مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: KOMUX

غىرىپ ئانا ۋە تاكسى شوپىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91880
يازما سانى: 1431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8461
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 845 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-26 04:12:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |




ماڭا بىر نەچچە قىتىم ئۇچرۇغان مۇنداق ئىش . بىراق ئىچىدىكى ئىككىسىنى لوگىيكىلىق تەھلىل ئارقىلىق تۇرمۇشتا نورمال ئىش دەپ ئويلىدىم . لىكىن بىر ئىشنى مانا ھازىرغىچە ئەقلىمگە سىغدۇرالمايمەن .

    ھىكايەت
    .... مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ  بولۇپ ئارىدىن بىر نچچە ئاي ئۆتكەندە يىقىن ئۆتىدىغان بىر ئاغىنەم كەپتۇ مىنى ئىزدەپ. ئاداش ئۈرۈمچى-ئۈرۈمچى دەيدىكەن  بىر بىرىپ باقمايمىزمۇ دەپ . مىنىڭمۇ ئوتتەك بارغۇم كىلىپ باردىغان بولدۇق .  يىنىمدا كۆپ پۇلمۇ يوق ئانامغا دەي دىسەم ئەقلىمگە كىلىپ ئانامدىن بەش موچەن ئىلىپ باقماپتىمەن . ھەممۇ ئاناممۇ بەش موچەن پۇلنى تەڭلەپ ماۋۇ ھىيتلىق ياكى يىنىڭغا سەپ قوي سەن ئوغۇل بالا لازىم بولىدۇ دەپ بىرپمۇ باقمىغانلىقتىن . قاراپ تۇرۇپ ئالىدىدا ئوغۇللارغا خاس بىر خىل بوينى قاتتقلىق بىلەن شۇ ئازغىنە پۇل بىلەن ئۈرۈمچىگە چۈشتۇق . ئۈرۈمچىدە مەندىن بۇرۇن چىقىپ كەتكىلى نەچچە يىل بولغان ئاكام بولدىغان ئارىمزىدا ئانچە مىھرى يوق بولغاچقىمۇ تېلفۇن قىلسا ھە ئاكام باركەن دەيىتتىم . بولمىسا ئۇ ئاكام ئىسىمگىمۇ كەلمەيىتتى . ئۈرۈمچىنىڭ ھازىرقى شەنشىخاڭزا ئەتىراپىدا ئايلىنىپ كىتىۋاتساق توساتتىن ئاكام ئۇچۇراپ قالدى . ئازىراق سالام-سائەتتىن كىيىن  ئۆزىچە كايىپ . نىمە دەپ كەلدىڭ ؟ -سەن يىنىپ كەلسەڭ ئانام ئىغر-يىنىك ئىشلاردا قانداق قىلىدۇ دەپ سۆزلەپلا كەتتى . ئويلىدىمكى تۆۋە . ئانامغا بولغان كۆينىشىڭدىن دىگەن بۇ سۆزلىرىڭنى نىمە دەپ چۈشىنەي ئەمدى . كۆيشىڭ بار ئادەم ھەجەپ شۇنچە يىللاردىن بىرى ئانا ماۋۇ تاپقىنمكەن تۇتىڭا ماۋۇ 10 يۈۋەن دىمەيسەن . ئەمدى بۇ سۆزڭنى قانداق چۈشىنەي . دەپ ئويلىدىم . شۇ ئارىدا كۆڭلۈمگە نۇرغۇن گەپ كەلدى !-قويە كۆرشۈپلا  كۆڭۈل ئازارلاشمايلى دەپ پوق يەپمۇ كىلەرمىدىم دەپ ئويلىدىم . شۇ ئارىدا نىمە دەيدۇ ؟