Azizan يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 08:04 PM
مېنىڭچە ئاپتور بۇ تىمىدا چۈشىنىشلىك بولۇشى ئۈچۈن بەك ...
مۇشۇنداق كۆپ نۇقتا ،كۆپ تەرەپلىمە ، ئىنچىكە نۇقتىلار...قاتارلىق ھالقىلارغىچە قىلنىغان تەھلىل قارىماققا مۇقىم نەتىجىنى چىقىرىپ بىرەلمىسمۇ بىراق نەتىجىنىڭ قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە بولسىمۇ ئەكىرىپ قويدۇ . ئىزدىمەكچى بولغان نەرسىنىڭ قوشنىسىنى تاپقان ئىكەنمىز چوقۇم ئىزدىمەكچى بولغان نەرسىنىمۇ تاپالىشىمىزدە گەپ يوق .
كۆز-قارشىڭلار ھەقىقەتەن ياخشى . دىننى تېمىلاردىمۇ كۆز-قارشىڭلار پاكىز ماڭىدىكەن . مۇنداق مەسىللەرگىمۇ ھەقىقەتەن تەھلىلنى ھالقىلىق يىردىن تۇتىۋىلىپ قىلدىكەنسىلەر .
قانداق ئىشكەن تاڭ ! دىننىي مەسىللەردە تەپەككۇرى جانلىق ئادەم . باشقا پەنلەرگە ئائىيىت مەسىللەرتدىمۇ ئىنتايىن جانلىق ۋە زىل تەپەككۇر قىلدىكەن . ھەممۇ ھەر بىر مەسىللەردە ئويلىمىغان نۇقتا ، ئويلىمىغان تەرەپلەردە تۇرۇپ تەھلىل قىلدىكەن شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەر بىر مەسىلىدە باشقىلارنىڭ پىكىرىنى نۇسخىلاشتىن ئىمكان بار ساقلىندىكەن .
ئېزدىنىشتا بىر ئاداش باركەن 886 دەپمۇ شۇنداقراق ، يەنە بىرسى ئارمان ، ئېزچىلار ، ئەنۋەر جۇلا ، ئۇيغۇر دەپ ... مەيلى دىننى تىما بولسۇن ، مەيلى پەننى مەسىللەر بولسۇن ئوتتۇرغا قويغان كۆز-قاراشلىرى جانلىق ۋە كۆپ قىرلىق . پات-پات كىرىپ مۇشۇ ئەزالارنىڭ ئىنكاسىنى ئوقۇپ قويمەن . بۇنىڭ ئىچىدە بىرسىنىڭ ھەقىقەتنمۇ ئەقلىنىڭ كامىللىقىغا گەپ كەتمەيدىكەن بىراق قەلبىدە ئىغىر كىسەل باركەن لىكىن شۇنداقتىمۇ پايدىلىق تەرەپلىرى قوبۇل قىلىشقا بولغۇدەك يەرلىرى بولسا قوبۇل قىلسا بولغۇدەك دەپ قاردىم . يەنە ئىككى قىز بار ، ئىسمى ئېسىمدە قالماپتۇ ، بۇ ئىككى قىزنىڭمۇ ئىنكاسى كۆپ قىرلىق ۋە ئۆزگىچە خاسلىق بار . ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز ياراشقاندەك بۇ ئىككى قىزنىڭ ئىنكاسىدىن شۇ ئىككى قىزنىڭ ئىككى خىل خاراكتىرىنى تولۇق تولۇق بىلۋالغىلى بولدىكەن . قانداق خاراكتىر دىسە ھەر قانداق بىر ئىنكاستا بۇرۇنقى ئاداۋەت ۋە بۇرۇنقى ئۆچمەنلىشىپ قالغان مەسىلە سەۋەپلىك قارشى تەرەپنى قەلەمدە باسمايدىكەن . خاتالىق مۇسۇلماندا بولسا مۇسۇلماننى ، دىنسىزدا بولسا دىنسىزنى سوتلاپ تۇرۇپ باھا بىردىكەن مۇشۇ تەرىپىنى ياقۇتۇرپ قالدىم . يەنە بىر قىز بولسا شۇنچىلىك زىرەككەن بىراق قەلبىدە ئىغىر يارا باركەن . بۇ ئەزالارنىڭ ئىنكاسىنى ئوقۇشمۇ بىر خىل راھەت بىلىندىكەن ، ھەر بىر ئوقۇسا ياخشى يېزىلغان بىر پارچە نادىر روما ندەكلا تەسىر بىردىكەن . ھەممە ئىشقا چىپىلغاقمۇ قانداق مەن ؟! قايسى مۇنبەرلەرگە كىرىپ قالسام . ئەڭ پىكىرلىك ئەزالارنىڭ مىجەز-خاراكتىرى ئۈستىدە ئويلىنىپ باقىدىكەنمەن .
ئەركىن ئاكىمىزنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن باسقان ھەر بىر قەدىمىنىڭ غەلبىلىك بولۇشىنى ۋە ئۆزى بىلەن بىرگە ئائىلىسىنىڭ شاد-خۇرام ئۆتۈشىنى ئاللاھتىن تىلەيمىز !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-30 04:13 AM