ئالدى بىلەن مۇسلىنە ھەدەمنىڭ مۇنۇ كۈندىلىك خاتىرىنى يېزىشنى باشلىغانلىقىنى كۈرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم، بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ، تىلىكىم مۇشۇ تېمىنىڭ توختاپ قالماي داۋاملىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ھەم ئۈزۈممۇ يېزىپ ماڭىمەن.
2014-يىلى 8-ئاينىڭ 2- كۈنى(شەنبە)
ھاۋا ئۇچۇق
تۈنۈگۈن كىچىچە ياققان يامغۇر بىرخىل خۇشاللىقتىن بىشارەت بىرىۋاتاتتى، چۈنكى بۈگۈن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر كۈن ئىدى. يەنە 5 يىلدىن بىرى تۇلۇقسىزدا بىللە ئۇقۇپ تا ھازىرغىچە ئالاقىمىزنى ئۈزمىگەن ساۋاقداشلىرىم بىلەن يىغىلىش قىلىشقا دېيىشكەن ئىدۇق، جاھاندا ساۋاقداشلىق مېھرىدىنمۇ ئارتۇق مېھىر مۇھەببەت بولماسلىقى مۇمكىن.
تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئالدىراش ھالدا بۈگۈنكى پائالىيەت ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا كىرىشتىم، بىر جەھەتتىن خۇشال بولسام يەنە بىر جەھەتتىن سەل جىددىيلىشىۋاتاتتىم، يۈرۈكۈم بىر خىل تىز سۇقىۋاتاتتى، بەزى ساۋاقداشلىرىمنى كۆرمىگىلى ئىككى يىلغا يېقىن بولغاچقا، ئۇلارنى سېغىنغان ئىدىم، ھەم بەزى دوسلار بىلەن پەقەت ئالاقە قىلمىغان ئىدۇق، بۈگۈن ھەم سۈيۈملۇك ئۇستازلىرىم كىلەتتى، ئۇلارنىمۇ شۇنداق سېغىنغان ئىدىم. سائەت 10 مۇ بولدى، يولغا چىقتىم، مەكتەپ ئالدىغا چىقتىم، تا ھېچكىنىڭ سايىسىمۇ كۈرۈنمەيىتتى، ساقلا، ساقلا نە بالىلار كەلمىدى، بىر نەچچە سائەت ئۆتتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاقىت قارىشىنىڭ ناھايىتى سۇسلىقىنى بۈگۈن ھېس قىلدىم، نە ئامال، ئوندا دېگەن يەرگە 12 بىلەن كەلدۇق. 20 نەچچەيلەن يىغىلىپتۇ، شۇنداق قىلىپ يىغىلىش باشلاندى، ئۇزاق ئۆتمەي ئۇقۇتقۇچىلار يىتىپ كەلدى. يەنە بۇرۇنقى شۇ سىنىپتىكى ھالەت شەكىللەندى، ساۋاقداشلار ئۆز ئارا تاماق يىگەچ كۆڭۈل سىرلىرىمىزنى ئۆز-ئارا تۈكۈشتۇق، مەنمۇ ئىچىمدىكى گەپلەرنى دىۋىلىپ ناھايىتى يەڭگىللىەپ قالدىم.