- بوپتۇ كەپسىلە ئەمدى . ئەتە-ئۆگۈن ئىككى كۈن كۆرگۈدەك يەرنى كۆرۈۋىلىپ كىتىڭلار ئانام قىيلىنىپ قالىدۇ دىمەسمۇ ! تىك تۈرمەن لىكىن ئىچ ئەزالىرىم سوغۇرلۇپ چىقىۋاتقاندەك بىر ئاچچىق ئەزالىرىمغا تاراپلا كەتتى . رەسمىيەت يۈزىسىدىن ئاخشىمى ئىجارە ئۆيسىدە بىر كىچە قونۇپ ئەتىسى ئاكامغا ئۇقتۇرماي چىقىپ كىتىپ بازار ئايلىنىش جەرياندا  نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆتۈرمە تىجارەت قىلۋاتقىنى كۆرۈپ . توختا مۇشۇ تىجارەتنىڭ پايدىسى بولمىسا شۇنچە بىجىرىم ، قەددى-قامىتى كىلىشكەن  ئادەملەر  قىپ كەتمەستى مەنمۇ قىپ باقايمۇ يا دەپ . بىر ئاداشتىن مالنى نەدىن ئالىسلەر دەپ سورسام . چاڭجاڭلۇ توپ تارقىتىش بازىردىن دىدى . شۇ يەرنى ئىزدەپ-سوراپ يۈرۈپ تىپىپ . مەكتەپتە ئوقۇش جارياندا تىكىمچىلىك قىلدىغان نەۋرە ئاكام بولدىغان ،  شۇ  ئاكامنىڭ دۇكىنىدا تىكىمچىلىكنى راۋۋۇس ئۈگىنۋالغان بولغاچ . رەختلەرنىڭ تۈر-تۈرى ، رەڭگى ، پاسۇنى ، پەسىل خاسلىقى . كەسىپى خاسلىق ،،،قاتارلىق جەھەتتە ئازدۇر-كۆپتۇر كۆڭلۈمدە سان بار ئىدى . ئەرلەرگە قارغاندا ئاياللار بەتخەج ۋە كۆزىگە سىغىپلا قالسا كەيگىلى ۋاقىتى بولمىسىمۇ ئىلىپ تاشلاپ قويدىغان ‹‹ كۆزى توقلۇق ›› خاراكترىنى كۆزدە تۇتۇپ ،  سول تەرەپكە ياقۇت باسقان كالتە يەڭلىك رۇپاشكا دەيدىكەن شۇ ۋاقىتتا تازا مودا بولغان . شۇ كىيىمدىن 40 نەچچە تال ئىلىپ كىلىپ بازارغا سالسام . باشتا ئىككى-ئۈچ ئايال كىلىپ كۆرۈپ بىردىن ئالغان بولدى كىيىن ئالە شەھرىڭنى بىردەمدىلا سېتىلىپ بولدى . ساپ پايدىسىنى سانىسام 780 يۈۋەندەك پايدا قاپتىكەن . ھە بۇمۇ بولدىغان ئىشىكەن دەپ ئەتسى يەنە ئىلىپ چىقتىم . ئۇ كۈنىمۇ بازار شۇنداق ياخشى بولدى بىراق بىر نەچچە كۈندىن كىيىن يىنمدىكى باشقىلارمۇ سودامنىڭ ياخشى بوپ كەتكىننى كۆرۈپ ،چارچاپ قالمىسۇن  ھە-پە دىيشىپ بىرەيلى دىدىمۇ ، مىنىڭ تۇتقان مىلىم بىلەن ئوخشاش مالنى ئىلىپ چىقىپ بازارنى ۋاشاڭ قىلۋەتتى . شۇنىڭ بىلەن مەن مالنىڭ پاسۇنىنى ئۆزگەرتىپ بازارغا سالسام سودا شۇنداق ياخشى بولۋاتقان ؟ -تۇيۇقسىز تىجارەتچىلەر قاچ-قاچ بوپ كەتتى . مەن تىخى قۇشخاندىن پۇتلىرى بوشىنىپ كەتكەن بىر توپ كالا خەقلەرنى سۈرتۈپ كىلۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ قارسام ، بىر نەچچە  بازار باشقۇرۇشنىڭ كاللىرى ئالدىغا ئۇچۇرغان تىجارەتچىنى قوغلاپ سۈرۈپ مۈڭگۈزىگە ئىلىنغان مالنى تارتقۇشلاپ سۈپۈرۈپ كىلۋاتىدۇ . تۇنجى جەڭدە نىمە قىلىشمنى بىلمەي گاڭىراپ قاپتىمەن  . شۇ ئارىدا تولىمۇ ئۇستىخانلىق بىر كالا كىلىپ ھەممە مىلىمنى  تارتىۋالدى . بەك ئىغىر كەلدى- بەك ئىغىر كەلدى . دەسمايە يوق بولدى .