى ھەمزىنىڭ ئۆيى بىلەن چوڭ ئۆي تام خوشنا بولۇپ، خالىغان ۋاقىتتا كىرىپ چىقالايتتى، مومىسى بىلەن ئەسرارلىشاتتى، دەردىنىمۇ شۇ مومىسىغا تۆكەتتى، ھېسابتا تۇخان ئانا سۈمەييەنىڭ ئانىسىنىڭ ئورنىدىكى بىر دىلكىشى ئىدى، شۇ تەرىقىدە ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتۈپ كەتتى، بۇ جەريانلاردا سۈمەييە ياز ۋاقتى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە تۇرسا، قىش ۋاقتى دادىسىنىڭ كىچىك سىڭلىسىنىڭ ئۆيىدە تۇردى، ئۇ ئاشۇ كىچىك ئاپىسىنىڭ ئۆيىدىلا ئۆزىنىڭ ئۆيىدىنمۇ بەكراق ئەركىن تۇراتتى، سۈمەييەنىڭ كىچىك ئاپىسىنىڭ يولدىشىمۇ، قولى ئوچۇق ئادەم بولغاچقا سۈمەييەنى تۇرمۇش خىراجەتلىرىدىن قىسمايتى، ئىشقىلىپ سۈمەييەنىڭ بۇ ئۆيدىكى ھاياىتنى خېلى بەختلىك دېيىشكە بولاتتى...
ھەي...نىمە دەيمىز؟ تۇرمۇشنىڭ ئەگرى-توقايلىققا تولغان شۇ قىسمەتلىرىدىن ئاغرىنايلىمۇ؟ ياكى بۇ يىتىم قىزنىڭ تەقدىرىگە ئېچىنايلىمۇ؟ ياكى ئۇنىڭ ئازراق مەزگىللىك خوشاللىققا ئېرىشسىلا يەنە كەينىدىن ئۇنى بىر خاپىلىقنىڭ كۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىغا قاراپ، ھايات دىگەن مۇشۇ بولسا كېرەك دەيلىمۇ؟ ۋە ياكى....
سۈمەييە 17 ياشقا كىرگەن شۇ يىلى ئۇ ھاياتىدا چوڭ بىر يوقىتىشقا دۇچ كەلدى، ئۇ يىغلىدى، ئىچ-ئىچىدىن تۆكۈلۈپ يىغلىدى، ئاللاھقا نالە قىلىپ قاتتىق يىغلىدى، بەلكىم سۈمەييە ھاياتىدا شۇ كۈننى  بىر ئۆمۈر ئۇنتالماسلىقى مۇمكىن...بىر ئۆمۈر....

داۋامى  بار....

ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇنچىلىك يوللىدىم..توغرا  چۈشەنسەڭلار..ئەسىرىمنى ياقتۇرۇپ ئوقۇۋاتقان تورداشلارغا رەھمەت ئېيتىمەن..ئەسەردىكى خاتالىق يۈز بەرگەن جايلار بولسا  كۆرسىتىپ  بەرسەڭلار... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bojanqak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-24 05:53 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100776
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1571
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2013-12-12
ئاخىرقى: 2014-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-24 08:04:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەدەممۇ قەدەم مۇكەممەل چىقىۋاتىدۇ،تېخىمۇ تىرىشىڭ سىڭلىم،بارغانسىرى پىشىپ يىتىلۋاتىسىز.

مەن 17ياش ۋاختىمدا سىزچىلىكمۇ يازالمايتتىم..ھىس قىلىشىمچە ئەسەردىكى سۈمەييە سىزكەنسىزدە،ياش پەرقىمۇ چوڭ ئەمەسكەن...

شۇنداق قىززىقىپ كۆرىۋاتسام تۇيۇقسىز تۈگەپ كەتتى،ئەسەرگە قانماي ئىككى قېتىم ئوقۇۋەتتىم،،،

داۋامىنى قانداق چاغدا يازىسىز بىر شەپە بىرۋەتكەن بولسىڭىز.

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3490
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32319
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3727 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2014-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-24 08:12:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ياخشى داۋاملىشىۋىتىپتۇ ، ئاخىرىنى تىزرەك يوللىۋىتەرسىز

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101974
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1182
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 513 سائەت
تىزىم: 2014-1-8
ئاخىرقى: 2014-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-24 08:43:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەردىكى  سۈمەييە  مېنىڭ  يېقىن  بىر  تونۇشۇم...مەن  ئەمەس...ئاللا  خالىسا  باشقا  ئىشىم  چىقىپ  قالمىسىلا  ھېلىغىچە  بىرەر  باب  يوللايمەن...قوللىغنىڭلارغا  رەھمەت..

