مـەۋھـۇم دۇنـيـا
ساڭا باغلانغان ئىككى يىللىق مۇساپەمنىڭ تاناۋىنى تارتىشنى ئويلىشىم قالدىم، كۈندىن-كۈنگە بولىنىۋاتقان چاقچاق ھەقىقەتلىرى يىزىلىۋاتقان مۇھەببەت لىرىكىلرى،قەدەمدە بىر ئۇچىراۋاتقان يۇمۇرىستىك قىز-يىگىتلەر ئارىسىدىن مىھرىم قايىتتى، چۈنكى مەن مەۋھۇم دەرۋازىسىنىڭ سىرلىق ئىشىكىنى چەككەن شۇ مىنۇت ئۆزۈمگە بىر تالاي ۋەدىلەرنى بىرىپ، قەدىمىمنى ‹ بىسمىللا › دەپ ئالغىنىم، تا بۈگۈنكى قەدەر ئىسىمدە. قانچە رەت ئەمەل قىلالمىغان ۋەدەمنى ئۇنتۇشنى نىيەت قىلغان بولساممۇ، لىكىن مىنىڭ ئەركەكلىك ۋىجدانى غۇرۇرۇم،شۇ ھەقىقەت نۇرىغا تىكىلب قاراشقا خىجىل قىلدى. مەن كىم دەپ ئۆزۈمگە ئۆزۈم قانچا رەت ئىما قىلدىم، قىنى دىگىنىە ۋىجدانىم مەن كىم ؟يۈرۈكۈڭدىكى چىن سەمىمىيتىڭ بىلەن ئىيىتقىن، يالغان ئىيتساڭ تىلىڭنى كىسىمەن دىگەندەك تەنە ئارلاش كىنايە سۆزلىرىمگە بۇ ساددا ئەمما ۋاپاسىز ۋىجدانىىم ماڭا ناتۇنۇش بىراۋدەك تىكىلمەكتە.
مانا قاراپ تۇرۇپتىمەن..؟ مانا دەرھەقىقەت ئۆزۈمنىڭ ئەركەكلىك ۋىجدانى غۇرۇدىن بىر پارچە بولسىمۇ ئىپادە چىقتىمۇ..؟ قاراپ تۇرۇشى شۇ ئەينا، نىمە دىگۈلۈك ؟ تەكلىماكاننىڭ قۇملىقىدا ئۇسساپ چاڭقىغان كارۋان ئەھلىمۇ سەندىن يىقىشلىقراق قارايدۇ ماڭا.ۋىجدانىم سەن ماڭا خىيانەت قىلدىڭ، زادى دىگىنە..؟ سەن ماڭا شۇ ۋاختىدا يەنى شۇ دىكابىر ئىيىدا بەرگەن ۋەدەڭنى نىمىگە ئۇنتۇيسەن. مىنى قانچىلىك زور ئىستەك ۋە ئالى ئارمانلارنى يىپىنچاقلاپ مىنى بۇ مەۋھۇم دىگەن ھەقىقەت ئۆگزىسىنى ئۆرۈۋىتىدىغان، قاراپ تۇرۇپ يالغانچىلىق بىلەن تۈمەنلەرچە ۋەدىلەرنى ھىيىقماستىن ياكى خىجىل بولماستىن بىرىدىغان زامانغا بەرگەن كۆزلىرىنى مەۋھۇمدا ئايايدىغان.قەلبىنى پاك كۆرسىتىپ تىلى شىكەر دىلى زەھەرلىك بىلەن ياخشىلارغا قامچا ئۇرۇدىغان مانا مۇشۇنداق مەۋھۇمغا باشلاپ كىردىڭ.
ئاخشام تولۇن ئايغا قاراپ ۋە چەكسىز كەتكەن يۇلتۇزلارغا قاراپ، رەببىمنىڭ ھەقىقەتەن بىر قۇدرەت ئىگىسى بولغنىدىن بەكمۇ پەخىرلەندىم، تۈۋرۈكسىز يارالغان ئاسمانغا قەدەمدە بىر سۇئال قويغۇم بار، خۇددى ئالدىنقى كۈنىسى ساڭا سۇئال قويغىنىم يادىڭدا بارمۇ ئەي ئاسمان. مەن ساڭا سۇئال قۇيۇشقا ھەققىم ياكى ھەددىم بولمىسىمۇ. لىكىن قەتتىلىك بىلەن دادىل پىكرىمنى ساڭا ئاتىدىم، چۇنكى بۇنىڭدىن رەببىمنىڭ خەۋرى بار ئەمەسمۇ ؟ سىنى تۈۋرۈكسىز قىلىپ يارىتالىغان رەببىم بىزلەردىنمۇ بىر كۈنلەرى ھىساپ ئالالايدىغانلىقى بۇ بىر كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت ئىدىغۇ. كىشىلەر نىمە ئۈچۈن سېنىڭ تۈۋرۈكسىز تۇرۇپ، كىشىلەرگە خىزمەت قىلىدىغانلىقىڭنى بىلىشمەيدىغاندۇ..ياكى بىلىشىپ تۇرۇپمۇ ،مەنسىتمەمدىغاندۇ؟
يالغانچىلىق بىلەن ساختىلقنى ئۆزىگە نىقاب قىلىۋالغان قىرىنداشلىرىم، سىلەرمۇ ئىنسانغۇ..سىلەرمۇ يارىتىلغان ئىنسانغۇ، كۆزۈڭلارنى نىمە ئۈچۈن ناشايەن ئىشلاردىن ئايرىپ، ھەقىقەت ئالىمى بولغان رەببىمىز قۇدرەتلىرىگە بىرىشتىن يىنىۋالىسىلەر.