قولۇمدا شۇ كۈنى ساتقان بىر نەچچە كىيىمنىڭ پۇلى قاپتۇ . ئەمدى قانداق قىلاي دەپ شۇ پۇلغا يەنە كىيىم ئىلىپ چىقىپ ساتقان بولدۇم . بازار ياخشى  ئەتىراپىمدىكى تىجارەتچىلەر ھۇي بالا ! ھەي ئاداش ! ھەر ئۇكام ! ھەي ئاكا  سىزنىڭ ئالدىڭىز ئۇچۇققكەن جۇمۇ مۇشۇنداق ماڭسىڭىز بىر يىلدا مىليوننىر دەمدۇ بىر نىمە لىيوننىر دەمدۇ بوپ كىتىسىز دەپ ئىچىدە ھەسەت ، تىشىدا بەخىت-ئامەت بايلىق تىلۋاتىدۇ . شۇ ئارىدا ئاكام كۆرۈپ قىلىپ . سەن كەتمەي نىمە قىلىپ يۈرىيسەن ؟ - كەتمەي باركەنسەنغۇ سەن ؟ ماڭ كەت دەپ كاپشىغىلى تۇردى .  بىراق مەن ئىشمنى قىلۋەردىم . ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتۋىدى ھىلىقى كالىلار بەك چىكىدىن ئىشىپ كەتتى . مۈڭگۈزىگە ئىلنىشقاننى  ھارۋىسىغا بىسىپ مىڭىۋەردى . باشقىلار بەك كۆنۈككەن بۇنداق قاچ-قاچقا . بىراق مەن ساق تويدۇم مۇشۇمۇ كۈنمۇ  يىگەن-ئىچكەن چىرايىغا چىقمىسا يا ئادەمنىڭ  دەپ كىتىشنى نىيەت قىلىپ قولدىكى مالنى چىقىرۋىتەي دىسەم  مالنى ساتقىلى قويامدىغان .  ھەر كۈنى تاپقان پۇل ئاشخانا بىلەن ياتاققا كىتىپ كىراغا يىتەرلىك پۇل يوق ،بىر تالاي كىيىم بىسلىپ ياتىدۇ ياتاقتا . بازارغا ئىلىپ چىقىپ باقىمەن بىراق سۋتىش مۈمكىن ئەمەس . باشقىا تىجارەتچىلەر  كالا كەلسە قىچىپ، كەتسە يايمىسنى ئىچىپ قىلۋاتىدۇ بىر ئاماللار بىلەن . چۈشكىچە بازار يوق ، ئاچچىغىمدا مالنىڭ ھەممىسنى ئۈستەل قىلىپ ھازىرقى يولنىڭ چەت بىر يىرىدە ئولتۇرۇپ كالا بىلەن تىقارەتچىلەرنىڭ جىڭنى كۆرۈپ ئولتۇرسام  ئاۋۇ ئايالغا قارا دىگەندەك بىر سىزىم بار . كىشىلەر توپىغا قارسام مىغ-مىغ كىشىلەر توپى ئىچىدە بويى ئىگىز ، يىشى 60 لەردە ، چىرايىدىن نۇر ياغىدۇ ، شۇنداق سالاپەتلىك بىر ئايال كىلۋىتىپتۇ . ئۆزۈمنىڭ شۇ ئايالغا نىمە ئۈچۈن بۇنچىلىك دىققەت قىلغىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن  . شۇ ئايال ئىككى ياندىكى تىجارەتچىلەرگە پەرۋا قىلماستىن  مىنىڭ ئۇدۇلىمغا كەلگەندە تۇيۇقسىز قەدىمىنى مەن تەرپكە توغۇرلاپ كىلىپ . بالام مىلىڭزنى ساتامسىز دەيدۇ . مەن ھەئە دىگەنتىم . قانچە ساتتىڭىز . سانى قانچە دىگەنتى مەن سانى مانچە ، باھاسى مانچە دىسەم . بولدى بالام ھەممىنى مەن ئالاي . ئاپىرىپ قىزلىرىمغا بىردىن كەيدۇرۇپ قويايچچۇ ! دەپلا سومكىسىدىن پۇلنى ئىلىپ بەردى . قايتۇردىغان 60 يۈۋەندەك پۇل لازىم بوپ قاپ . يىنىمدىكىلەرگە پارچىلتالماي . بانكىغا ئەكىرتىپ پارچىلتىپ بىرەيمۇ ھەدە دىسەم ماقۇل ئوغلۇم دىدى . بانكىغا ئەكىرىپ پارچىلتىپ ئاشقان پۇلنى بىرىپ تۇرشۇمغا . يىنىمدىكى بىر ئاداش . ھەدە ئاشقان پۇلنى ئىلىپ قاچارمۇ دىمەي تۇتقۇزۇپ قويدىڭىز ھە پۇلنى دىگەنتى. ئۇ ئايال مەنمۇ ئەمەس. چىرايىغا قاراپ خەقنىڭ ھەققىنى يۇتمايدىكەن دىگەن قاراش بىلەن ئىشنىپ بەردىم پۇلنى دەپ . مالنى سانىماي ، رەڭگىنىمۇ كۆرمەي كۆتۈرۈپ ئىلىپ كەتتى .