بىر قاراشتا ھەممە خاتىرجەم،
ئەمما باردۇر دەردى ئىچىدە.
كۈلۈپ يۈرگەن بىلەن كۈندۈزى،
يىغلىمايدۇ كىملەر كىچىدە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101974
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1182
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 513 سائەت
تىزىم: 2014-1-8
ئاخىرقى: 2014-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-24 08:43:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazila998 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-24 08:12 PM
ياخشى داۋاملىشىۋىتىپتۇ ، ئاخىرىنى تىزرەك يوللىۋىتەر ...

ئاللا  خالىسا  ساقلاتمايمەن...

بىر قاراشتا ھەممە خاتىرجەم،
ئەمما باردۇر دەردى ئىچىدە.
كۈلۈپ يۈرگەن بىلەن كۈندۈزى،
يىغلىمايدۇ كىملەر كىچىدە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101974
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1182
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 513 سائەت
تىزىم: 2014-1-8
ئاخىرقى: 2014-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-24 08:43:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazila998 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-24 08:12 PM
ياخشى داۋاملىشىۋىتىپتۇ ، ئاخىرىنى تىزرەك يوللىۋىتەر ...

ئاللا  خالىسا  ساقلاتمايمەن...

بىر قاراشتا ھەممە خاتىرجەم،
ئەمما باردۇر دەردى ئىچىدە.
كۈلۈپ يۈرگەن بىلەن كۈندۈزى،
يىغلىمايدۇ كىملەر كىچىدە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101974
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1182
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 513 سائەت
تىزىم: 2014-1-8
ئاخىرقى: 2014-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-24 11:55:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
5- باپ  ئازاپلىق كۈنلەر


ئېھ ھايات! ئېھ دۇنيا! كىملەرگە خوشاللىق ئېلىپ كەلدىڭ؟ كىملەرنى قان-زار يىغلاتتىڭ؟ كىملەرنى ئۆز قوينۇڭدا ئۇزۇن يىل ھاياتلىقتىن بەھرىمان قىلغان بولساڭ، يەنە كىملەرنى ئۇ دۇنياغا ئۇزاتتىڭ؟
دۇنياغا ئىنسان بولۇپ تۆرەلدۇق، بۇ دۇنيا بىزگە مەڭگۈلۈك ئەمەسكەن، كېتىپ قالىدىكەنمىز، بىزنى ئەزىز بىلگەنلەرنى، بىزنى ياخشى كۆرگەنلەرنى ۋە شۇنداقلا بىزگە ئۆچلۈك قىلغانلارنى ھەم تاشلاپ قويۇپ كېتىپ قالىدىكەنمىز.
        
                         ئەمەسكەن بۇ دۇنيا بىزگە مەڭگۈلۈك،
                         كەپتىمىز دۇنياغا بىز مېھمان بولۇپ.
                         قالدۇرۇپ بىزلەرنى ئېغىر ھەسرەتتە،
                       ئەزىز دوست-يارەنلەر كەتتى كۆز يۇمۇپ.


ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان ئىسسىق-سوغاقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، ياخشىغا يېقىن بولۇپ، ياماندىن يىراق تۇرغان، يىتىم-يىسىرلەرنىڭ بېشىنى سىلاپ، تۆت كۈنلۈك ئالەمدە كىشىلەرگە ئازار بېرىشتىن يىراق بولغان مېھرىبان موماي تۇخان ئانا ھاياتلىق سەپىرىنىڭ 70- يىلىغا قەدەم قويغاندا كېسەل سەۋەبى بىلەن يورۇق دۇنيادىن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى. بۇ مۇسىبەت سۈمەييەگە شۇنچىلىك ئېغىر زەربە بولدىكى، ئۇ خۇدىنى يوقىتىپ قويغىلى تاس قالدى، مومىسىنىڭ ۋاپاتى ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇنچىلىك چوڭ يوقىتىش بولغانىدى، چۈنكى موماي بىر ئاللاھتىن قالسىلا سۈمەييەنى ئەڭ ھىمايە قىلىدىغان ھىمايىچى ئىدى، لېكىن ئەمدى ئۇ ئايرىلدى، ھىمايىچىسىدىن ئايرىلدى، ئىچ-سىرىنى ئېيتىدىغان دىلكىشىدىن ئايرىلدى، ئۇ يىغلىدى، ئاللاھقا يالۋۇرۇپ نالە قىلدى، بىراق، كەتكەننىڭ كەينىدىن تەڭ كەتكىلى بولمايدۇ-دە!