كۆزۈمگە. مەۋھۇم دۇنياغا بىرلىپ، رەببىم قۇدرىتىگە ناقايىل بولغان شەخىسلەر توپلىمى بىر-بىرلەپ تىقىلىشقا باشلىدى، قاچانغىچە يۈرۈيمىز ئەي ئىنسسانلار بىز. بىز نەدىن پەيدا بولغان، قانداق بولۇپ چوڭ بولۇپ قالغان، ئىككى ئالەملىك تۇرمۇشىمىزنى قانداق ئۆتكۈزۋاتىمىز. رىئاللىقىتىن قاخشايمىز..مەۋھۇملىقتىكى ئىنسانلارنى كۆرمەي تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئاشىق بولىمىز، ۋە ئۇنىڭغا چەكسىز مىھرى-مۇھەببەت بىغىشلايمىز،ۋە بىردەمدىلا غايىۋى ئاخىرى چىقماس نىشانىمىزغا يىتەلمەستىن يىنىۋالىمىز، بىزلەر مانا مۇشۇنداق ئىنسانكەنمىز.كۆزىمىز كۆرگەنگە نارازىلىق كۆزىمىزنى ئۇۋلايدىكەنمىز، يوقىنى بار دىسە،ھەقىقەتنى يوققا چىقىرىپ يالغانچىلىق شوتىسىغا تىنماي يامىشىدىكەنمىز، چۈشۈپ كىتىشكە ئازلا قالغاندا ۋاي خۇدايىم، مەن سىنىڭ بەندەڭ جۇمۇ، دەپ ۋىجدانىمىزنى تۇتۇپ باقىدىكەنمىز.
ئەي مەۋھۇم دۇنيا ! ساڭا بىقىنغان، رىئاللىقتىن قايغۇرغان كىشىلەرگە قاراپ ئىچىنىپ باقتىڭمۇ، ۋە ساداقەتلىك كۆزلىرىڭدە سەمىمىيەتلىك يىشىنى ئاقتۇرۇپ باقتىڭمۇ ؟ ساڭا ئالى جانابلىق بىلەن مىھرىنى بەرگەن ئىنسانلارنى سەن نىمە بىلەن تارتۇقلىدىڭ. دەب باقە قىنى ؟ دەل مۇشۇ ۋاقىتتا مىنىڭ ۋىجدانىم كۆكرەك كىرىپ يالغانچىلىق دەيدۇ ؟ لىكىن سەن بۇنى ئىتراپ قىلمايسەن، بىلىمەن ئىتراپ قىلماسلىقىڭنى..چۇنكى سەن دىگەن مىليۇنلىغان ئالى جاناپ پەيلاسوپلارنى، تۈمەنلىگەن ئوماق خانىم-قىزلارنى، سانسىزلىغان ئۆزىنى ئەركەك بىلىدىغان داغدام يول دەپ قەدەم ئالغان ئىنسانلار توپىنى ئۆزۈڭگە بىقىندۇرۋالغان تۇرساڭ، سەن نىمىدىگەن بەخىتلىك ، نىمىدىگەن ئوماق، نىمىدىگەن ئالى-جاناب ھە، ئۆزۈڭگە كىر يۇقتۇرمايسەن. چۈنكى سەن دىگەن ئۆچمەس ھەم ئۆلمەس بىر مەۋھۇم دۇنيا تۇرساڭ.
تۈمەنلىگەن مەۋھۇم دۇنياغا بىرىككەن دوسلىرىمغا شۇنداق خىتاب قىلغۇم كىلىدۇ، ھەممەيلەن كىتىمىز ئەي مەۋھۇم ئەھلى..؟ قاراڭلار ۋە كۈزۈتۈپ بىقىڭلار ،تۈندىكى يۇلتۇزلارغا قاراپ .سىلەرمۇ كىچىمۇ كۈندۈز مەۋھۇم دۇنياغا بىرىككەن ۋە ئۇنى تۇرمۇشۇڭلارنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ ھىساپلىغان بىلەن.يۇلتۇزلار ئۇنداق ئەمەس، چۈنكى يۇلتۇزلار سىلەردىن تولا،سىلەر كىچىمۇ-كۈندۈز مەۋھۇم دۇنيا دەرۋازىسىنى ئۇرغىنىڭلار بىلەن، يۇلتۇزلارچۇ، ئۇلار ھەقىقەت ئىگىسىنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا كۈندۈزى بىزلەرنىڭ ئىپپەتسىزلىككە تولغان كۆزلىرىمىزگە قارىمايدۇ. لىكىن بىزچۇ..؟ كىچىمۇ-كۈندۈز يالغانچىلىق ۋە ساداقەتسىزلىكنى ئۆزىمزگە ئۇستاز تۇتۇپ، ھەقىقەتنىڭ ئىگىلىدىغان ئەمما سۇنمايدىغانلىقىدىن كۆزلىرىمىزنى ئىلىپ قىچىۋاتىمىز.ھەممەيلەن بىر ‹ ئاللا › نىڭ بەندىسى ، بىر ياراتقۇچىنى بىلگەن ئىكەنمىز نىمىشقا ھەقىقەتنى بۇ مەۋھۇم دۇنيا رىۋايىتى بىلەن تۇشقۇزۇپ، ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلىمىز.
ياكى بىزگە مەۋھۇم دۇنيا بىر ئۆمۈر ھامى بولالامدىغاندۇ.
مەنبە : مۇڭلان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-23 12:48 PM