مانا ھازىر شۇ ئايال ھاياتىمدا بىر ئەسلىمە . ھەر قىتىم توۋا شۇ ئايالنىڭ 30~20 قىزلىرى بارمىدۇ ؟ نىمە ئۈچۈن كىيمىنىڭ ئايالچە ئىكەنلىگىنى بىلىدۇ ...دىگەندەك تالاي سۇئال كاللامدا پەيدا بوپ قالىدۇ .  شۇندىن كىيىن تىجارەت دىگەن نەرسىنى قىلىپمۇ باقماپتىمەن . ھەممۇ ئۇلۇغ ئاللاھ تىجارەت قىلىپ تۇرمۇشنى قامدايدىغان ئىشقا نىسىپ قىلماي ، ئاسان يول -  ئاسان ئىش بىلەن تۇرمۇش كەچۇردىغان ئىشقا نىسىپ قىپتۇ ، مۇشۇنداق يەڭگىل ، خەترى يوق ، خاتىرجەم ، تۇرمۇش بىسىمى يوق ئىش بىلەن زىرىق بەرگەن ئۇلۇغ ئاللاھقا شۈكۈر !!

  ئ ويلاپ باقسام ،شۇ ئايال شۇ ۋاقىتتا دىگەن سۆزدىن بۇرۇنمۇ ھەممۇ كىيىمۇ ، ئېسىمدە باركى باشقىلار بىلەن  ئۇرشۇپ-سوقۇشدىغان ، تىللىشىدىغان ئىشلارنى قىلسام قىلدىم لىكىن  مۇشۇ ھاياتىمدا خەقنىڭ بەش مو پۇلىسىغا خىيانەت قىلغان ، ياكى قەزىر ئىلىپ بەرمىگەن ، ياكى ئۇنتۇلدۇرۋالغان ئىشنى قىلىپ باقمىدىم ،   يەنە بىر ھەيرانلىقىم  بولسا بىيجىڭدا يۈزش بەردى .


    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-26 04:20 PM  


ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3490
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32319
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3727 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2014-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-26 11:25:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uzum-tal يوللىغان ۋاقتى  2014-7-26 04:12 PM
ماڭا بىر نەچچە قىتىم ئۇچرۇغان مۇنداق ئىش . بىراق ئىچ ...

     مۇنبىرىمىزنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئىنكاسچىسى ، يازغان ئىنكاسلىرى تىما ئىگىسىنىڭ تىما مەزمۇنىدىنمۇ ئۇزۇن ياخشى يىزىلغان ئىنكاسلىرىڭىزدىن بىر نەچچىنى يىغسا ناھايىتى ياخشى پوۋىسىتتىن بىرسى پۈتەمدىكىن دەيمەن

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91880
يازما سانى: 1431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8461
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 845 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-26 11:35:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىللەر شۇنداق ئويلىۋالدىكەنسىلەر . سىللەر شۇ ئۇزۇنراق بىر خەت يازساڭلار پوۋسىت ، ھىكايە ، نەسىر ،داستان ....دەپ ئېلان قىلدىكەنسىلەر . مەن ئۇنداق قارىمايمەن .   . نىمە سىزنىڭمۇ بىرەر  پوۋسىت ، داستان يىزىش خىيالىڭىز بار ئوخشىمامدۇ ؟  بولسا تېمىنىڭ ئىسمنى ئەۋەتىڭ . مەن يىزىپ بىرەي . لىكىن بىر شەرىت بار  . لىكىن چېكىت-پەشلىرىنى ئۆزىڭىز قويۋالىسىز ۋە ئىملا خاتالىقىنى ئۆزىڭىز توغۇرلىۋالسىز . مىنىڭ بۇ ئىش بىلەن مىجەزىم چىقىشمغاچ شۇڭا تېما يازمايمەن . ئاۋارچىلىقى بەكلا كۆپ ئىشكەن . ھەر بىر قۇر خەتنىڭ ئۈستىدە خۇددى ئىككى دانە چۈمىلە ئۇچۇرشۇپ قالسا بىر-بىرىنى پۇراپ ماڭغاندەك . ھەر بىر ھەرىپنى پۇراپ تۈزۇتىدىغان گەپكەن .