                         قاناتتىن ئايرىلغان تەنھا قۇش كەبى،
                       قالدىڭ سەن غېرىپ بوپ ئەي ناتىۋان.
                      سەبىر قىل شۇنداقكەن ھايات قىسمىتى،
                       بۇ دۇنيا سىناقلار ئۈستىگە يارالغان.

تۇخان ئانا كەتتى، بالىلىرىغا، نەۋرىلىرىگە، ئۇرۇغ-تۇغقان، دوس-يارەنلەرگە، شۇنداقلا غېرىپ نەۋرىسى سۈمەييەگە قىيمىغان ھالدا كەتتى، ئۇنىڭ نەۋرىسىنىڭ تويىنى كۆرگۈسى بار ئىدى، شۇ يىتىم بولغان نەۋرىسىنىڭ بەختىنى كۆرگۈسى بار ئىدى، ئەپسۇسكى، مومايغا نىسىپ بولمىدى، ئەجەل كەلگەندە ئۇنى بىر-ئىككى مىنۇت ئىلگىرى كېيىن قىلىش بىز بەندىلەرنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ ئەلۋەتتە.
موماي كېتىش ئالدىدا سۈمەييەنى كىچىك قىزىغا يەنى ھەمزىنىڭ كىچىك سىڭلىسىغا ۋە ئۇنىڭ ئېرىغا ھاۋالە قىلدى،بەلكىم ئوقۇرمەنلەر نېمىشقا؟ سۈمەييەنىڭ دادىسى بار تۇرسا؟ نېمىشقا سۈمەييەنى دادىسىنىڭ سىڭلىسىغا ھاۋالە قىلىدۇ؟ دېيىشى مۇمكىن، چۈنكى سۈمەييەگە ھەمزىدىن بەكراق، ھەمزىنىڭ سىڭلىسى كۆيىنەتتى، تۇخان ئانىدىن قالسا، سۈمەييەنى بىردىنبىر ھىمايە قىلالايدىغان كىشى شۇ ئىدى، تۇخان ئانا بۇنى بىلگەچكە، سۈمەييەنى شۇ كىچىك قىزىغا تاپشۇردى.
تۇخان ئانىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرى بىرەر قۇر بېسىققاندىن كېيىن، قالغان بالىلارمۇ ئاستا ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىشقا باشلىدى، سۈمەييەمۇ ئەمدى بۇ ئۆيدە تۇرالمايتى، چۈنكى،  تۇخان ئانا بۇ ئۆيدە كىچىك ئوغلى بىلەن بىللە تۇرغانلىقى ئۈچۈن، تۇخان ئانىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، بويىغا يىتىپ قالغان سۈمەييەگە نىسبەتەن، بۇ ياش ئەر-ئاياللار بىلەن بىللە تۇرۇش تازا بەك ياخشى ئىش ئەمەستى، سۈمەييەنىڭ تاغىسىغۇ ئۇنداق ئەسكى يىگىتلەردىن ئەمەس، شۇنداقتىمۇ سۈمەييە ئۆزىنىڭ ئۆيىگە چىكىتىشى لازىم.
سۈمەييە 18 ياشقا كىرگۈچىلىك بولغان ئارلىقنى دادىسنىڭ ئۆيى بىلەن، ھاممىسنىڭ ئۆيىنىڭ ئوتتۇرسىدا ئۆتكۈزدى، 18 ياشقا توشقان بۈگۈنكى كۈندە بولسا، ئۇ ئىككىلى ئائىلىدىن ئايرىلىدىغاندەك قىلاتتى، چۈنكى قانىتى يىتىلگەن بۇ قۇش ئۇچۇرۇم بولۇش ئالدىدا تۇراتتى...

داۋامى بار....

بىر قاراشتا ھەممە خاتىرجەم،
ئەمما باردۇر دەردى ئىچىدە.
كۈلۈپ يۈرگەن بىلەن كۈندۈزى،
يىغلىمايدۇ كىملەر كىچىدە.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش