بۇ ھەقتىكى ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلىپتۇ :
گەرچە جۇ ئېنلەي ، لۇشۈن ( جۇشۇرېن) ۋە جۇ يوڭكاڭلارنىڭ ئەجدادى تارىختا ئۆتكەن بۈيۈك ئۆلىما جۇ دۇنيىغا تۇتىشىدىغان بىر ئۇرۇغدىكى كىشىلەر بولسىمۇ ئەمما ، جۇ زوڭلى ۋە لۇشۈن ئەپەندىلەر بارلىقىنى دۆلەت ۋە خەلققە بېغىشلاپ ، بىر ئۆمۈر پاك-دىيانەت بىلەن ئۆتۈپ ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قەھرىمانىغا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەن-ئەنىلىرىنىڭ ۋارىسچىلىرى ۋە تەرەققىي قىلدۇرغۇچىلىرىغا ئايلىنىپ ، جۇ ئۇرۇغىدىكىلەرنىڭ ئىپتىخارىغا ئايلاندى. ئۇلار بىزنىڭ ئۈگىنىش ئۈلگىمىز بولۇشقا ئەرزىيدۇ .
ۋەھالەنكى ، چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ ۋەكىلى بولغان « چوڭ يولۋاس» جۇ يوڭكاڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سابىق موھىم رەھبەرلىرىنىڭ بىرى ھەم ئېسىل نەسەبلىك جۇ ئۇرۇغىدىن بولسىمۇ ئەمما ، مەنپەئەتكە بېرىلىپ ، ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ ، ئومۇمنىڭ ئىقتىزادىغا چاڭ سېلىپ ، « پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، جۇ ئۇرۇغىدىكىلەرنىڭ ئېتىقادى ۋە ئىستىلىدىن يۈز ئۆرۈپ ، 25 يىلدىن بۇيان جىياۋ زىياڭ ۋە خۇ چىلىدىن كېيىنكى جازاغا ئۇچرىغان ج ك پ سېياسىي بىيرۇسى دائىمىي كومىتېتىدىكىلەرنىڭ يەنە بىر بولۇپ قالدى . ئۇ پارتىيىگە ، دۆلەتكە ، خەلققە يۈز كېلەلمەيلا قالماي يەنە جۇ دۇنيى ، جۇ ئېنلەي ، لۇشۈن قاتارلىق جۇ جەمەتىدىكىلەرگە تېخىمۇ يۈز كېلەلمەيدۇ » .
http://blog.ifeng.com/article/33691221.html?touping