   كۆپۈنچە تورداشلار سىلە ئىنكاسنى كەڭ دائىردە يازدىكەنسىلەر دەيدۇ . بىراق خەتنى بەك تىز ئۇرمەنمۇ قانداق تاراك-تاراك قىلىپ ئاخىردا يوللاي دەپ قارسام نەچچە مىتىر بوپ قالدىكەن . يوللىۋىتىپلا كىنو كۆرگەچ چېكىت-پەشلىرىنى ۋە باغلاشمىغان جۇملىلەرنى تەھىرلەپ قويمەن،  شۇنداقتىمۇ ئىملا خاتالقى ۋە باغلاشمىغان يەرلەر كۆپكەن . بۇنى نەچچە كۈندىن كىيىن ھىس قىلىمەن  يەنە بىر جەھەتتىن بۇ  ئۇسۇلمۇ تېما ئىگىسىكە بولغان ھۆرمەتتە .  شۇنچە ئەجىر قىلىپ تېما يوللىسا . رەھمەت ! قولىڭزغا دەرت كەلمىسۇن ! بەك ياخشى يىزىپسىز ...دەپلا گازىر شاكىلدەك كىچىكلا ئىنكاسنى يىزىپ قويسا ، قويسا خۇددى بىر رەسمىيەتچىلىك بىلىنىپ قالدىكەن . مىنىڭ تېمىغا كۆز-قارشىمنى كۆپرەك سىڭدۇرۈپ قويشۇم باشقىلارنىڭ بەرگەن كۆڭۈل سوۋغىسىقا قارتا مۇناسىپ ھالدا بىلدۈرگەن كۆپرەك كۆڭۈل سوۋغىسدۇر بەلكىم ؟ ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-27 12:09 AM  


سالۇن: Uyenene

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7972
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9838
تۆھپە نۇمۇرى: 574
توردا: 713 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-27 07:21:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەسىرلىك ھە؟!~

30يۈەنگە 30 كۈن پۈتۈن جوڭگۇغا چەكسىز تېلفۇن قىلىڭ! چ چ 250054423  سالۇن: Uyenene

armanim120@hotmail.com

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2006
يازما سانى: 1116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14451
تۆھپە نۇمۇرى: 451
توردا: 2943 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-9 07:54:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uzum-tal يوللىغان ۋاقتى  2014-7-26 04:12 PM
ماڭا بىر نەچچە قىتىم ئۇچرۇغان مۇنداق ئىش . بىراق ئىچ ...

ئۈزۈمتال بۇرادەر، بېيجىڭدىكى ھەيرانلىقىڭلار تېخى يېزىلمايدىغۇ ؟!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91880
يازما سانى: 1431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8461
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 845 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-9 09:11:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ArmanimⅡ يوللىغان ۋاقتى  2014-8-9 07:54 PM
ئۈزۈمتال بۇرادەر، بېيجىڭدىكى ھەيرانلىقىڭلار تېخى يې ...


  مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ كۈندىلىك خاتىرسىغا يازغان خاتىرنىڭ ئاخىرىنى  دەمسىز ئاداش ؟

armanim120@hotmail.com

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2006
يازما سانى: 1116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14451
تۆھپە نۇمۇرى: 451
توردا: 2943 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-9 10:38:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uzum-tal يوللىغان ۋاقتى  2014-8-9 09:11 PM
مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ كۈندىلىك خاتىرسىغا يازغان خاتى ...

مەن نەقىل قىلغان ئىنكاستىكىنى دەيمەن بۇرادەر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91880
يازما سانى: 1431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8461
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 845 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-9 10:54:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ArmanimⅡ يوللىغان ۋاقتى  2014-8-9 10:38 PM
مەن نەقىل قىلغان ئىنكاستىكىنى دەيمەن بۇرادەر.

   

   ئەمدى چۈشەندىم ئاداش . بولىدۇ چوقۇم  ۋاقىت چىقىرىپ يازىمەن .

armanim120@hotmail.com

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2006
يازما سانى: 1116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14451
تۆھپە نۇمۇرى: 451
توردا: 2943 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-9 10:58:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uzum-tal يوللىغان ۋاقتى  2014-8-9 10:54 PM
ئەمدى چۈشەندىم ئاداش . بولىدۇ چوقۇم  ۋاقىت چىقىرى ...

ساقلاپ قالدىم ئەمىسە.

يۈرەككە قويۇلغان قول!ق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 1417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15229
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 3602 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 12:50:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ ھىكايىنى شىنجاڭ اياللىرى ژورنىلىدا  وقۇغان ىدىم  ' بەك  ياخشى يىزىلغان ەسەر!  اللاھ ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچى .بەندىسىنىڭ  ەھۋالىنى  بىلگۈچىدۇر!

ئاللاھ ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام چۈشۈمگە كىردى، لېكىن مەن ئالدامچىلىق ھېلە مىكىرلەرنى رەزىللىكلەرنى بىلمەيمەن!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش